تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   بىڭتۇەن

【مىللەتلەر ئىتتىپاقلىشىپ بىر ئائىلە كىشىلىرىدەك بولۇش】 قوشنىلار ئارىلىشىپ ئۆتكەچكە، ھېسسىيات بارغانسېرى چوڭقۇرلاشتى

بىڭتۇەن گېزىتى خەۋىرى (مۇخبىرلار جاۋ لىنجيې، مۇبارەك مۇھەممەت خەۋىرى): 12- ئاينىڭ 18-كۈنى، سىرتتا ھاۋا سوغۇق ئىدى، لېكىن 12-شى سەنپىڭ دېھقانچىلىق مەيدانى روڭخى مەھەللىسى مەدەنىيەت-تەنتەربىيە پائالىيەت مەركىزى چوڭ زالىدا، قىزىل يوپكىلار چۆرگىلىدى، لەرزان قەدەملەر تاشلاندى، «ئانار دانىسى» ئۇسسۇل ئەترىتىدىكى ھەر مىللەت ئۇسسۇل ھەۋەسكارلىرى شوخ ئۇسسۇللارنى رېپېتىتسىيە قىلىپ، كۆڭۈلدىكىدەك تۇرمۇشنىڭ ھۇزۇرىنى سۈرۈۋاتاتتى.

سەنپىڭ دېھقانچىلىق مەيدانى روڭخې مەھەللىسىدە ئاز سانلىق مىللەت ئاھالىسى مەھەللە ئومۇمىي نوپۇسىنىڭ %57ىنى ئىگىلەيدىغان بولۇپ، كۆپ مىللەت ئارىلىشىپ ئولتۇراقلاشقان مەھەللە. 2018-يىلى 4-ئايدا، 4-تۈركۈمدىكى دۆلەتنىڭ ئاممىۋى مەدەنىيەت مۇلازىمىتى سىستېمىسى بويىچە ئۈلگە كۆرسىتىش تۈرىنىڭ 12-شى باش تېمىلىق مەدەنىيەت مەھەللە تۈرى رەسمىي تەستىقلاندى، بۇ پۇرسەتتىن پايدىلىنىپ، روڭخې مەھەللىسى نۇقتىلىق ھالدا «ئانار دانىسى» باش تېمىلىق مەدەنىيەت مەھەللىسى بەرپا قىلدى.

ئۈچ يىلدىن بۇيان، روڭخې مەھەللىسى مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى، پارتىيە قۇرۇلۇشى خىزمىتى ۋە باش تېمىلىق مەدەنىيەت، مەھەللە قۇرۇلۇشىنى ئورگانىك بىرلەشتۈرۈپ، ھەر مىللەت ئاممىنىڭ ئۇرۇق-تۇغقاندەك يېقىن بولۇشى، ئۆزئارا ھەمدەم بولۇشى، ئىناق ئۆتۈشىنى ئىلگىرى سۈردى.

«نەچچە كۈننىڭ ئالدىدا مىجەزىم يوق، ئۇسسۇل ئوينىغىلى كېلەلمەي قالسام، ئەترەتتىكى ئاچا-سىڭىللارنىڭ ھەممىسى كېلىپ ماڭا كۆڭۈل بۆلدى!» دېدى ئەمدىلا رېپېتىتسىيەنى تۈگەتكەن مەھەللە ئاھالىسى ئىلبەن مۇھەممەت.

بۇ يىل 56 ياشقا كىرگەن ئىلبەن مۇھەممەت ئۇسسۇل ئويناشنى تولىمۇ ياخشى كۆرگەچكە، بەش يىل ئىلگىرى پېنسىيەگە چىققاندىن كېيىن، «ئانار دانىسى» ئۇسسۇل ئەترىتىگە قوشۇلدى. بەش يىلدىن بۇيان، ھەر كۈنى چۈشتىن كېيىن ئۇسسۇل ئەترىتىگە بېرىپ داكا قىلىش ئۇنىڭ تۇرمۇشىنىڭ بىر قىسمىغا ئايلاندى.

بىر نەچچە كۈن ئىلگىرى، ئىلبەن مۇھەممەتنىڭ يۈز قىسمى يېنىك دەرىجىدىكى سەزگۈرلىشىشتىن قىزىرىپ كەتكەچكە، دوختۇر ئۇنىڭغا ئامال بار سىرتقا چىقماسلىقنى ئېيتتى. «ئانار دانىسى» ئۇسسۇل ئەترىتىدىكى ئاچا-سىڭىللار بۇنى بىلگەندىن كېيىن، ئۆيىگە بېرىپ ئۇنى يوقلىدى، ئۇنىڭغا ياخشى ئارام ئېلىپ، بالدۇرراق ئۇسسۇل ئەترىتىگە قايتىشنى تاپىلىدى.

