تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   جايلاردا

شىنجاڭ توققۇزتارا: رۇسۇلشاھ بەكرىتۇرسۇن چىن كۆڭلىدىن ياردەم بېرىپ، ئىتتىپاقلىقنى ئىلگىرى سۈردى

شىنخۇا تورى خەۋىرى (مۇخبىرلار جاۋ خەيلۇ، جاڭ شوۋفاڭ خەۋىرى): رۇسۇلشاھ بەكرىتۇرسۇن توققۇزتارا ناھىيەسىنىڭ تىكئېرىق بازىرى شاربۇچۈن كەنتىدىكى بېيىش ماھىرى، ئۇ كۆپ يىللىق چارۋىچىلىق، باقمىچىلىق تەجرىبىسىگە ئىگە بولۇپ، ئۇ بېيىغان، كىرىمىنى ئاشۇرغاندىن كېيىن كۆپچىلىككە خالىس ياردەم بېرىپ، ئەتراپتىكى كەنت ئاھالىلىرىنى ھويلا-ئاران باقمىچىلىقىنى تەرەققىي قىلدۇرۇشقا تەشەببۇسكارلىق بىلەن يېتەكلەپ، كىرىمىنى ئاشۇرۇشقا ياردەملەشتى.

«ھازىر 16 كالا، يەنە بىر نەچچە ياخشى سورتنى تاللاڭ، ياخشى بولمىغانلىرى بەك ئاۋارىچىلىق، كېسەل بولۇپ قالغان-قالمىغانلىقىغا قاراڭ، تەكشۈرمىسەك بولمايدۇ. توغرا، سېتىۋالغاندا ياخشىراقىنى سېتىۋېلىش كېرەك». 12-ئاينىڭ 28-كۈنى، رۇسۇلشاھ بەكرىتۇرسۇن كەنت ئاھالىسى چەي يۈتاڭنىڭ ئۆيىگە كېلىپ، ئۇنىڭ كالا، قوي باقمىچىلىق ئەھۋالىنى ئىگىلىدى. ئىككىيلەن تونۇشقىلى 20 يىل بولدى. ئىلگىرى، چەي يۈتاڭ ئائىلىسىنىڭ كىرىم مەنبەسى بىر قەدەر ئاددىي ئىدى. كېيىن، رۇسۇلشاھ بەكرىتۇرسۇننىڭ تەۋسىيە قىلىشى بىلەن، ھويلا-ئاران باقمىچىلىقىنى راۋاجلاندۇرۇپ، كىرىمىنى ئاشۇرۇشقا باشلىدى. بۇنىڭدىن سىرت، رۇسۇلشاھ بەكرىتۇرسۇن يەنە تەشەببۇسكارلىق بىلەن چەي يۈتاڭ ئائىلىسىنىڭ «كالا دوختۇرى»لىق ۋەزىپىسىنى ئۈستىگە ئالدى. چەي يۈتاڭ مۇنداق دېدى: تېلېفون ئۇرساملا ئۇ كېلىپ ياردەم قىلىدۇ، شۇ چاغدىمۇ كەلگەن، بىر كۈندىن كىيىن ئۇ يەنە مېنىڭ كالام ساقايدىمۇ يوق كۆرۈپ بېقىش ئۈچۈن كەلدى، ماڭا بەك ياخشى مۇئامىلە قىلدى، مەنمۇ بىلەلمەي قالدىم، ئۇ ئۇياق-بۇياققا چېپىپ يۈرۈپ بەك جاپا تارتتى، ئۇنىڭغا رەھمەت ئېيتىمەن».

رۇسۇلشاھ بەكرىتۇرسۇن باقمىچىلىق تېخنىكىسى جەھەتتە باشقىلارغا ياردەم بېرىپلا قالماي، تۇرمۇشتىمۇ دائىم ياردەم قولىنى سۇنىدۇ. كەنت ئاھالىسى خالىدەم تاشمەمەت ئائىلىسىنىڭ تۇرمۇشى ئىزچىل ياخشى ئەمەس ئىدى، ئىككى بالىسى داشۆگە ئۆتكەن بولسىمۇ، بىراق خالىدەم تاشمەمەت بىلەن ئېرى دائىم بالىلارنىڭ تۇرمۇش پۇلىنىمۇ كاپالەتكە ئىگە قىلالمايتتى، رۇسۇلشاھ بۇ ئەھۋالدىن خەۋەر تاپقاندىن كېيىن، تەشەببۇسكارلىق بىلەن ئۇلارغا 10 مىڭ يۈەندىن ئارتۇق قەرز بېرىپ تۇردى، ھەمدە ئەر-خوتۇن ئىككىسىگە ئىدىيەۋى خىزمەت ئىشلەپ، ئۇلارنىڭ سىرتقا چىقىپ ئىشلەپ كىرىمىنى ئاشۇرۇشىغا ياردەم بەردى.

توققۇزتارا ناھىيەسىنىڭ تىكئېرىق بازىرى شاربۇچۈن كەنتىنىڭ كەنت باشلىقى ساۋ چاڭفېڭ مۇنداق دېدى: « ھەممىلا جايدا ئۇنىڭ ئىلغار ئىش-ئىزلىرى ئىپادىلىنىپ تۇرىدۇ، بىز مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىدىكى بۇنداق ئىش-ئىزلار ۋە ئىلغار شەخسلەرنى زور كۈچ بىلەن تەشۋىق قىلىمىز، كەڭ كەنت ئاھالىلىرىنىڭ مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىدىكى ئىلغار شەخسلەردىن ئۆگىنىپ، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى كەيپىياتىنى بارغانسېرى ياخشىلاپ، ئاساسىي قاتلام خىزمىتىگە تېگىشلىك تۆھپە قوشۇشىنى ئۈمىد قىلىمەن».

مەنبە: توققۇزتارا ناھىيەلىك پارتىيە كومىتېتى تەشۋىقات بۆلۈمى

مەسئۇل مۇھەررىر : قۇربانجان قېيۇم

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • تاڭ نۇرىدىكى كۈرەش قىلغۇچىلار
  • قەغەز قىيما سەنئىتى مەكتەپلەرگە كىردى ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت ئۇرۇقى قەلبلەرگە تېرىلدى
  • شىنجاڭنىڭ تاغ-دەريالىرى خۇددى سۈرەتتەك| مۇزلار ئېرىپ دەريا يولى ئېچىلدى قايدۇ دەرياسىدىن باھار ھىدى تارقالدى