تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   جايلاردا

يوپۇغا ناھىيەسى: ئېتىز-ئېرىق بېشىدا باغ-ئورمانچىلىقنى باشقۇرۇش، پەرۋىش قىلىش بويىچە تەربىيەلەش قانات يايدۇرۇلدى

  يوپۇغا، 12-ئاينىڭ 27-كۈنى خەۋىرى، يوپۇغا ناھىيەلىك يۇغۇرما تاراتقۇ مەركىزىدىن ياقۇپجان، ئەخمەتجان ئىمىن خەۋەر قىلىدۇ: يېقىندا، يوپۇغا ناھىيەسىنىڭ يەكشەنبە بازار بازىرى گالئېرىق كەنتىدىكى چىلان بازىسىدا، باغۋەنچىلىك تېخنىكا خادىملىرى نەزەرىيە بىلىملىرىنى چۈشەندۈرۈش ۋە نەق مەيداندا قولمۇقول ئۈلگە كۆرسىتىپ مەشغۇلات قىلىش قاتارلىق ئۇسۇللارنى قوللىنىپ، دېھقانلارنى قىشلىق چىلان باشقۇرۇش، پەرۋىش قىلىش بويىچە تەربىيەلىدى.

  «مېنىڭ ئۈچ مو چىلانلىقىم بار، تېخنىك خادىملارنىڭ چۈشەندۈرۈشىنى ئەستايىدىل ئاڭلاپ ھەم ئۆزۈم مەشغۇلات قىلغاندىن كېيىن، ھازىر چىلان باشقۇرۇشقا دائىر ئاساسىي بىلىملەرنى ئۆگىنىۋالدىم» دېدى گالئېرىق كەنتىدىكى چىلانچى دېھقان ساۋۇت قۇربان، ئۇ يەنە مۇنداق دېدى: «كېلەر يىلى چىلانلىقنى ئىلمىي پەرۋىش قىلىپ، تىرىشىپ تېخىمۇ ياخشى ھوسۇل ئالىمەن».

  «يەكشەنبە بازار بازىرىنىڭ چىلان كۆلىمى 15 مىڭ مودىن ئاشىدۇ، باشقۇرۇش جايىدا بولغاچقا، بۇ يىل چىلانچى دېھقانلار مول ھوسۇل ئالدى. ھازىر بىز قىشلىق بوش ۋاقىتتىن پايدىلىنىپ، پۈتۈن بازاردىكى باغ-ئورمانچىلىق تېخنىكلىرى، چىلان ئۆستۈرۈش چوڭ ئائىلىلىرىنى تەشكىللەپ، قىشلىق چىلان پەرۋىش قىلىش، ئاقارتىش قاتارلىق جەھەتلەردە تەربىيەلەشنى قانات يايدۇرۇپ، تەربىيەلەش ئارقىلىق چىلانچى دېھقانلارنىڭ باشقۇرۇش، پەرۋىش قىلىش سەۋىيەسىنى يەنىمۇ ئۆستۈرۈپ، كېلەر يىلى چىلاندىن مول ھوسۇل ئېلىشقا ياخشى ئاساس سالدۇق» دېدى يەكشەنبە بازار بازارلىق ئورمان باشقۇرۇش پونكىتىنىڭ پونكىت باشلىقى تاجىگۈل مەمەت.

  يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، يوپۇغا ناھىيەسى «ئۈچ مېۋە، بىر گۈل»نى زىچ چۆرىدەپ كەسىپ قۇرۇلمىسىنى ئورۇنلاشتۇرۇپ، چىلاننىڭ سۈپىتىنى ئۆستۈرۈپ، ئۈنۈمنى ئاشۇرۇش خىزمىتىنى پۈتۈن كۈچ بىلەن ياخشى ئىشلەپ، باغ-ئورمانچىلىق تېخنىكا مۇلازىمەت سىستېمىسىنى تەدرىجىي مۇكەممەللەشتۈرۈپ، تېخنىكا تايانچىلىرىنى يېتىشتۈرۈش، مۇتەخەسسىسلەرنى دەرس ئۆتۈشكە تەكلىپ قىلىش، دېھقانلار تېخنىكا مۇلازىمەت ئەترىتى تەشكىللەش قاتارلىق ئۇسۇللار ئارقىلىق، دېھقانلارغا تېخنىكا جەھەتتىن يېتەكچىلىك قىلىپ، تېخنىكا جەھەتتىن تەربىيەلەپ، مەسلىھەت بېرىش مۇلازىمىتى بىلەن تەمىنلەپ، چىلانچى دېھقانلارنىڭ كىرىمىنى ئاشۇرۇشقا پۇختا ئاساس سالدى.

مەسئۇل مۇھەررىر : ياقۇپجان تۇرسۇن

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • تاڭ نۇرىدىكى كۈرەش قىلغۇچىلار
  • قەغەز قىيما سەنئىتى مەكتەپلەرگە كىردى ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت ئۇرۇقى قەلبلەرگە تېرىلدى
  • شىنجاڭنىڭ تاغ-دەريالىرى خۇددى سۈرەتتەك| مۇزلار ئېرىپ دەريا يولى ئېچىلدى قايدۇ دەرياسىدىن باھار ھىدى تارقالدى