تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   بىڭتۇەن

【مىللەتلەر ئىتتىپاقلىشىپ بىر ئائىلە كىشىلىرىدەك بولۇش】 تۇغقىنىم ھەقىقەتەن قالتىس

بىڭتۇەن گېزىتى خەۋىرى (مۇخبىر لېي لېي خەۋىرى): «<مىللەتلەر ئىتتىپاقلىشىپ بىر ئائىلە كىشىلىرىدەك بولۇش> پائالىيىتى مۇناسىۋىتى بىلەن تونۇشقاندىن بۇيان، ھازىرغىچە تۇغقانلارنىڭ ئۆيىگە نەچچە قېتىم كەلگىنىم ئېسىمدە يوق، پەقەت بارغانسېرى ئۆزىمىزنى بىر ئائىلە كىشىلىرىدەك ھېس قىلىۋاتىمەن» دېدى 12-ئاينىڭ 15-كۈنى، 5-شى 88-تۇەن يېزا ئىگىلىك تەرەققىيات مۇلازىمەت مەركىزىنىڭ خىزمەتچىسى جوۋ يىڭ.

جوۋ يىڭ دېگەن «بىر ئائىلە كىشىلىرى» بولسا بۇ تۇەن چارۋىچىلىق شىركىتىنىڭ چارۋىچىلىق ئىشچىسى ماناپ بىر ئائىلە كىشىلىرى ئىدى. ماناپ بىر ئائىلە كىشىلىرى بىلەن بولغان دوستلۇق، دائىم خۇددى كىنودەك جوۋ يىڭنىڭ كاللىسىدىن يالت قىلىپ ئۆتۈپ تۇراتتى، ئاشۇ مېھىر-شەپقەتلىك مىنۇتلار ئۇنى ئۇزاققىچە تەسىرلەندۈرەتتى.

تۇنجى قېتىم ماناپنىڭ ئۆيىدە تۇرغاندا، ماناپنىڭ بالىسىنىڭ تەكرار قىلغاندا بېشىنى قاشلىغىنىچە قىلالمايۋاتقانلىقىنى، ماناپ ئەر-خوتۇننىڭ تەكرار قىلىپ بېرىشكە ئامالسىز قالغانلىقىنى كۆرۈپ، جوۋ يىڭ بالىنىڭ ئۆگىنىشىدىن ئەندىشە قىلىپ قالدى. شۇنىڭدىن باشلاپ، جوۋ يىڭ تەشەببۇسكارلىق بىلەن بالىغا دەرس تەكرار قىلىپ بەردى. ئۆزىنىڭ بالىغا ئېنىق چۈشەندۈرۈپ بولالماسلىقىدىن ئەنسىرەپ، جوۋ يىڭ يەنە بالىنىڭ ئوقۇتقۇچىسىنىڭ ۋېيشىنسىنى قوشۇپ، ھەر ۋاقىت مۇئەللىمدىن بالىنىڭ ئۆگىنىش ئەھۋالىنى ئىگىلەپ تۇردى. بەزىدە جوۋ يىڭنىڭ خىزمىتى ئالدىراش بولۇپ، ماناپنىڭ ئۆيىگە بېرىشقا چولىسى تەگمىسە، بالىنى ئۆيىگە ئەكىلىۋېلىپ، بىر تەرەپتىن بالىغا دەرس تەكرارلاپ بەرسە، يەنە بىر تەرەپتىن بالىنىڭ ھالىدىن خەۋەر ئالدى. بىر مەۋسۇم تىرىشىش ئارقىلىق، بالىنىڭ ئۆگىنىش نەتىجىسى زور دەرىجىدە يۇقىرى كۆتۈرۈلدى. «بالىنىڭ مەۋسۇملۇق ئىمتىھان نەتىجىسى چىققاندا ماڭا تېلېفون قىلدى، تېلېفوندىكى بالىنىڭ خۇشال بولغان، پەخىرلەنگەن ئاۋازىنى ئاڭلاپ، مەنمۇ ناھايىتى خۇشال بولدۇم» دېدى جوۋ يىڭ.

2019-يىلى 3-ئاينىڭ مەلۇم بىر كۈنى، ماناپنىڭ خوتۇنى جوۋ يىڭغا تېلېفون قىلىپ، ئاچىسىنىڭ ئۈرۈمچىگە بېرىپ كېسەل كۆرسىتىدىغانلىقىنى، ئاچىسىنىڭ ئائىلىسىنىڭ داۋالىنىش خىراجىتىنى ئۈستىگە ئالغۇدەك يېتەرلىك پۇلى يوقلۇقىنى ئېيتتى.

