تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   جايلاردا

تېكەس ناھىيەسىنىڭ يېزا ئىگىلىك ئۈنۈمى، دېھقانلارنىڭ كىرىمىنى ئاشۇرۇشتا «ئۇ» بولمىسا بولمايدۇ

  ئانار بۇلۇت: يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، تېكەس ناھىيەسى تېرىقچىلىق قۇرۇلمىسىنى تەڭشەشنى ئاساسىي لىنىيە، ئىقتىسادىي ئۈنۈمنى ئۆستۈرۈشنى مەركەز، پەن-تېخنىكا تەرەققىياتىنى ھەرىكەتلەندۈرگۈچ كۈچ قىلىپ، ئاساسىي قاتلامدا يېزا ئىگىلىك تېخنىكىسىنى ئومۇملاشتۇرۇشقا ياردەم بېرىش تۈرىنى يولغا قويۇپ، يېزا-كەنت كەسىپلىرىنى گۈللەندۈرۈشنى كۈچلۈك پەن-تېخنىكا تىرىكىگە ئىگە قىلدى.

  2010-يىلى «ئاساسىي قاتلام يېزا ئىگىلىك تېخنىكىسىنى ئومۇملاشتۇرۇش سىستېمىسى ئىسلاھاتى ۋە قۇرۇلۇشىغا ياردەم بېرىش تۈرى»گە كىرگۈزۈلگەندىن بۇيان، تېكەس ناھىيەلىك يېزا ئىگىلىك تېخنىكىسىنى كېڭەيتىش مەركىزى يېزا ئىگىلىك ئىشلەپچىقىرىشىنىڭ ئالدىدا، ئىشلەپچىقىرىش جەريانىدا، ئىشلەپچىقىرىشتىن كېيىن پۈتۈن جەريانلىق تېخنىكا كېڭەيتىشنى پائال قانات يايدۇرۇپ، ناھىيەنىڭ يېزا ئىگىلىك تەرەققىياتىنى يېڭى ھەرىكەتلەندۈرگۈچى كۈچ بىلەن تەمىنلەپ، دېھقان-چارۋىچىلارنىڭ ھوسۇلىنى، كىرىمىنى ئاشۇرۇشنى ئىلگىرى سۈردى. بۇ يىل 45 ياشقا كىرگەن ۋاڭ يۇڭخۇڭ ئائىلىسى تېكەس ناھىيەسى خۇجىرتى موڭغۇل يېزىسى ئىتتىپاق يېڭى كەنتىدىكى پارنىك تېرىقچىلىقى ئائىلىسى بولۇپ، ئۇ ھەر يىلى ناھىيەنىڭ يېزا ئىگىلىك تېخنىكىسىنى كېڭەيتىش بويىچە تەربىيەلەش كۇرسىغا ئاكتىپ قاتنىشىپ، يېڭى تېخنىكا ئۆگىنىش ۋە دېھقانلارغا نەپ يەتكۈزۈش سىياسەتلىرىنىڭ تولۇقلىمىسى ئارقىلىق، بۇ يىل ئۇنىڭ كىرىمى بۇلتۇرقىدىن بىر ھەسسە ئاشتى.

  كەنت ئاھالىسى ۋاڭ يۇڭخۇڭ مۇنداق دېدى: بۇ يىل يېزا ئىگىلىكى-يېزا ئىدارىسى پارنىك تېرىقچىلىقى بىلەن شوغۇللانغۇچىلارنى سىستېمىلىق تەربىيەلەپ، كەنت ئاھالىلىرىنىڭ تېخنىكىسىنى زور دەرىجىدە ئۆستۈردى، يەنە كۆپچىلىككە ئورگانىك ئوغۇت ۋە سېرىق تاختا تارقىتىپ بەردى، يەنە تېمىتىپ سۇغىرىش قاتارلىقلارمۇ بار، «بۇ ئۇسۇللار ئارقىلىق پارنىكتىن قىلغان كىرىمىمىز بۇلتۇرقىدىن بىر ھەسسىگە يېقىن ئاشتى».

  ئاساسىي قاتلام يېزا ئىگىلىك تېخنىكىسىنى ئومۇملاشتۇرۇش سىستېمىسى ئىسلاھاتى ۋە قۇرۇلۇش ياردەم تۈرىنى يولغا قويۇش ئارقىلىق، جەمئىيەتلەشتۈرۈش يېزا ئىگىلىك مۇلازىمەت سىستېمىسى بەرپا قىلىندى ۋە مۇكەممەللەشتۈرۈلدى. كەنت ئاھالىسى نيۇ خۇڭۋېي بۇنىڭدىن كۆپ نەپ ئالدى، بۇ يىل تۈر تولۇقلىمىسى ۋە يېزا ئىگىلىك تېخنىكىسى بويىچە تەربىيەلەش ئارقىلىق، ئۇ پارنىكقا تېمىتىپ سۇغىرىش ئۈسكۈنىسى ئورنىتىپلا قالماي، يەنە %40 تولۇقلىما باھادا ئورگانىك ئوغۇت سېتىۋالدى، تېرىقچىلىق تېخنىكىسى ئۈزلۈكسىز ئۆستى، كېيىنكى قەدەمدە ئۇ يەنە بىر نەچچە خىل كۆكتات تېرىپ، يېڭى سورتنى ئۈزلۈكسىز سىناق قىلىپ، كىرىمىنى تەدرىجىي ئاشۇرۇشنى پىلانلىدى.

