تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   شىنجاڭ

مىللەتنى گۈللەندۈرۈشتە، جەزمەن يېزا - كەنتلەرنى گۈللەندۈرۈش كېرەك

− باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ مەركەز يېزا خىزمىتى يىغىنىدا قىلغان مۇھىم سۆزى ئاپتونوم رايونىمىزدا كۈچلۈك ئىنكاس قوزغىدى

شىنجاڭ گېزىتى پۈتۈن تاراتقۇ مۇخبىرلىرى

«جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئۇلۇغ گۈللىنىشىدىن ئىبارەت ئىستراتېگىيەلىك پۈتۈن ۋەزىيەتتىن قارىغاندا، مىللەتنى گۈللەندۈرۈشتە، جەزمەن يېزا - كەنتلەرنى گۈللەندۈرۈش كېرەك.» ئىككىنچى 100 يىللىق كۈرەش نىشانىغا قاراپ ئاتلىنىدىغان تارىخىي ئۆتكەلدە، باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ مەركەز يېزا خىزمىتى يىغىنىدا قىلغان مۇھىم سۆزى ئاپتونوم رايونىمىزدا كۈچلۈك ئىنكاس قوزغىدى. كۆپچىلىك بىردەك مۇنداق بىلدۈردى: يەنىمۇ ئىلگىرىلىگەن ھالدا دىققەتنى يېزا ئىگىلىكى، يېزا، دېھقانلارغا مەركەزلەشتۈرۈپ، يېزا - كەنتلەرنى گۈللەندۈرۈشنىڭ ئىچكى ھەرىكەتلەندۈرگۈچ كۈچىنى قوزغىتىپ، يېزا ئىگىلىكىنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك، يۇقىرى ئۈنۈملۈك بولۇشى، يېزا - كەنتلەرنىڭ ئولتۇراقلىشىشقا، كەسىپ بىلەن شۇغۇللىنىشقا باب كېلىشى، دېھقانلارنىڭ باي - باياشات بولۇشىنى ئىلگىرى سۈرۈش كېرەك.

شىنجاڭ يېزا ئىگىلىك چوڭ رايونى. «13 - بەش يىل» مەزگىلىدە، پۈتۈن ئاپتونوم رايون بويىچە يېزا ئىگىلىكىدىكى تەمىنات تەرەپلىك قۇرۇلمىلىق ئىسلاھات چوڭقۇرلاشتۇرۇلۇپ، يېزا ئىگىلىك ئىشلەپچىقىرىش ئىقتىدارى يېڭى پەللىگە كۆتۈرۈلدى. شۇنىڭ بىلەن بىللە، پۈتۈن ئاپتونوم رايون بويىچە يېزىلاردا خەلق تۇرمۇشى كۆرۈنەرلىك ياخشىلاندى، يېزا - كەنتلەرنىڭ قىياپىتى يېپيېڭى تۈسكە كىردى، پۈتۈن ئاپتونوم رايون بويىچە يېزا ئاھالىلىرىنىڭ ئىلكىدىكى ئوتتۇرىچە كىرىمى «12 - بەش يىل»نىڭ ئاخىرىدىكى 9425 يۈەندىن 2019 - يىلىدىكى 13 مىڭ 122 يۈەنگە كۆپەيدى. ئاپتونوم رايونلۇق يېزا ئىگىلىكى - يېزا نازارىتى پارتىيە گۇرۇپپىسىنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى، نازىر تۇرسۇنجان ئېلى مۇنداق دېدى: بۇلارنىڭ ھەممىسى نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش جېڭىدە قەرەلىدە غەلىبە قىلىش، ئومۇميۈزلۈك ھاللىق جەمئىيەت قۇرۇپ چىقىشنى كۈچلۈك تىرەك بىلەن تەمىنلىدى.

