تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   مەدەنىيەت - ساياھەت

ئالتاي ۋىلايىتى بىر يۈرۈش قىشلىق ساياھەتتە ئېتىبار بېرىش سىياسەتلىرىنى يولغا قويدى

   تىيانشان تورى خەۋىرى (ئىختىيارىي مۇخبىرىمىز لۈ ۋېن فوتوسى، خەۋىرى): 12-ئاينىڭ 25-كۈنى، شىنجاڭ ئالتاي ۋىلايىتى بارلىق تىجارەت قىلىۋاتقان A دەرىجىلىك مەنزىرە رايونلىرىنىڭ ئىشىك بېلىتى ئېلىشنى كەچۈرۈم قىلىش قاتارلىق بىر قاتار قىشلىق ساياھەتتە ئېتىبار بېرىش سىياسەتلىرىنى يولغا قويۇپ، تەرەپ-تەرەپتىكى جايلاردىكى ساياھەتچىلەرنى بۇ يەرگە كېلىشكە تەكلىپ قىلدى.

   ئالتاي ۋىلايەتلىك مەدەنىيەت-تەنتەربىيە-رادىيو-تېلېۋىزىيە ۋە ساياھەت ئىدارىسىنىڭ مۇئاۋىن ئىدارە باشلىقى نيې پىڭنىڭ تونۇشتۇرۇشىچە، بۇ قېتىم يولغا قويۇلغان ئېتىبار بېرىش سىياسەتلىرى تۆۋەندىكىلەرنى ئۆز ئىچىگە ئالىدىكەن:

    مەنزىرە رايونلىرىدا ئېتىبار بېرىش سىياسىتى — ئالتاي ۋىلايىتىدىكى بارلىق تىجارەت قىلىۋاتقان A دەرىجىلىك مەنزىرە رايونلىرىدا ئىشىك بېلىتى كەچۈرۈم قىلىندى؛

   ئايروپىلان ھۆددىگە ئېلىش، جاينى ئۆزگەرتىش مۇكاپاتى سىياسىتى ئايروپىلان ھۆددىگە ئېلىش شەكلىدە ئالتايدىن باشقا جايلاردىكى ساياھەتچىلەر(ھەر نۆۋەتچى ئايروپىلاندا 50تىن كەم بولماسلىق)نى ئالتايغا ساياھەتكە كېلىشكە تەشكىللىگەن ئۆمەك، كوپىراتىپقا 20 مىڭ يۈەن (قېتىم) مۇكاپات بېرىلىدۇ، ئادەم سانى ھەسسىلەپ ئاشسا مۇكاپاتمۇ ھەسسىلىنىدۇ. ئايروپىلانغا جاي ئۆزگەرتىش شەكلىدە ئالتايدىن باشقا جايلاردىن كەلگەن ساياھەتچىلەر(ھەر بىر نۆۋەتچى ئايروپىلاندا 25 تىن ئاز بولمىغان كىشى)نى ئالتايغا ساياھەتكە كېلىشكە تەشكىللىگەن ئۆمەك، كوپىراتىپقا ھەر بىر ئادەم ئۈچۈن 200 يۈەن مۇكاپات بېرىلىدۇ، ئادەم سانى ھەسسىلەپ ئاشسا مۇكاپاتمۇ ھەسسىلىنىدۇ؛

   ساياھەت مەخسۇس پويىزىغا ئولتۇرسا مۇكاپاتلاش سىياسىتى  ساياھەت مەخسۇس پويىزى شەكلىدە ئالتايدىن باشقا جايلاردىكى ساياھەتچىلەر(ھەر قېتىمدا 200دىن كەم بولماسلىق)نى ئالتايغا ساياھەتكە كېلىشكە تەشكىللىگەن ئۆمەك، كوپىراتىپقا 40 مىڭ يۈەن قېتىم مۇكاپات بېرىلىدۇ، ئادەم سانى ھەسسىلەپ ئاشسا مۇكاپاتمۇ ھەسسىلىنىدۇ. شەرقىي جۇڭغار ئالتاي تېغىنى ئايلىنىدىغان مەخسۇس پويىز تولۇقلىمىسى: ئۈرۈمچىدىن شەرقىي جۇڭغار، كۆكتوقايغىچە، ئاندىن ئالتاي، بۇرۇلتوقاي ئارقىلىق ئۈرۈمچىگە قايتىدىغان ئايلانما لىنىيە مەخسۇس پويىزى ئالتاي ۋىلايىتىدە ئۈچ كېچىدىن ئارتۇق تۇرسا، ھەربىر نۆۋەتچى پويىزدا 100دىن ئارتۇق ئادەم بولسا، تەشكىللىگەن ئۆمەك، كوپىراتىپقا 30 مىڭ يۈەن (قېتىم) مۇكاپات بېرىلىدۇ، ئادەم سانى ھەسسىلەپ ئاشسا مۇكاپاتمۇ ھەسسىلىنىدۇ؛

