تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   يېزا - كەنتلەرنى گۈللەندۈرۈش

بۇرچىن: كىچىككىنە يېمەكلىك زەمبۇرۇغى نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش چوڭ كەسپىگە ئايلاندى

  بۇرچىن ناھىيەلىك يۇغۇرما تاراتقۇ مەركىزى 12-ئاينىڭ 28-كۈنى خەۋىرى (مۇخبىر جارقىن): بۇ يىل بۇرچىن ناھىيەسى موگۇ ئۆستۈرۈش كەسپىنى زور كۈچ بىلەن راۋاجلاندۇرۇپ، شۇ جاينىڭ موگۇ ئۆستۈرۈش كەسپىنىڭ تەرەققىياتىغا تۈرتكە بولۇپلا قالماي، يەنە قىيىنچىلىقى بار ئاممىنىڭ ئىشقا ئورۇنلىشىپ كىرىمىنى ئاشۇرۇش يوللىرىنى كېڭەيتىپ، ئاممىنىڭ ئىشىكى ئالدىدىلا ئىشقا ئورۇنلىشىشىنى ئىشقا ئاشۇردى.

  نۆۋەتتە يېمەكلىك زەمبۇرۇغى ئۆستۈرۈش بازىسىدىكى پارنىكتا ھەر كۈنى ئۈزىدىغان موگۇ ئاساسلىقى ناھىيە بازىرى ۋە ئەتراپتىكى يېزا (بازار)لاردىكى ھەر قايسى چوڭ كۆكتات تاللا بازارلىرىدا سېتىلىدۇ، بازىدا ھەر كۈنى 200-300 كىلوگىرام موگۇ ئىشلەپچىقىرىلىپ، شۇ جاينىڭ بازار ئېھتىياجى تەمىنلىنىدۇ. ئىشلەپچىقىرىش سېخىدا، ئىشچىلار بىر كۈنلۈك ئەڭ ياخشى ئىشلەپچىقىرىش ھالىتىگە كىرىپ، ئۈزگەن موگۇلارنى ئايرىش، جىڭلاش، يەشىككە قاچىلاش بىلەن ئالدىراش بولۇپ كېتىدۇ.

  سەنفېڭ يېمەكلىك زەمبۇرۇغى ئۆستۈرۈش بازىسى قۇرۇلغاندىن بۇيان، شۇ جايدىكى تۆۋەن كىرىملىك ئاممىنى ئىشلەپچىقىرىش ۋە باشقۇرۇشقا قاتنىشىشقا پائال جەلپ قىلدى ھەمدە شۇ جايدىكى دېھقان-چارۋىچىلارنىڭ كىرىمىنى ئاشۇرۇپ بېيىشىدىكى يەنە بىر يولغا ئايلىنىپ، شۇ جايدىكى ئارتۇق ئەمگەكچىلەرنىڭ ئىشقا ئورۇنلىشىشىغا تۈرتكە بولدى.

  بۇ يىل 56 ياشقا كىرگەن ماۋلىتبېك قاسىمنىڭ ئائىلىسىدە بەش جان بار بولۇپ، ئاساسلىقى تېرىقچىلىققا تايىنىپ كىرىم قىلاتتى، 2017-يىلى ئىقتىسادىي كىرىمىنى ئاشۇرۇش ئۈچۈن، ئۇ ئۆزىنىڭ 40 نەچچە مو يېرىنى سىرتقا ھۆددىگە بەرگەندىن كېيىن، بىر ئائىلە كىشىلىرى يېمەكلىك زەمبۇرۇغى ئۆستۈرۈش بازىسىغا كېلىپ ئىشقا ئورۇنلاشتى، بۇ خىزمەت ئۇنىڭ كىرىمىنى ئاشۇرۇش يولىنى كۆپەيتىپلا قالماي، يەنە ئۇنىڭغا موگۇ ئۆستۈرۈش تېخنىكىسىنى ئىگىلەتتى. «ھازىر خوتۇنۇم ئىككىمىز ئايدا 6000 يۈەن مائاش ئالىمىز، ئىككى بالىمىزنىڭمۇ مۇقىم خىزمىتى بار بولدى، بىر ئائىلە كىشىلىرى ئورتاق نىشان ئۈچۈن كۈرەش قىلىۋاتىمىز» دېدى ماۋلىتبېك قاسىم.

  يېمەكلىك زەمبۇرۇغى ئۆستۈرۈش بازىسى كىرىمنى ئاشۇرىدىغان كەسىپنى توغرا تېپىپ، «بازا + دېھقان ئائىلىسى»دىن ئىبارەت تىجارەت ئەندىزىسىنى قوللىنىش ئارقىلىق، كەنت ئاھالىلىرىنى زەمبۇرۇغ تاياقچىسى ۋە تېخنىكا بىلەن تەمىنلىدى ھەم ئەتراپتىكى كەنتتىكى نامرات ئاھالىلەرنى ئىشىكى ئالدىدا يېقىن ئەتراپتا، ئۆز جايىدا ئىشقا ئورۇنلىشىشقا جەلپ قىلدى. نۆۋەتتە يېمەكلىك زەمبۇرۇغى ئۆستۈرۈش بازىسىمۇ سېتىش جەھەتتە مۇقىم ھەمكارلىشىدىغان دۇكان ۋە سۇپىغا ئىگە بولۇپ، سېتىش يوللىرىنىڭ مۇقىم بولۇشىغا كاپالەتلىك قىلدى ھەمدە يېمەكلىك زەمبۇرۇغى ئىشلەپچىقىرىشقا تايىنىپ بېيىش يولىنى ئېچىپ، نامرات ئاھالىلەرگە «بېيىش كۈنلۈكى» تىكلەپ بەردى.

 

مەسئۇل مۇھەررىر : قۇربانجان قېيۇم

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • تاڭ نۇرىدىكى كۈرەش قىلغۇچىلار
  • قەغەز قىيما سەنئىتى مەكتەپلەرگە كىردى ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت ئۇرۇقى قەلبلەرگە تېرىلدى
  • شىنجاڭنىڭ تاغ-دەريالىرى خۇددى سۈرەتتەك| مۇزلار ئېرىپ دەريا يولى ئېچىلدى قايدۇ دەرياسىدىن باھار ھىدى تارقالدى