بۇ يىل 11 - ئايدا، شىنجاڭدىكى ئەڭ ئاخىرقى ئون نامرات ناھىيە نامرات ناھىيە قاتارىدىن چېكىنىپ چىقتى. ئاپتونوم رايونلۇق نامراتلارنى يۆلەش - روناق تاپقۇزۇش رەھبەرلىك گۇرۇپپىسى ئىشخانىسىنىڭ 1 - دەرىجىلىك كۆزەتكۈچىسى چېن لېي مۇنداق دېدى: ئاپتونوم رايونلۇق نامراتلارنى يۆلەش - روناق تاپقۇزۇش رەھبەرلىك گۇرۇپپىسى ئىشخانىسى ئاپتونوم رايوننىڭ ئومۇميۈزلۈك نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش بىلەن يېزا - كەنتلەرنى گۈللەندۈرۈشنى ئۈنۈملۈك جىپسىلاشتۇرۇشنى داۋاملاشتۇرۇپ ئالغا سىلجىتىش توغرىسىدىكى يېتەكچى پىكرى بويىچە، نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش نەتىجىلىرىنى مۇستەھكەملەش، كېڭەيتىشنى يېزا - كەنتلەرنى گۈللەندۈرۈش بىلەن ئىدىيەۋى تونۇش، نىشان - ۋەزىپە، خىزمەت تەدبىرى، سىياسەت جەھەتتىن قوللاش، خىزمەت مېخانىزمى جەھەتلەردە ئۈنۈملۈك جىپسىلاشتۇرۇشنى ئىشقا ئاشۇرۇپ، تەرەققىيات ھەرىكەت ئېنېرگىيەسىنى ئۈزلۈكسىز كۈچەيتىپ، يېزا - كەنتلەرنى گۈللەندۈرۈشكە پۇختا قەدەم ئالىدۇ.

«نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش بىلەن يېزا - كەنتلەرنى گۈللەندۈرۈشنى ئۈنۈملۈك جىپسىلاشتۇرۇشنى ئالغا سىلجىتىشنىڭ ئاچقۇچلۇق مەزگىلىدە، مەركەزنىڭ يېزا خىزمىتى يىغىنى ئېچىشىنىڭ ئەھمىيىتى مۇھىم، زور بولۇپ، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ <يېزا ئىگىلىكى، يېزا، دېھقانلار> خىزمىتىگە يۈكسەك ئەھمىيەت بېرىدىغانلىقىنى تولۇق نامايان قىلدى.» شىنجاڭ يېزا ئىگىلىك داشۆسىنىڭ مۇدىرى، شىنجاڭ يېزا - كەنتلەرنى گۈللەندۈرۈش تەتقىقات يۇرتىنىڭ باشلىقى جياڭ پىڭئەن مۇنداق دېدى: «يېزا ئىگىلىكى، يېزا، دېھقانلار» خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەش يېزا ئىگىلىكىنىڭ ئاساسىي گەۋدىسىنى مۇقىملاشتۇرۇش، «يېزا ئىگىلىكى، يېزا، دېھقانلار» ئاساسىنى ياخشى ساقلاشتا ئەھمىيىتى مۇھىم، زور. يېزا ئىگىلىكى ھەرقانداق ۋاقىتتا ئىقتىساد، جەمئىيەت تەرەققىياتىنىڭ ئۇل تېشى بولۇپ، «تۇراقلاشتۇرغۇچ»لۇق رولىغا ئىگە، ئاپتونوم رايوندىكى يېزا ئىگىلىكىگە چېتىلىدىغان ئالىي مەكتەپ بولۇش سۈپىتىمىز بىلەن، بىز «يېزا ئىگىلىكى، يېزا، دېھقانلار»غا مۇلازىمەت قىلىش ئىقتىدارىمىز ۋە سەۋىيەمىزنى ئۈزلۈكسىز ئۆستۈرىمىز.

«باش شۇجى مۇنداق تەكىتلىدى: نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىشتا غەلىبە قولغا كەلتۈرۈلگەندىن كېيىن، يېزا - كەنتلەرنى گۈللەندۈرۈشنى ئومۇميۈزلۈك ئالغا سىلجىتىش كېرەك، بۇ، <يېزا ئىگىلىكى، يېزا، دېھقانلار> خىزمىتىنىڭ ئېغىرلىق مەركىزىنىڭ تارىخىي خاراكتېرلىك يۆتكىلىشى.» ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتى پارتىيە مەكتىپى (مەمۇرىيەت شۆيۈەنى) ئىقتىساد ئىلمى ئوقۇتۇش - تەتقىقات بۆلۈمىنىڭ دوتسېنتى چۈ جيەنرۇڭ مۇنداق دېدى: بۇ، بىزدىن جەزمەن نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش نەتىجىلىرىنى چىڭ ساقلاپ، خىزمەتتە بوشلۇق قالدۇرماسلىقنى، سىياسەتتە بوشلۇق قالدۇرماسلىقنى تەلەپ قىلىدۇ. كەسىپلەرنى تەرەققىي قىلدۇرۇش ۋە ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇشنى ئىلگىرى سۈرۈش خىزمىتىنى گەۋدىلىك ياخشى ئىشلەپ، يېزا - كەنت قۇرۇلۇشى ھەرىكىتىنى زور كۈچ بىلەن يولغا قويۇپ، يېزىلاردا خەلق تۇرمۇشى قۇرۇلۇشىنى سىجىل كۈچەيتىپ، يېزا ئىگىلىكى، يېزىلارنىڭ تەرەققىيات ھاياتىي كۈچىنى ئۈزلۈكسىز يېتىلدۈرۈپ ۋە ئۇرغۇتۇپ، يېزا ئىگىلىكىنىڭ ئومۇميۈزلۈك دەرىجىسىنى ئۆستۈرۈپ، يېزىلارنىڭ ئومۇميۈزلۈك تەرەققىياتىغا، دېھقانلارنىڭ ئومۇميۈزلۈك تەرەققىياتىغا تەدرىجىي تۈرتكە بولىمىز.