   ئۆزى ئاپتوموبىل ھەيدەپ ساياھەت قىلغانلارنى مۇكاپاتلاش سىياسىتى  ئۆزى ئاپتوموبىل ھەيدەش شەكلىدە ئالتايدىن باشقا جايلاردىكى ساياھەتچىلەر(ئاپتوموبىل 20 دىن كەم بولماسلىق، ساياھەتچىلەر 60تىن كەم بولماسلىق، ئالتاي ۋىلايىتىدىكى ياتاقتا ياتىدىغانلارنىڭ ۋاقتى ئىككى ئاخشامدىن كەم بولماسلىق)نى ساياھەتكە تەشكىللىگەن ساياھەت كوپىراتىپلىرى(ئۆزى ئاپتوموبىل ھەيدەپ ساياھەتكە چىققانلار)غا 20 مىڭ يۈەن قېتىم مۇكاپات بېرىلىدۇ؛

   مېھمانساراي، يېمەك-ئىچمەك، ئالاھىدە مەھسۇلاتلار ئېتىبار كارتىسى  ئەقلىي ساياھەت ئالتاي سۇپىسى (ۋېيشىن ئاممىۋى نومۇرى ياكى كىچىك پىروگرامما)دا مېھمانخانا زاكاز قىلسا 60 يۈەنلىك ئېتىبار كارتىسىدىن بىرسى بېرىلىدۇ؛ يېمەك-ئىچمەك مەھسۇلاتلىرىنى زاكاز قىلغاندا ئىككى دانە ئېتىبار كارتىسى (بىر دانىسى 20 يۈەن ۋە بىر دانىسى 60 يۈەن) ئېلىش؛ ئالاھىدە مەھسۇلات زاكاز قىلغانلارغا 60 يۈەنلىك ئالاھىدە مەھسۇلات ئېتىبار كارتىسىدىن بىرسى بېرىلىدۇ؛

   ساياھەتچى توشۇش رەت تەرتىپى بويىچە مۇكاپاتلاش سىياسىتى  سىياسەتنى ئىجرا قىلىش مۇددىتى ئىچىدە، ئالتاي ۋىلايىتىگە توشۇغان ساياھەتچى 1000دىن تۆۋەن بولمىغان ساياھەت كوپىراتىپلىرىغا قارىتا، رەت تەرتىپى ئالدىنقى بەش ئورۇنغا تىزىلغانلارغا ئايرىم-ئايرىم ھالدا 200 مىڭ يۈەن، 150 مىڭ يۈەن، 100 مىڭ يۈەن، 50 مىڭ يۈەن ۋە 30 مىڭ يۈەن مۇكاپات بېرىلىدۇ؛ ئالتاي ۋىلايىتىگە توشۇغان قار تېيىلىش ساياھەتچىلىرى 1000 كىشىدىن تۆۋەن بولمىغان قار تېيىلىش كۇلۇبلىرىغا قارىتا، رەت تەرتىپى ئالدىنقى بەش ئورۇنغا تىزىلغانلارنى ئايرىم-ئايرىم ھالدا 200 مىڭ يۈەن، 150 مىڭ يۈەن، 100 مىڭ يۈەن، 50 مىڭ يۈەن ۋە 30 مىڭ يۈەن بىلەن مۇكاپاتلاش قاتارلىقلار.

 


   12-ئاينىڭ 22-كۈنى تۇنجى قېتىم چاڭغا تېيىلىشقا باشلىغان قۇم كپۇلىن قار تېيىلىش مەيدانىمۇ مۇناسىپ ئېتىبار بېرىش تەدبىرلىرىنى يولغا قويدى: «قاناس ساياھىتى» باشقۇرغۇچى تەرەپ ۋېيشىن مۇلازىمەت نومۇرىغا تىزىملىتىش، مەملىكەت بويىچە ۋاڭخۇڭ KOL، شىنلاڭ ۋىيبو فىنسىسى 500 مىڭدىن كۆپ ياكى دوۋيىن فېنسىسى 100 مىڭدىن كۆپ بولغانلار قار تېيىلىش مەيدانىدا راۋان تېيىلىش (بىر كۈن) ۋە چەكلىك مىقداردا قار تېيىلىش كارتىسى (بىر قېتىم)دىن بەھرىمەن بولالايدۇ.

مەسئۇل مۇھەررىر : ياقۇپجان تۇرسۇن

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • تاڭ نۇرىدىكى كۈرەش قىلغۇچىلار
  • قەغەز قىيما سەنئىتى مەكتەپلەرگە كىردى ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت ئۇرۇقى قەلبلەرگە تېرىلدى
  • شىنجاڭنىڭ تاغ-دەريالىرى خۇددى سۈرەتتەك| مۇزلار ئېرىپ دەريا يولى ئېچىلدى قايدۇ دەرياسىدىن باھار ھىدى تارقالدى