  دېھقان نيۇ خۇڭۋېي مۇنداق دېدى: «سىياسەتتىن بەھرىمەن بولغان ئىككى يىلدىن بۇيان، يىللىق كىرىمىم ناھايىتى ياخشى بولدى، بۇ يىل، مەن بىرنەچچە خىل سورتنى كۆپرەك تېرىپ، كىرىمىمنى داۋاملىق ئاشۇرماقچى».

  تېكەس ناھىيەسى لەنتيەن كۆكتاتچىلىق دېھقانلار كەسپىي ھەمكارلىق كوپىراتىپىنىڭ كېڭەش باشلىقى جاڭ رۈي مۇنداق دېدى: «بۇ يىل كىرگەندىن بۇيان، مايسا يېتىشتۈرۈش ۋە ئورگانىك ئوغۇت تولۇقلىمىسى جەھەتتىن پۇقرالار كۆپ نەپكە ئېرىشتى، شۇنىڭ بىلەن بىللە، زاۋۇتلاشتۇرۇپ مەركەزلىك مايسا يېتىشتۈرۈش ئارقىلىق كۆكتاتلارنىڭ سۈپىتى ۋە مەھسۇلات مىقدارىنى ئاشۇردۇق. ئورگانىك ئوغۇت ياردەم بېرىش ۋە كېڭەيتىش ئارقىلىق، كۆرۈنەرلىك ئۈنۈم ھاسىل قىلىندى، مەھسۇلات مىقدارى %30 ئاشتى، سۈپەت جەھەتتە تاۋارلىشىش نىسبىتى %20 ئاشتى، ئۈنۈمى بىر قەدەر كۆرۈنەرلىك بولدى».

  ھازىرغا قەدەر، تېكەس ناھىيەسى جەمئىي 70 تېخنىكا يېتەكچىسىنى تاللاپ، پەن-تېخنىكىدا ئۈلگە كۆرسىتىدىغان 80 ئائىلىگە تېخنىكا جەھەتتىن يېتەكچىلىك قىلىشقا تەكلىپ قىلدى، بىر ئائىلە ئۈلگە كۆرسىتىدىغان ئائىلىلەر 10 دېھقانغا تۈرتكە بولۇپ، 800 ئائىلىلىك دېھقان-چارۋىچىنىڭ ئىلمىي تېرىقچىلىق قىلىشىغا تۈرتكە بولۇپ، دېھقان-چارۋىچىلارنىڭ ھوسۇلىنى ئاشۇرۇپ، كىرىمىنى ئاشۇرۇشىغا پۇختا پەن-تېخنىكا ئاساسى سالدى.

  تېكەس ناھىيەلىك يېزا ئىگىلىكى-يېزا ئىدارىسى يېزا ئىگىلىك تېخنىكىسىنى ئومۇملاشتۇرۇش مەركىزىنىڭ مۇئاۋىن مۇدىرى، ئالىي ئاگرونوم ياڭ لى مۇنداق دېدى: «بۇنىڭدىن كېيىن، بىز تېخىمۇ كۆپ ئەلگە نەپ يەتكۈزۈش سىياسەتلىرىنى دېھقانلار ئارىسىدا ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، يېزا ئىگىلىك تېخنىكىمىز ئارقىلىق دېھقانلارنى داۋاملىق مەھسۇلات ۋە كىرىمنى ئاشۇرۇش ئىمكانىيىتىگە ئىگە قىلىمىز».

مەنبە: تېكەس ناھىيەلىك يۇغۇرما تاراتقۇ مەركىزى

مەسئۇل مۇھەررىر : قۇربانجان قېيۇم

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • تاڭ نۇرىدىكى كۈرەش قىلغۇچىلار
  • قەغەز قىيما سەنئىتى مەكتەپلەرگە كىردى ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت ئۇرۇقى قەلبلەرگە تېرىلدى
  • شىنجاڭنىڭ تاغ-دەريالىرى خۇددى سۈرەتتەك| مۇزلار ئېرىپ دەريا يولى ئېچىلدى قايدۇ دەرياسىدىن باھار ھىدى تارقالدى