تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   ئانار گۈلى ئۆزگىچە قىزىل ئېچىلدى

ئىتتىپاقلىق كۈيىنى ياڭرىتىپ ياخشى ئاۋاز يەتكۈزدى

ئالتە شۇئار كوچىسى ئاككوردىيون مۇزىكا ئەترىتى:

ئىتتىپاقلىق كۈيىنى ياڭرىتىپ ياخشى ئاۋاز يەتكۈزدى

شىنجاڭ گېزىتى پۈتۈن تاراتقۇ مۇخبىرى مېھرىگۈل غوپۇر

قىش ئاپتىپى سوغۇقنى ھەيدەيدۇ. 12 - ئاينىڭ 6 - كۈنى چۈشتىن بۇرۇن، غۇلجا شەھىرىنىڭ ئازادلىق يولى كوچا باشقارمىسى ئالتە شۇئار كوچىسىنى كېسىپ ئۆتكەندە، ئۆزگىچە خاسلىققا ئىگە، ھەر خىل ئۇسلۇبتىكى ھويلا - ئارانلار كۆزگە چېلىقىپ تۇراتتى، كېلىپ - كېتىپ تۇرغان ھەر مىللەت ئاھالىلىرى ئۆزئارا قىزغىن سالاملىشىۋاتاتتى، ياشانغانلارنىڭ چىرايىدىن خاتىرجەملىك چىقىپ تۇراتتى ۋە قەدەملىرىنى توختىتىپ پاراڭلىشىۋاتاتتى، بالىلار خۇشال - خۇرام ئويناۋاتاتتى...

ئالتە شۇئار كوچىسى غۇلجا شەھىرىنىڭ تارىخىي مەدەنىيەت كوچا رايونى بولۇپ، 1934 - يىلى قۇرۇلغاندىن كېيىن، خەنزۇ، ئۇيغۇر، قازاق، خۇيزۇ، رۇس قاتارلىق كۆپ مىللەت بۇ يەردە ئىناق ئولتۇراقلاشقان. 2009 - يىلى، غۇلجا شەھىرى كوچا رايونىدىكى قەدىمىي ئىمارەتلەرنىڭ ئەسلىي قىياپىتىنى ساقلاپ قېلىش ئاساسىدا، 180 مىليون يۈەن مەبلەغ سېلىپ، ئۆزگەرتىش تۈرىنىڭ دەرىجىسىنى ئۆستۈرۈپ، ئالتە شۇئار كوچىسىنىڭ خاسلىقىنى ئەڭ زور دەرىجىدە ساقلاپ قېلىپ، ئەسلىگە كەلتۈرۈپ، ئاشۇرۇپ، بۇ يەرنىڭ كۆپ مەنبەلىك مەدەنىيىتىنىڭ سېھرىي كۈچىنى تولۇق نامايان قىلدى، ئالتە شوئار كوچىسىنىڭ يېڭى سېھرىي كۈچىنى ئۇرغۇتتى، كوچا رايونىنىڭ تونۇلۇش دەرىجىسىنى بارغانسېرى ئۆستۈردى. نۇرغۇن ساياھەتچى داڭقىنى ئاڭلاپ كېلىپ، بۇ يەردە ئېكسكۇرسىيە ساياھىتى قىلىپ، سۈرەتكە چۈشۈپ، تاماشا قىلدى.

ئالتە شۇئار كوچا رايونى لىگۇاڭ جيې 10 - كوچىسىغا جايلاشقان غۇلجا شەھىرى ئالتە شۇئار كوچىسى تارىخ ۋە مىللىي ئۆرپ - ئادەت مەدەنىيىتى كۆرگەزمىخانىسى ساياھەتچىلەر ئەڭ ياخشى كۆرىدىغان «داكا جاي» ئىدى. 12 - ئاينىڭ 6 - كۈنى چۈشتىن بۇرۇن، يېقىملىق ئاككوردىيون ئاۋازى ساراي ئىچىدە ياڭرىدى، 1 - قەۋەتكە رەتلىك تىزىلغان سۈرەتلەردە، جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ كۆپ مەنبە بىر گەۋدىلەشكەن، ھەرقايسى مىللەتلەر قول تۇتۇشۇپ ئورتاق ئىلگىرىلىگەن تەسىرلىك ھېكايىلەر بايان قىلىنغانىدى.

