تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   جايلاردا

خوراتاغ كەنتى ئېكولوگىيەلىك ساياھەت مەنزىلگاھىغا ئايلاندى

  ئانار بۇلۇت: خورا تېغىنىڭ ئىچكىرىسىگە جايلاشقان شىگشىن بازىرى خوراتاغ كەنتى ئاپتونوم رايون دەرىجىلىك نامرات كەنت. خوراتاغ كەنتى ئېكولوگىيە بايلىقى ۋە مول تارىخىي مەدەنىيەت بايلىقىغا تايىنىپ، ئىلگىرىكى نامرات تاغلىق كەنتتىن ئېكولوگىيەلىك ساياھەت مەنزىلگاھىغا ئايلاندى.

  بۇ بىر نەچچە كۈندە، قىشتىكى ئارىسال ۋاقىتتىن پايدىلىنىپ، شىگشىن بازىرى خوراتاغ كەنتىنىڭ كەنت ئاھالىسى ئايگۈل تۇرۇپ يەنە ئۆزىنىڭ بىر ئېغىز ئۆيىنى بوشىتىپ، يېڭىدىن گىلەم، سېلىنچا سېلىپ، بېزەپ، كېلەر يىللىق ساياھەتنىڭ ئاۋات پەسلى ئۈچۈن تەييارلىق قىلدى. بۇ يىل دۆلەت بايرىمىلىق دەم ئېلىشتا، خوراتاغ كەنتى تۇنجى نۆۋەتلىك ئوغلاق تارتىشىش، چەۋەندازلىق ۋە ئات يورغىلىتىش مۇسابىقىسى ئۆتكۈزدى، يەتتە كۈندىلا، ئۇ ئاچقان دېھقانلار ئارامگاھىنىڭ كىرىمى 10 مىڭ يۈەندىن ئاشتى. ئايگۈل تۇرۇپ مۇنداق دېدى: «ھازىر خوراتېغىغا ئوينىغىلى كېلىدىغانلار بارغانسېرى كۆپەيدى، دېھقانلار ئارامگاھىنىڭ سودىسىمۇ بارغانسېرى ياخشىلاندى، مەن ھەر يىلى دېھقانلار ئارامگاھىدىن 60 مىڭ يۈەندىن 70 مىڭ يۈەنگىچە كىرىم قىلىمەن، ئىلگىرى يەر تېرىشقا تايىنىپ تۇرمۇش كەچۈرەتتۇق، پەقەت 20 مىڭ يۈەنلا كىرىم قىلاتتىم».

  ئېكولوگىيە ئەۋزەللىكى ۋە ساياھەت بايلىقىنىڭ ئۈزلۈكسىز ئېچىلىشىغا تايىنىپ، بۈگۈنكى كۈندە، ساياھەت ئاپتوبۇسى ساياھەتچىلەرنى باشلاپ ئايگۈل تۇرۇپنىڭ ئىشىك ئالدىغا كەلدى. 2010-يىلى، خوراتاغ كەنتىدىكى دېھقان-چارۋىچىلارنىڭ ئوتتۇرىچە ساپ كىرىمى ئاران 2800 يۈەن بولۇپ، ئاپتونوم رايون دەرىجىلىك نامرات كەنت قاتارىغا كىرگۈزۈلگەنىدى، مول تەبىئىي بايلىق ۋە 1000 يىللىق قەدىمىي تۇرا قاتارلىق تارىخىي مەدەنىيەت ئاساسى چوڭقۇر ساياھەت بايلىقى بولسىمۇ، لېكىن قاتناش قولايسىز بولغاچقا ساياھەتچىلەر كېلەلمەيتتى ھەم كەنت ئاھالىلىرىنىڭ سەپەرگە چىقىشىمۇ ناھايىتى قىيىن ئىدى، 2015-يىلىغا كەلگەندىلا ئاندىن كەنت ئاھالىلىرىنىڭ سەپەرگە چىقىشى قىيىن بولۇش مەسىلىسى ئۈزۈل-كېسىل ھەل بولدى.

  ناھىيەلىك مەدەنىيەت-تەنتەربىيە ۋە ساياھەت ئىدارىسىنىڭ شىگشىن بازىرى خوراتاغ كەنتىدە تۇرۇشلۇق «ئەلرايىنى بىلىش، ئەلگە نەپ يەتكۈزۈش، ئەلنى مايىل قىلىش» خىزمەت ئەترىتىنىڭ ئەترەت باشلىقى، 1-شۇجى ما شياۋلۇڭ مۇنداق دېدى: «<13-بەش يىل>دىن بۇيان، خوراتاغ كەنتى يىپەك يولى قەدىمىي كەنتى بەرپا قىلىپ، يېزا-كەنت ساياھىتىنى راۋاجلاندۇرۇشنى نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش نەتىجىلىرىنى مۇستەھكەملەش بىلەن بىرلەشتۈرۈپ، تىرىشىپ قەدىمىي كەنت مەدەنىيىتىنى قېزىپ، قەدىمىي كەنت ماركىسىنى تىكلەپ، ساياھەتچىلىكتىن كەنت ئاھالىلىرىگە ھەقىقىي نەپ يەتكۈزۈپ، كەنت ئاھالىلىرىنى ساياھەت تەرەققىياتى داۋامىدا كىرىمىنى ئاشۇرۇپ بېيىشقا يېتەكلىدى».

  ھازىر، خوراتاغ كەنتىدىكى 94 ئائىلىلىك ئاھالىنىڭ 30 ئاھالە دېھقانلار ئارامگاھى ياكى ئۆرپ-ئادەت باغچىسى ئېچىپ، يىلىغا 150 مىڭ ئادەم قېتىم ساياھەتچى كۈتۈۋالدى، كەنت ئاھالىسىنىڭ ئوتتۇرىچە ساپ كىرىمى 17 مىڭ 428 يۈەنگە يەتتى. 2015-يىلى، خوراتاغ كەنتى پۈتۈن كەنت بويىچە نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇشنى ئىشقا ئاشۇرۇپ، «نامرات كەنت»تىن «ئۈلگىلىك كەنت»كە ئۆزگىرىشنى ئىشقا ئاشۇردى.

مەنبە: يەنجى خۇيزۇ ئاپتونوم ناھىيەلىك يۇغۇرما تاراتقۇ مەركىزى، ما جىڭ، تۇرسۇن

مەسئۇل مۇھەررىر : قۇربانجان قېيۇم

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • تاڭ نۇرىدىكى كۈرەش قىلغۇچىلار
  • قەغەز قىيما سەنئىتى مەكتەپلەرگە كىردى ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت ئۇرۇقى قەلبلەرگە تېرىلدى
  • شىنجاڭنىڭ تاغ-دەريالىرى خۇددى سۈرەتتەك| مۇزلار ئېرىپ دەريا يولى ئېچىلدى قايدۇ دەرياسىدىن باھار ھىدى تارقالدى