شىنخۇا تورى خەۋىرى: 12-ئاينىڭ 31-كۈنى، گوۋۇيۈەن بىرلىشىپ ئالدىنى ئېلىش، بىرلىشىپ تىزگىنلەش مېخانىزمى دۆلەت دورا گۇرۇھىنىڭ جۇڭگو بىيو يېڭى تىپتىكى تاجسىمان ئاكتىپسىزلاشتۇرۇلغان ۋاكسىنىسى دۆلەت دورا نازارەتچىلىك ئىدارىسى تەستىقلىغان قوشۇمچە شەرت بويىچە بازارغا سېلىنغانلىقىنى ئېلان قىلدى. سانلىق مەلۇماتلاردا كۆرسىتىلىشىچە، قوغداش نىسبىتى %79.34 بولۇپ، بىخەتەرلىكى، ئۈنۈمى، ئومۇملىشىشى، سېتىۋالالايدىغان بولۇشىنى بىرىكتۈرۈش ئىشقا ئاشۇرۇلۇپ، دۇنيا سەھىيە تەشكىلاتى ۋە دۆلەت دورا نازارەتچىلىك ئىدارىسىنىڭ ئالاقىدار ئۆلچەم تەلىپىگە يەتكەن.
ئۇنىڭدىن كېيىن، ۋاكسىننىڭ قارشى تۇرۇشچانلىقىنىڭ ئۇزاق مۇددەتلىكلىكى ۋە قوغداش ئۈنۈمىنى يەنە داۋاملىق كۆزىتىشكە توغرا كېلىدۇ. بۇ نەتىجە ئاسان قولغا كەلمىدى، جۇڭگو ۋاكسىنىسىنىڭ بازارغا سېلىنىشى دۇنياغا يۇقۇم ئۈستىدىن غەلىبە قىلىشقا ئىشەنچ ئاتا قىلدى، شۇنداقلا ۋاكسىنىنىڭ دۇنيا ئاممىۋى مەھسۇلاتىغا ئايلىنىشىنى كۈچلۈك تىرەك بىلەن تەمىنلىدى.