ساز ئاۋازىغا ئەگىشىپ 2 - قەۋەتتىكى ئاككوردىيون ئەتىۋارلاپ ساقلاش سارىيىغا كەلسىڭىز، 800دىن ئارتۇق شەكلى نەپىس، رەڭگى ھەرخىل ھەم يىللار تۇيغۇسىغا ئىگە ئاككوردىيونلار كۆز ئالدىڭىزدا نامايان بولىدۇ، بۇلارنىڭ ھەممىسى ئالتە شۇئار كوچىسى مەھەللىسىدىكى رۇس مىللىتىدىن بولغان ئاھالە ئالېكساندېر زازولىننىڭ يىغىپ ساقلىغان بۇيۇملىرى.

ئالېكساندېرنىڭ دادىسى ئىلگىرى ئاككوردىيون ئۇستىسى ئىدى، ئۇ ئون يېشىدىن باشلاپلا دادىسىغا ئەگىشىپ ئاككوردىيون چېلىش ۋە رېمونت قىلىشنى ئۆگەنگەن، 15 يېشىدىن باشلاپ ئاككوردىيون يىغىشنى باشلىغان، ھازىرغىچە، 27 دۆلەتنىڭ 800دىن ئارتۇق ئاككوردىيونىنى يىغىپ ساقلىغان. 2018 - يىلى غۇلجا شەھەرلىك ھۆكۈمەت 3 مىليون 670 مىڭ يۈەن مەبلەغ سېلىپ، 1200 كىۋادرات مېتىرلىق ئاككوردىيون ئەتىۋارلاپ ساقلاش سارىيى سالغان.

ئالېكساندېر نەچچە قېتىم كوچا باشقارمىسىنىڭ ئەدەبىيات - سەنئەت ئويۇن قويۇش پائالىيىتىگە قاتناشقاندىن كېيىن، نۇرغۇن ئاھالىنىڭ ئاككوردىيوندا ئورۇنلانغان مۇزىكىنى ناھايىتى ياخشى كۆرىدىغانلىقىنى بايقاپ، ئۈچ قەدىناس دوستىنى تېپىپ بىرلىكتە ھەر خىل ئويۇنلارغا قاتناشقان. كېيىن يەنە ئوخشاش بولمىغان مىللەتتىن بولغان تۆت ئاككوردىيون چېلىش ھەۋەسكارى ئۇلارغا قوشۇلغان، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى ئاككوردىيون مۇزىكا ئەترىتىمۇ شۇنىڭغا ئەگىشىپ قۇرۇلغان. بۈگۈنكى كۈندە، بۇ مۇزىكا ئەترىتىنىڭ ئوخشاش بولمىغان مىللەتتىن بولغان 13 نەپەر ئەزاسى بار.

مەيدان - ساراينىڭ ئوتتۇرىسىغا ياسالغان سەھنىدە، ئالتە شۇئار مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى ئاككوردىيون مۇزىكا ئەترىتىدىكىلەر پۈتۈن دىققىتى بىلەن «مەن ۋە مېنىڭ ۋەتىنىم» مۇزىكىسىنى ئورۇنلاۋاتاتتى، گۈزەل مېلودىيە كىشىلەرنى بىلىپ - بىلمەي ئەگىشىپ يېنىك ئاۋازدا غىڭشىپ ئېيتىشقا ئۈندەيتتى.