جوۋ يىڭ بۇنى ئاڭلىغاندىن كېيىن ماناپنىڭ خوتۇنىغا: «قانچە پۇل لازىم بولسا دەۋېرىڭ، مەن ئامال قىلىپ ئاچىڭىزغا تەييارلاپ بېرەي. بىز دىگەن تۇغقان، سىلەرنىڭ ئۆينىڭ ئىشى مېنىڭ ئىشىم». جوۋ يىڭنىڭ گېپىنى ئاڭلىغاندىن كېيىن، ماناپنىڭ خوتۇنى تەسىرلەنگەن ھالدا:«مېنىڭ ياخشى تۇغقىنىم، سىزگە كۆپ رەھمەت. ھەتتا ئۆزۈمنىڭ ئۇرۇق-تۇغقان، دوست-بۇرادەرلىرىممۇ سىزدەك ياردەم قىلىشنى خالىمايدۇ، سىزنىڭ شەپقىتىڭىزنى مەڭگۈ كۆڭلىمىزدە ساقلايمىز» دېدى.

ماناپنىڭ ئائىلىسى ھۆددىگە ئالغان كالا، قويلار ھەر يىلى قىشتا قىشلاققا كۆچىدۇ. جوۋ يىڭ ماناپنىڭ ئائىلىسىدىكىلەر بىلەن تۇغقان بولۇپ، قىشلىقى ئوتلاق كۆچكەندە، ۋاقتى بولسىلا، يولدىشىنى بىللە ماناپنىڭ ئۆيىگە ياردەمگە چاقىردى.

جوۋ يىڭ ۋە ئۇنىڭ ئېرى كالا، قويلارنىڭ قىشلىق يەم خەشەكلىرىنى تەييارلاپ بېرىش ئۈچۈن، ئۇلارنىڭ يەم خەشەكلىرىنى قاچىلىشىپ بەردى. ئېزىلگەن ساماننى ئورىغاندا ئادەم بەك قېقىلىپ كېتىدۇ. شۇنداقتىمۇ ئۇلار ئەر-خوتۇن ئىككىسى بىر سائەتتە 40 خالتا يەم-خەشەك قاچىلىدى. ماناپنىڭ خوتۇنى، جوۋ يىڭ ئەر-خوتۇننىڭ ئوت-چۆپ قاچىلىشىپ بېرىش جەريانىنى ۋېيشىن دوستلار چەمبىرىكىدە تارقاتقاندا، ئۇنىڭ دوستلىرى بەس-بەستە ديەنزەن قىلىپ: سىلەرنىڭ تۇغقىنىڭلار ھەقىقەتەن قالتىس ئىكەن، دېيىشتى.

ماناپ ئەر-خوتۇننىڭ قوي-كالىلارنى كۆچۈرگەندىكى جاپا-مۇشەققىتىنى كۆرگەن جوۋ يىڭ، شۇ مەزگىلدە تۇغقانلىرىنىڭ ئۆيىدە تۇرۇپ، قوي،كالىلارغا قۇرت يوقىتىش دوىسى بېرىپ، بەلگە سېلىش، ماناپ ئائىلىسىدىكىلەرنىڭ تاماق تەييارلىشىغا، بالىلارغا دەرس تەكرار قىلىپ بېرىشىگە ياردەملەشتى...

«مېنىڭ بەك تەلىيىم بار، مۇشۇنداق بىر ياخشى تۇغقىنىمغا ئۇچراپ قالدىم. ئۇلار بىر ئائىلە كىشىلىرى بىزگە خۇددى تۇغقىنىمىزغا مۇئامىلە قىلغاندەك مۇئامىلە قىلىدۇ. شۇڭا، مەنمۇ بۇ دوستلۇقنى ياخشى قەدىرلەپ، ئۇلارنىڭ مېھىر-شەپقىتىگە كۆڭۈل قويۇپ جاۋاب قايتۇرىمەن» دېدى ماناپ.

مەسئۇل مۇھەررىر : گۈلبوستان غۇلام

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • تاڭ نۇرىدىكى كۈرەش قىلغۇچىلار
  • قەغەز قىيما سەنئىتى مەكتەپلەرگە كىردى ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت ئۇرۇقى قەلبلەرگە تېرىلدى
  • شىنجاڭنىڭ تاغ-دەريالىرى خۇددى سۈرەتتەك| مۇزلار ئېرىپ دەريا يولى ئېچىلدى قايدۇ دەرياسىدىن باھار ھىدى تارقالدى