«ئاشلىق بىخەتەرلىكىدىكى تەشەببۇسكارلىق ھوقۇقنى مەھكەم ئىگىلەپ، ئاشلىق ئىشلەپچىقىرىشنى يىلمۇيىل چىڭ تۇتۇش كېرەك.» مەركەز يېزا خىزمىتى يىغىنىدا، باش شۇجى شى جىنپىڭ ئاشلىق ئىشلەپچىقىرىش مەسىلىسىنى يەنە بىر قېتىم تەكىتلىدى. ئاپتونوم رايونلۇق يېزا ئىگىلىكى - يېزا نازارىتىنىڭ باش ئاگرونومى لى جىڭ مۇنۇلارنى بىلدۈردى: بىز ئاشلىق بىخەتەرلىكىگە كاپالەتلىك قىلىشنى گەۋدىلىك ئورۇنغا قويۇپ، ئاشلىق ئىشلەپچىقىرىشنى قىلچە بوشاشتۇرماي ياخشى تۇتۇشىمىز كېرەك. ئاشلىق بىخەتەرلىكىگە كاپالەتلىك قىلىشنى «يېزا ئىگىلىكى، يېزا، دېھقانلار» خىزمىتىدىكى بىرىنچى دەرىجىلىك مۇھىم ئىش ۋە باش ۋەزىپە قىلىپ، تۈرلۈك خىزمەت ئورۇنلاشتۇرمىلىرىنى ئومۇميۈزلۈك ياخشى ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، ھەقىقىي تۈردە ئاشلىق ئۇنىۋېرسال ئىشلەپچىقىرىش ئىقتىدارىنى كۈچەيتىپ، ئاشلىقنى يۇقىرى ئۈنۈملۈك ئىشلەپچىقىرىشقا كاپالەتلىك قىلىش سەۋىيەسىنى ئۆستۈرۈپ، قەتئىي تۈردە ئاشلىق بىخەتەرلىكىگە كاپالەتلىك قىلىشتىكى تەشەببۇسكارلىق ھوقۇقىنى مەھكەم ئىگىلىشىمىز كېرەك.

«بېيىش ئۈچۈن ئالدى بىلەن يول ياساش كېرەك.» پارتىيە 18 - قۇرۇلتىيىدىن بۇيان، ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ يېزا تاشيول قۇرۇلۇشى سالمىقى يىلمۇيىل زورايدى، قاتناش مۇساپىسى ئۈزلۈكسىز ئۇزاردى. 2019 - يىلىنىڭ ئاخىرىغىچە، ئاپتونوم رايونىمىزدىكى يېزا تاشيوللىرىدا قاتناش باشلانغان ئومۇمىي مۇساپە جەمئىي 133 مىڭ 100 كىلومېتىر(بىڭتۇەننى ئۆز ئىچىگە ئالمايدۇ)غا يېتىپ، شارائىتى ھازىرلانغان ئىشتاتلىق كەنتلەرنىڭ ھەممىسىگە قاتتىقلاشتۇرۇلغان يول تۇتاشتۇرۇلدى ۋە يولۇچىلار ئاپتوموبىلى قاتنىدى. ئاپتونوم رايونلۇق قاتناش - تىرانسپورت نازارىتى يېزا تاشيولى باشقارمىسىنىڭ باشقارما باشلىقى يې تاۋ مۇنداق دېدى: بىز پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ تەدبىر - ئورۇنلاشتۇرمىلىرىنى قەتئىي ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، كەمتۈكلۈكلەرنى تولۇقلاپ، ئاجىز تۈرلەرنى كۈچەيتىپ، يەنىمۇ ئىلگىرىلىگەن ھالدا يېزا تاشيولى قۇرۇلۇشى سالمىقىنى زورايتىپ، يېزىلارنىڭ ئاممىۋى ئۇل ئەسلىھەلىرىنى يەنە يېڭى پەللىگە كۆتۈرۈشكە تۈرتكە بولىمىز.