«ئالېكساندېر ئاكىمىز ئاغرىپ قاپتۇ، ئۇ تېلېفون قىلىپ، بىزگە ياخشى مەشىق قىلىڭلار دەپ تاپىلىدى، بىز يەنە بىرنەچچە مۇزىكىنى چېلىشنى مەشىق قىلايلى» دېدى مۇزىكا ئەترىتىنىڭ ئەزاسى خېيزاتۇللا ئەنۋەر كۆپچىلىكنى مەشىق قىلىشقا ئەستايىدىللىق بىلەن تەشكىللەپ.

ھەر ھەپتىنىڭ ئۈچى، بەشى كۆپچىلىك ئاككوردىيون ئەتىۋارلاپ ساقلاش سارىيىدا جەم بولۇپ بىرلىكتە مەشىق قىلىپ، خۇشاللىققا چۆمەتتى. كۆپچىلىك ئۆزئارا كېڭىشىپ، ئۆزئارا پىكىر ئالماشتۇرۇپ، مۇزىكا چېلىش سەۋىيەسىنى ئۆستۈرۈش بىلەن بىللە، ئۇلارنىڭ ھېسسىياتىمۇ بارغانسېرى چوڭقۇرلاشتى. «بىز بىرلىكتە مۇزىكا چېلىشنى ئۆگەندۇق، مەسىلەن: <مەن ۋە مېنىڭ ۋەتىنىم> <مودەنخان> <قارا يورغا> قاتارلىقلارنىڭ ھەممىسى بىز ياخشى كۆرىدىغان مۇزىكىلار» دېدى خېيزاتۇللا.

مۇزىكا ئەترىتى قۇرۇلغان ئىككى يىلدىن كۆپرەك ۋاقىتتىن بۇيان، 100 مەيداندىن ئارتۇق ئويۇن قويدى، يەنە مەركىزىي تېلېۋىزىيە ئىستانسىسىنىڭ «خەلق ناخشىلىرى . جۇڭگو» «ئالتۇن 100 سېكۇنت» قاتارلىق سەھنىلىرىگە چىقتى، خېيزاتۇللا بۇلتۇر «مەملىكەت بويىچە مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى - تەرەققىياتىدىكى نەمۇنىچى شەخس» بولۇپ باھالاندى. بۇ يىل، ئۇ ئالېكساندېر ۋە مۇزىكا ئەترىتىنىڭ ئەزاسى گوشۈنمىن بىلەن بىرلىكتە 3 - نۆۋەتلىك جۇڭگو خەلقئارا ئىمپورت كۆرگەزمىسى شىنجاڭ سودا ئۆمىكىنىڭ ئادىمىيەت ئالاقىسى كۆرگەزمە رايونىدا مېھمانلارغا مۇزىكا چېلىپ بېرىپ، كىشىلەرگە شىنجاڭ ياخشى ئاۋازىنى يەتكۈزدى.

«دۆلەت مىللەتلەرنىڭ مۇنەۋۋەر ئەنئەنىۋى مەدەنىيىتىنى قوغداش ۋە تەرەققىي قىلدۇرۇشقا يۈكسەك ئەھمىيەت بەردى، مىللەتلەر مەدەنىيىتى ياخشى دەۋرگە ئۇچرىدى.» خېيزاتۇللا مۇنداق دېدى: «بىز ئوخشاش بولمىغان مىللەت، ئوخشاش بولمىغان كەسىپتىن بولساقمۇ، ئاككوردىيون سەۋەبلىك بىر يەرگە يىغىلدۇق، بۇ، شىنجاڭدىكى ھەرقايسى مىللەتلەرنىڭ ئىناق، بىللە ئۆتىدىغانلىقىنى ئەڭ ياخشى چۈشەندۈرۈش. بىز يېقىملىق ئاككوردىيون ئاۋازى بىلەن شىنجاڭنىڭ جەمئىيەت مۇقىم بولغان چوڭ ياخشى ۋەزىيىتىنى، خەلقنىڭ خاتىرجەم ياشاپ، خۇشال - خۇرام ئىشلەۋاتقان بەختلىك تۇرمۇشىنى تەشۋىق قىلىمىز».

مەسئۇل مۇھەررىر : ئامانگۈل ئابدۇراخمان

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.