شىزى قېقىنى ئاپتاپقا سېلىپ قۇرۇتۇش جەريانىدا شىزىنىڭ ئىچكى قىسمىدىكى سۇ قەنت بىلەن ئارىلىشىپ پوستىنىڭ سىرتىغا سېڭىپ كىرىدۇ، سۇ تەركىبى پارغا ئايلانغاندىن كېيىن قەنت كىرىستالى سىرتقى يۈزىگە يىغىلىپ ئاق قىروۋ شەكىللىنىدۇ. شىزى قېقىنىڭ سېتىلىشىنىڭ تېخىمۇ ياخشى بولۇشى ئۈچۈن، بەزى قانۇنسىز سودىگەرلەر ئۇنىڭ يۈزىگە ئۇن ھەتتا تالك پاراشوكى چېچىپ، ئاق قىروۋ قىلىپ كۆرسىتىدۇ، شۇڭا كۆپچىلىك تاللىغاندا ئەڭ ياخشىسى سىلكىپ بېقىشى كېرەك. سۈنئىي ئۇسۇلدا «تالقان چېچىلغان» شىزى قېقىنىڭ ئاق توزغاق قەۋىتى بىر قەدەر بوش بولۇپ، يېنىك سىلكىگەندە ئاسانلا تۆكۈلۈپ كېتىدۇ، ئەمما تەبىئىي شىزىدىكى قىروۋ چۈشۈپ كەتمەيدۇ. سۈنئىي ئۇسۇلدا «تالقان چېچىلغان» شىزى قېقىنىڭ ئاق پاراشوكى بىر قەدەر كۆپ ھەم تەكشى تارقالغان بولىدۇ، ئەمما تەبىئىي شىزىدىكى قىروۋنىڭ تارقىلىشى ئۇنچە تەكشى ئەمەس.
خەلق تورىدىن تەرجىمە قىلىندى