تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   جايلاردا

خېجىڭ ناھىيەسىدە لازا ئىشلەپچىقىرىش، سېتىش تەڭ جانلاندى

  تىيانشان تورى خەۋىرى (مۇخبىر شۆ يۈنشاۋ خەۋىرى، فوتوسى): يېقىندا، شىنجاڭ بايىنغولىن موڭغۇل ئاپتونوم ئوبلاستى خېجىڭ ناھىيەسى خارمۇدۇن بازىرى ئۇلانغاجار كەنتىدىكى بىر ئورۇندىكى لازا قۇرۇتۇش مەيدانىدا، دېھقان فېڭ سۇ ئۆزىنىڭ قۇرۇق لازىلىرىنى ئۆرۈپ كۆرۈپ، سۈپىتىگە ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلماقتا. بۇ يىل ئۇنىڭ ئائىلىسىنىڭ قۇرۇق لازىلىرى ئىچكىرى رايونلاردىكى بازارلارغا سېتىلدى، سۈپىتىگە ئاساسەن ھەر كىلوگىرامىنىڭ سېتىۋېلىش باھاسى بەش يۈەندىن توققۇز يۈەنگىچە بولغان بولۇپ، كىرىمنىڭ ئېشىشىدىن ئۈمىد بار.

  ئىگىلىنىشىچە، 2020-يىلى، خېجىڭ ناھىيەسىنىڭ سانائەت لازىسى تېرىش كۆلىمى 191 مىڭ مو بولۇپ، پۈتۈن ناھىيەنىڭ ئومۇمىي ھوسۇلى 79 مىڭ 216 توننىغا يېتىشى مۆلچەرلەنگەن، لازا كەسپىنى تەرەققىي قىلدۇرۇش بۇ ناھىيەنىڭ نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش نەتىجىلىرىنى مۇستەھكەملەشتىكى مۇھىم تۈۋرۈك ۋە دېھقانلارنىڭ كىرىمىنى ئاشۇرۇشتىكى ئاساسلىق يوللارنىڭ بىرىگە ئايلانغان.

مەسئۇل مۇھەررىر : قۇربانجان قېيۇم

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • تاڭ نۇرىدىكى كۈرەش قىلغۇچىلار
  • قەغەز قىيما سەنئىتى مەكتەپلەرگە كىردى ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت ئۇرۇقى قەلبلەرگە تېرىلدى
  • شىنجاڭنىڭ تاغ-دەريالىرى خۇددى سۈرەتتەك| مۇزلار ئېرىپ دەريا يولى ئېچىلدى قايدۇ دەرياسىدىن باھار ھىدى تارقالدى