تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   مەدەنىيەت - ساياھەت

قار-مۇز چۆچىكى مۇزىكا بايرىمى بۇلۇتتا بىۋاسىتە كۆرسىتىلىپ ئۈرۈمچىنىڭ قار-مۇز ساياھىتىنى ئەۋجىگە چىقاردى

      ئۈرۈمچى كەچلىك گېزىتى خەۋىرى: 2020-يىللىق 18-نۆۋەتلىك ئۈرۈمچى يىپەك يولى قار-مۇز مەنزىرىسى بايرىمىنىڭ باشلىنىش مۇراسىمى ۋە توردىكى قار-مۇز چۆچىكى مۇزىكا بايرىمى رەسمىي باشلاندى.

      12-ئاينىڭ 29-كۈنى سائەت 13دە، 2020-يىللىق 18-نۆۋەتلىك ئۈرۈمچى يىپەك يولى قار-مۇز مەنزىرىسى بايرىمىنىڭ ئېچىلىش مۇراسىمى ۋە توردىكى قار-مۇز چۆچىكى مۇزىكا بايرىمى توردا بىۋاسىتە كۆرسىتىلىدىغان مۇزىكا بايرىمى شەكلىدە كەڭ ساياھەتچىلەر بىلەن يۈز كۆرۈشتى، ليۇ كې، چاڭ لىن، تۇرغۇنجان قاتارلىق ناخشىچىلار ناخشا ئېيتىشقا تەكلىپ قىلىنىپ، نۇرغۇن تورداشلارنى يان تېلېفون، تاختا كومپيۇتېر، كومپيۇتېر قاتارلىق كۆپ خىل ئەقلىي ئىقتىدارلىق تېرمىنال ئارقىلىق بىۋاسىتە كۆرسىتىشنى كۆرۈشكە جەلپ قىلدى.

      ئىگىلىنىشىچە، بۇ قېتىمقى بىۋاسىتە كۆرسىتىشتە كۆپ خىل تېرمىنال، كۆپ خىل سۇپا ئارقىلىق قاپلىنىش ئىستىراتېگىيەسى قوللىنىلغان بولۇپ، ۋاڭيى، شىنلاڭ، خۇيا بىۋاسىتە كۆرسىتىش قاتارلىق تاراتقۇ سۇپىلىرى ئارقىلىق، پۈتۈن جەرياندا «يۇقىرى ئېنىقلىق + 5G» ئەڭ يېڭى تېخنىكىسى قوللىنىلىپ بىۋاسىتە كۆرسىتىلىپ، تورداشلارغا ئۈرۈمچى قار-مۇز بايرىمى ۋە مۇزىكا بايرىمى نەق مەيدانىغا چۆكۈش شەكلىدە چوڭقۇر تەسىرلەرنى قالدۇردى.

      مۇخبىر قار-مۇز چۆچىكى مۇزىكا بايرىمىدا قار-مۇز چۆچىكىدە رول ئېلىش، قار-مۇز باش تېمىسىدا كۆرۈش تۇيغۇسىنى نامايان قىلىش، مودا ئۇسسۇللارنى ئىشلەش ئارقىلىق، مۇزىكا بايرىمىنى بىۋاسىتە كۆرسىتىشتە ناھايىتى زامانىۋى، كۆزنى قاماشتۇرىدىغان قار-مۇز باش تېمىسى كەيپىياتى يارىتىلغانلىقىنى كۆردى.

   ئۈرۈمچى شەھەرلىك مەدەنىيەت-ساياھەت ئىدارىسى پارتىيە گۇرۇپپىسىنىڭ ئەزاسى، مۇئاۋىن ئىدارە باشلىقى فېڭ شيا تونۇشتۇرۇپ مۇنداق دېدى: دائىملاشقان يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش-تىزگىنلەش تەدبىرلىرىنى ياخشى ئىشلەش ئالدىنقى شەرتى ئاستىدا، توردا بىۋاسىتە كۆرسىتىش ئۇسۇلىنى قوللىنىپ، مەركىزىي شەھەرنىڭ ئۆزگىچە سېھرىي كۈچكە ئىگە قار-مۇز ساياھەت بايلىقى، مەھسۇلاتى ۋە مەدەنىيەت ئويۇنى نومۇرلىرىنى نامايان قىلدۇق، شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا، ئۈرۈمچى شەھىرىنىڭ قار-مۇز تەنھەرىكىتى، قار-مۇز كۆڭۈل ئېچىش پائالىيىتى، قار-مۇز ئېسىل تائاملىرى، قار-مۇز سەنئەت ئويۇنى قاتارلىق بىر قاتار مول مەزمۇنلۇق قىشلىق ساياھەت پائالىيەتلىرىنى باشلىدۇق. بۇ پائالىيەتلەرنىڭ كۆپىنچىسى توردا قانات يايدۇرۇلۇپ، پائالىيەت مەزمۇنى ۋە تەشكىللەش شەكلىدە يېڭىلىق يارىتىلىپ، قار-مۇز مەدەنىيىتى ئارقىلىق ساياھەت مەزمۇنى موللاشتۇرۇلۇپ، قار-مۇز تەنھەرىكىتى ئارقىلىق قار-مۇز ساياھىتى ئىلگىرى سۈرۈلۈپ، شەھەر ئاھالىلىرى ۋە ساياھەتچىلەرنىڭ مەدەنىيەت ساياھەت تۇرمۇشى بېيىتىلدى.

   ئىگىلىنىشىچە، ئۈرۈمچىنىڭ يىپەك يولى قار-مۇز مەنزىرىسى بايرىمى 2003-يىلى تۇنجى قېتىم ئۆتكۈزۈلگەندىن كېيىن، ئۇدا 17 نۆۋەت مۇۋەپپەقىيەتلىك ئۆتكۈزۈلۈپ، ئۈرۈمچىنىڭ ئەڭ جەلپ قىلىش كۈچىگە ئىگە قىشلىق ساياھەت ماركىسىغا ئايلانغان ھەمدە شىنجاڭنىڭ قىشلىق ساياھەتچىلىكىنىڭ تەرەققىياتىغا تۈرتكە بولغان.

مەسئۇل مۇھەررىر : ياقۇپجان تۇرسۇن

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • تاڭ نۇرىدىكى كۈرەش قىلغۇچىلار
  • قەغەز قىيما سەنئىتى مەكتەپلەرگە كىردى ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت ئۇرۇقى قەلبلەرگە تېرىلدى
  • شىنجاڭنىڭ تاغ-دەريالىرى خۇددى سۈرەتتەك| مۇزلار ئېرىپ دەريا يولى ئېچىلدى قايدۇ دەرياسىدىن باھار ھىدى تارقالدى