«بىزنىڭ ئۇسسۇل ئەترىتىمىزنىڭ ئەزالىرى ئۇرۇق-تۇغقان بولمىسىمۇ، ئۇرۇق-تۇغقانلاردىنمۇ يېقىن ئۆتىدۇ، كۆپچىلىك ئانارنىڭ دانىسىدەك زىچ ئۇيۇشتى» دېدى ئىلبەن مۇھەممەت كۈلۈپ تۇرۇپ.

مىللەتلەر ئارا ئالاقىلىشىش، ئالماشتۇرۇش، يۇغۇرۇلۇشنى ئىلگىرى سۈرۈش ئۈچۈن، روڭخې مەھەللىسى ھەر مىللەت ئاممىنى «مىللەتلەر ئىتتىپاقلىشىپ بىر ئائىلە كىشىلىرىدەك بولۇش» ۋە مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى بىرلەشمە دوستلۇق پائالىيىتىنى كەڭ قانات يايدۇرۇشقا تەشكىللىدى، 2018-يىلىدىن بۇيان، 80 نەچچە قېتىم مول مەزمۇنلۇق، كۆپ خىل شەكىللىك پائالىيەتلەرنى تەشكىللەپ قانات يايدۇرۇپ، پارتىيەنىڭ سىياسىتى، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى، بىڭتۇەن روھى قاتارلىق تۈرلۈك تەشۋىقات پائالىيەتلىرىنى 200 نەچچە مەيدان(قېتىم) قانات يايدۇرۇپ، ئاھالىلەرنىڭ مەدەنىيەت تۇرمۇشىنى بېيىتتى، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى ئىدىيەسىنى كىشىلەر قەلبىدىن چوڭقۇر ئورۇن ئالدۇردى.

مەھەللە يەنە ئۇسسۇل ئۆيى، ھۆسنخەت ۋە رەسىم ئۆيى، ماھارەت يېتىشتۈرۈش ئۆيى قاتارلىق 11 پائالىيەت ئۆيى تەسىس قىلىپ، ھەر مىللەت ئامما بىرلىكتە ئۆگىنىپ، پىكىر ئالماشتۇرۇپ، دوستلۇقنى بىرلىكتە ئىلگىرى سۈردى.

روڭخې مەھەللىسى ئىنچىكە نۇقتىلارغا دىققەت قىلىش، ئۈن-تىنسىز تەسىر كۆرسىتىشتە چىڭ تۇرۇپ، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى باش تېما قىلىنغان مەدەنىيەت تېمى، «ئانار دانىسى» باش تېما مەيدانىنى بەرپا قىلىپ، «مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى» باش تېمىسىدىكى ئەسەرلەرنى سىزىپ، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى مەدەنىيەت كارىدورى، شىپاڭلارنى رېمونت قىلىپ، ياساپ، چېنىقىش سايمانلىرى ۋە باشقا كۆڭۈل ئېچىش ئەسلىھەلىرىنى سېتىۋېلىپ، ئورنىتىپ، ھەر مىللەت ئاممىنى كۆڭۈل ئېچىپ، ئارام ئالىدىغان ياخشى ئورۇن بىلەن تەمىنلەش بىلەن بىللە، قويۇق مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى كەيپىياتى ياراتتى.

«رۇبىلنىك ۋە تەبىئىي گازنى ياخشى ئېتىڭ، نەرسىلەرنى تولۇق ئالدىڭىزمۇ-يوق تەكشۈرۈپ بېقىڭ». 12-ئاينىڭ 8-كۈنى، مەھەللە ئاھالىسى شازادەم ئوبۇلقاسىم سىرتقا چىقماقچى بولۇۋاتقان قوشنىسى دەي خۇڭيەننى ئەسكەرتتى.

دەي خۇڭيەن سەنپىڭ دېھقانچىلىق مەيدانى 5-ليەنىدىكى توقاچ شاپتۇل ئۆستۈرۈش چوڭ ئائىلىسى، شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا يەنە بىر خاس دېھقانلار ئارامگاھى ئاچقاچقا، ھەر كۈنى خېلى كەچكىچە ئىشلەپ ئاندىن ئۆيىگە قايتاتتى. «شازادەم ئوبۇلقاسىم ئۆز سىڭلىمدەكلا، ياخشى تاماق ئەتسە بىزگە بىر كىشىلىك سۇنىدۇ. بىز ئىككى ئائىلىنىڭ بالىلىرىمۇ دېيىشمەيدىغان گېپى يوق ياخشى دوستلاردىن» دېدى دەي خۇڭيەن كۈلۈپ تۇرۇپ:«قوشنىلار ئارىلىشىپ ئۆتكەچكە، ھېسسىيات بارغانسېرى چوڭقۇرلاشتى، كۆپ يىللاردىن بۇيان بىللە ياشاش جەريانىدا كۆپچىلىك بىر ئائىلە كىشىلىرىدەك بولۇپ قالدى».