ئاپتونوم رايونلۇق تۇرالغۇ ۋە شەھەر - يېزا قۇرۇلۇشى نازارىتى كەنت - بازار قۇرۇلۇشى باشقارمىسىنىڭ باشقارما باشلىقى جاڭ شاۋئەي مۇنداق دېدى: بىز دېھقان ئۆيلىرى قۇرۇلۇشىنى مۇھىم تۇتقا قىلىپ، دېھقان ئۆيلىرىنىڭ سۈپىتىنى زور كۈچ بىلەن ئۆستۈرۈپ، دېھقان ئۆيلىرىنىڭ تۇرۇش شارائىتى ۋە ئەتراپ مۇھىتىنى ياخشىلايمىز؛ يېزا تۇرمۇش ئەخلەتلىرىنى تۈزەش ۋە ئەنئەنىۋى كەنتلەرنى قوغداش ۋە تەرەققىي قىلدۇرۇش خىزمىتىنى سىجىل ياخشى ئىشلەپ، يېزا - كەنتلەرنى گۈللەندۈرۈش ئىستراتېگىيەسىنى پۈتۈن كۈچ بىلەن يولغا قويۇپ، يېزا - كەنت قۇرۇلۇشى ھەرىكىتىنى پۇختا ئالغا سىلجىتىمىز.

جىمىسار ناھىيەلىك يېزا ئىگىلىكى - يېزا ئىدارىسى پارتىيە گۇرۇپپىسىنىڭ شۇجىسى جۇ جىگاڭ مۇنداق دېدى: بىز مەركەز يېزا خىزمىتى يىغىنىنىڭ روھىنى ئەستايىدىل ئۆگىنىپ، ئىزچىللاشتۇرۇپ، «ئاشلىقنى مۇقىملاشتۇرۇش، ئىقتىسادنى كۈچەيتىش، چارۋىچىلىقنى گۈللەندۈرۈش، ئوتلاقنى كېڭەيتىش» تەرەققىيات پىكىر يولى بويىچە، تېرىقچىلىق ۋە باقمىچىلىق قۇرۇلمىسىنى زور كۈچ بىلەن تەڭشەپ، پۈتۈن ناھىيەنىڭ دېھقانچىلىق، چارۋىچىلىق تەرەققىياتىنى ياخشى ئورۇنلاشتۇرىمىز. يېزىلارنىڭ ئولتۇراقلىشىش مۇھىتىنى تۈزەشنى سىجىل ياخشى تۇتۇپ، «دېھقانلار باي، يېزىلار گۈزەل، يېزا ئىگىلىكى كۈچلۈك» بولۇش نىشانىغا قاراپ قەدەم تاشلايمىز.

«باش شۇجىنىڭ سۆزىدىكى ھەربىر جۈملە بىز دېھقانلارنىڭ كۆڭلىنى سۆيۈندۈردى، ھەممىسى تۇرمۇشىمىزغا چېتىلىدىغان چوڭ ئىشلار ئىكەن.» يەكەن ناھىيەسىنىڭ پەكىچى يېزىسى كانايتوغراق كەنتىنىڭ كەنت ئاھالىسى شەھىدە ئېلى ھاياجانلانغان ھالدا مۇنداق دېدى: «بۇ بىر نەچچە يىلدىن بۇيان، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ رەھبەرلىكىدە، تۇرمۇش سەۋىيەمىز كۆرۈنەرلىك ئۆستى. يېزا - كەنتلەرنى گۈللەندۈرۈشنىڭ ئالغا سىلجىتىلىشىغا ئەگىشىپ، كەلگۈسىدە يېزىلار چوڭ سەھنىگە ئايلىنىپ، بىز دېھقانلارنىڭ تۇرمۇشى بارغانسېرى ياخشىلىنىدۇ».

(شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى جاڭ يۈنمېي، قاتناشقان مۇخبىرلار ليۇ يى، ليۇ شياڭ، جاۋ شىيا، فەن خۇڭيى، لۇ فېڭباۋ، ۋاڭ يۈجاۋ، گې يوۋجۈن، خەن چىنيەن، ئىختىيارىي مۇخبىر رېن دۇڭشېڭ)

مەسئۇل مۇھەررىر : ئامانگۈل ئابدۇراخمان

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • تاڭ نۇرىدىكى كۈرەش قىلغۇچىلار
  • قەغەز قىيما سەنئىتى مەكتەپلەرگە كىردى ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت ئۇرۇقى قەلبلەرگە تېرىلدى
  • شىنجاڭنىڭ تاغ-دەريالىرى خۇددى سۈرەتتەك| مۇزلار ئېرىپ دەريا يولى ئېچىلدى قايدۇ دەرياسىدىن باھار ھىدى تارقالدى