تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   جايلاردا

سانجى شەھىرى «مۇردا ئاپتوموبىل»لارنى تازىلىدى

  تىيانشان تورى خەۋىرى (ئىختىيارىي مۇخبىرلار جىن يەن، جاۋ چيەن، ئېربولات خەۋىرى، فوتوسى): يېقىندا، شىنجاڭ سانجى خۇيزۇ ئاپتونوم ئوبلاستى سانجى شەھىرىدىكى ھەر قايسى مەھەللە بىرلەشمە قاتناش ساقچى تارماقلىرى، كوچا ئۇنىۋېرسال قانۇن ئىجرا قىلىش مەركىزى «مۇردا ئاپتوموبىل»لارنى ئېنىقلاش، تۈزەش ھەرىكىتىنى قانات يايدۇرۇپ، قاتناش بىخەتەرلىكى يوشۇرۇن خەۋپىنى يەنىمۇ تۈگىتىپ، ئاپتوموبىل توختىتىش تەرتىپىنى قېلىپلاشتۇرۇپ، ئولتۇراق رايون مۇھىتىنى ياخشىلاپ، مەملىكەت بويىچە مەدەنىي شەھەر بەرپا قىلىش، دەرىجىسىنى ئۆستۈرۈش خىزمىتىگە كۈچ قوشتى.

  يېقىندا قانات يايدۇرۇلغان مۇھىت تازىلىقىنى تۈزەش خىزمىتىدە، نىڭبيەن يولى كوچا باشقارمىسى غەربىي كوچا مەھەللىسىنىڭ خىزمەتچى خادىملىرى يولنىڭ ئىككى تەرىپىگە ئۇزۇن مۇددەت توختىتىپ قويۇلغان ھەمدە ئاممىۋى ئاپتوموبىل توختىتىش ئورنىنى ئىگىلىۋالغان كېرەكسىز، كونا ئاپتوموبىللارنى تەكشۈرۈپ، «مۇردا ئاپتوموبىل»لارنىڭ ئىگىسىنىڭ بەلگىلەنگەن مۇددەت ئىچىدە ئۆز ئالدىغا بىر تەرەپ قىلىشقا چەك قويدى، بولمىسا قانۇن بويىچە سۆرەپ يۆتكىۋېتىلىدىكەن.

  شەھەر ئاھالىلىرى «مۇردا ئاپتوموبىل»لارنى بايقىغاندا قانداق بىر تەرەپ قىلىشى كېرەك؟ ئەگەر شەھەر ئاھالىلىرى «مۇردا ئاپتوموبىل»لارنىڭ ئاممىۋى بايلىقنى ئىگىلىۋالغانلىقىنى بايقىسا، «سانجى شەھەرلىك قاتناش ساقچىلىرى لىنىيەسى» ۋېيشىن ئاممىۋى نومۇرىغا ئۇچۇر يوللىسا ياكى سۆز قالدۇرسا بولىدۇ، شۇنداقلا 2267322-0994گە تېلېفون قىلىپ پاش قىلسىمۇ بولىدۇ.

مەسئۇل مۇھەررىر : قۇربانجان قېيۇم

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • تاڭ نۇرىدىكى كۈرەش قىلغۇچىلار
  • قەغەز قىيما سەنئىتى مەكتەپلەرگە كىردى ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت ئۇرۇقى قەلبلەرگە تېرىلدى
  • شىنجاڭنىڭ تاغ-دەريالىرى خۇددى سۈرەتتەك| مۇزلار ئېرىپ دەريا يولى ئېچىلدى قايدۇ دەرياسىدىن باھار ھىدى تارقالدى