تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   جايلاردا

شايار ناھىيەسى: ياخشى كۈنلەرنى تىلغا ئالغاندا يېڭى تۇرمۇشقا مىننەتدارلىق بىلدۈرۈش

شىنجاڭ گېزىتى خەۋىرى: ھازىر قەھرىتان قىش كىرىپ قالغان بولسىمۇ، لېكىن شايار ناھىيەسى يېڭى دەۋر مەدەنىيلىكىنى ئەمەلىيەتتە كۆرسىتىش پونكىتى (ئورنى)دا قانات يايدۇرغان «ياخشى كۈنلەرنى كۆڭۈل قويۇپ سۆزلەش، چىن ھېسسىيات بىلەن يېڭى تۇرمۇشقا مىننەتدارلىق بىلدۈرۈش» يۈرۈشلۈك باش تېمىلىق پائالىيىتى ئارقىلىق قاينام-تاشقىنلىققا چۆمدى.

12-ئاينىڭ 15-كۈنى، شايار ناھىيەسىنىڭ قايلور بازىرى قايلور كەنتىدە، كەنت ئاھالىلىرى كەچلىك تاماق يەپ بولۇپ، خەلق سەنئەتكارى ئەخەت قۇرباننىڭ ئۆيىگە كېلىپ، ئۇنىڭ مۇقام ئاھاڭى بىلەن ئېيتقان «ياخشى كۈنلىرىمىز توغرىسىدا» دېگەن يېڭى ناخشىسىنى ئاڭلىدى.

«ئىلگىرى ئائىلىمىز بەكلا نامرات ئىدى، تۇرۇۋاتقان ئۆيلىرىمىزنىڭ ھەممىلا يېرىدىن شامال ئۆتۈشۈپ تۇراتتى، قىش كېلىشى بىلەنلا ناھايىتى سوغۇق بولاتتى، ھازىر بىز ئازادە، يورۇق ئەمىن ئۆيلەرگە كۆچۈپ كىردۇق، قىشتا توك پار بىلەن ئىسسىنىدىغان بولدۇق، بۇنىڭ ھەممىسى پارتىيەنىڭ ياخشى سىياسىتىدىن بولدى. ئەخەت تۇردى مۇنداق دېدى: «بۈگۈن ئورۇنلىغىنىم مەن ئەڭ يېڭى يازغان ناخشا تېكىستى، شۇنداقلا مېنىڭ ئۆز كەچۈرمىشىم، پارتىيەنىڭ ياخشى سىياسىتى بولمىسا، بىز قانداقمۇ ئەمىن ئۆيدە ئولتۇرالايمىز، نەدىمۇ داۋالىنىش سۇغۇرتىسى بولسۇن، پارتىيە بىزگە ھازىرقى بەختلىك تۇرمۇشنى بەردى، بىز پارتىيەگە مىننەتدارلىق بىلدۈرۈپ، مەڭگۈ پارتىيەگە ئەگىشىپ مېڭىشىمىز كېرەك» دېدى.

بۇ يىل، شايار ناھىيەسى پارتىيە 19-نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتى 5-ئومۇمىي يىغىنى ۋە 3-قېتىملىق مەركەز شىنجاڭ خىزمىتى سۆھبەت يىغىنىنىڭ روھىنى تەشۋىق قىلىش پائالىيىتىنى قانات يايدۇرۇش جەريانىدا، ئىلگىرىكى «تەشۋىقاتچىلار سەھنىدە سۆزلەش، ئامما تۆۋەندە ئولتۇرۇپ ئاڭلاش»تەك بىرلا خىل ئۇسۇلنى ئۆزگەرتىپ، ناخشا ئېيتىش، ئۇسسۇل ئويناش، شاھمات ئويناش، پاراڭلىشىش قاتارلىق ئۇسۇللارنى قوللىنىپ، ھەر بىر كىشىنى ئاددىي سۆز، بىۋاسىتە تەسىراتقا ئىگە قىلىپ، ئوخشاش بولمىغان نۇقتىدىن، ئوخشاش بولمىغان قاتلامدىن، ئۆزىنىڭ تۇرمۇشىنىڭ ئۆزگىرىشى ۋە كەنتتىكى ئۆزگىرىشلەرنى بىۋاسىتە، جانلىق بايان قىلىپ، كۆپچىلىكنى مەڭگۈ پارتىيەنىڭ شەپقىتىنى بىلىش، پارتىيەگە مىننەتدارلىق بىلدۈرۈش، پارتىيەنىڭ گېپىنى ئاڭلاش، پارتىيەگە ئەگىشىپ مېڭىشقا يېتەكلىدى.

مەسئۇل مۇھەررىر : قۇربانجان قېيۇم

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • تاڭ نۇرىدىكى كۈرەش قىلغۇچىلار
  • قەغەز قىيما سەنئىتى مەكتەپلەرگە كىردى ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت ئۇرۇقى قەلبلەرگە تېرىلدى
  • شىنجاڭنىڭ تاغ-دەريالىرى خۇددى سۈرەتتەك| مۇزلار ئېرىپ دەريا يولى ئېچىلدى قايدۇ دەرياسىدىن باھار ھىدى تارقالدى