«دانە-دانە ئانار دانىسى يەككە تەننىڭ مەۋجۇتلۇقى بولۇپ، زىچ باغلانسىلا مۇستەھكەم ئانار مېۋىسى ھاسىل بولىدۇ» دېدى روڭخې مەھەللىسى پارتىيە ياچېيكىسىنىڭ شۇجىسى، مۇدىر ما لېيلېي.

مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى-تەرەققىياتى بويىچە بەرپا قىلىشتىكى «توققۇز كىرىش» تەلىپىنى چۆرىدەپ، روڭخې مەھەللىسى پارتىيە ياچېيكىسى «مۇھىمى ئادەتتىكى ۋاقىتتا، مۇھىمى سىردىشىشتا، مۇھىمى ھەرىكەتتە»دەك بەرپا قىلىش ئىدىيەسىدە چىڭ تۇرۇپ، ھۈجەيرە قۇرۇلۇشىنى چوڭقۇر قانات يايدۇرۇپ، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى-تەرەققىياتى بويىچە ئۈلگە كۆرسىتىش بىناسىدىن 22نى، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى-تەرەققىياتى بويىچە ئۈلگە كۆرسىتىش ئورنىدىن 56نى، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى-تەرەققىياتى بويىچە ئۈلگە كۆرسىتىش ئائىلىسىدىن 1199نى، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى-تەرەققىياتى بويىچە ئۈلگە كۆرسىتىش دۇكىنىدىن 36نى باھالاپ چىقتى.

بىر پارتىيە ئەزاسى بىر بايراق، بىر ياچېيكا بىر قورغان. روڭخې مەھەللىسى پارتىيە ياچېيكىسى مەھەللە ئۇنىۋېرسال مۇلازىمەت مەركىزى بەرپا قىلىپ، «پارتىيە ئەزالىرى مەھەللىدە بولۇش، مەھەللە ئۈچۈن مۇلازىمەت قىلىش، مەھەللىدە تۆھپە قوشۇش»تەك ياخشى كەيپىياتنى زور كۈچ بىلەن بەرپا قىلىپ، كۈچەپ مەھەللىدىكى ھەر مىللەت ئامما ئۈچۈن ئەمەلىي ئىش، ياخشى ئىش، قىيىن ئىشلارنى ھەل قىلىپ بەردى.

«مەھەللە خىزمەتچىلىرى ناھايىتى كۆيۈمچان، دائىم كېلىپ بىزنى يوقلاپ تۇرىدۇ، بىز ئوتتۇرىغا قويغان مەسىلىلەرنى بىرىنچى ۋاقىتتا ھەل قىلىدۇ» دېدى مەھەللە ئاھالىسى گۈلنىساخان.

«كېيىنكى قەدەمدە، بىز پارتىيە قۇرۇلۇشى خىزمىتىنى يېتەكچى قىلىپ، باشقۇرۇش ۋاسىتىسىدە ئۈزلۈكسىز يېڭىلىق يارىتىپ، تېخىمۇ كۆپ خەلققە قولايلىق تەدبىرلەرنى ئوتتۇرىغا قويۇپ، پارتىيە قۇرۇلۇشى ئارقىلىق ئىناقلىقنى ئىلگىرى سۈرىمىز، پارتىيە قۇرۇلۇشى ئارقىلىق تەرەققىياتنى ئىلگىرى سۈرىمىز، پارتىيە قۇرۇلۇشى ئارقىلىق مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىنى ئىلگىرى سۈرىمىز» دېدى ما لېيلېي.

مەسئۇل مۇھەررىر : گۈلبوستان غۇلام

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • تاڭ نۇرىدىكى كۈرەش قىلغۇچىلار
  • قەغەز قىيما سەنئىتى مەكتەپلەرگە كىردى ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت ئۇرۇقى قەلبلەرگە تېرىلدى
  • شىنجاڭنىڭ تاغ-دەريالىرى خۇددى سۈرەتتەك| مۇزلار ئېرىپ دەريا يولى ئېچىلدى قايدۇ دەرياسىدىن باھار ھىدى تارقالدى