تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   شىنجاڭغا نىشانلىق ياردەم بېرىش

نىڭبو-كۇچانىڭ بىرلىكتە تۆت ياشلىق شىنجاڭلىق ئوغۇل بالىنىڭ كۆرۈش قۇۋۋىتىنى ئەسلىگە كەلتۈرۈشى «2020 مېھىر-شەپقەتلىك نىڭبو» قەلبلەرنى ئىللىتىدىغان 10 چوڭ ھېكايىنىڭ بىرى بولۇپ باھالاندى

  12-ئاينىڭ 25-كۈنى، نىڭبو شەھەرلىك پارتىيە كومىتېتى تەشۋىقات بۆلۈمى، شەھەرلىك مەنىۋى مەدەنىيلىك قۇرۇلۇشىغا يېتەكچىلىك قىلىش كومىتېتى ئىشخانىسى، شەھەرلىك باش ئىشچىلار ئۇيۇشمىسى ئۇيۇشتۇرغان، نىڭبو كەچلىك گېزىتى، نىڭبو مەنىۋى مەدەنىيەت تورى ئۆتكۈزۈشنى ئۈستىگە ئالغان «2020 مېھىر-شەپقەتلىك نىڭبو» قەلبلەرنى ئىللىتىدىغان 10 چوڭ ھېكايىنى ئېلان قىلىش پائالىيىتى «1-ماي مەيدانى» تىياتىرخانىسىدا «سۆزلەندى».

  بۇنىڭ ئىچىدە، نىڭبو-كۇچا بىرلىكتە تۆت ياشلىق شىنجاڭلىق ئوغۇل بالىنىڭ كۆرۈش قۇۋۋىتىنى ئەسلىگە كەلتۈرۈشى «2020 مېھىر-شەپقەتلىك نىڭبو» قەلبلەرنى ئىللىتىدىغان 10 چوڭ ھېكايىنىڭ بىرى بولۇپ باھالاندى. بۇ نىڭبو شەھىرىنىڭ داۋالاش ئارقىلىق شىنجاڭغا ياردەم بېرىشتىكى يەنە بىر چوڭ نەتىجىسى بولۇپ، شىنجاڭغا ياردەم بېرىش خىزمىتىدە ئاكتىپ نەتىجە-ئۈنۈمنى قولغا كەلتۈرۈلگەنلىكىگە گۇۋاھ بولۇشى ھېسابلىنىدۇ.

  مۇكاپاتلاش سۆزى: بۇ يىل 11-ئايدا، نىڭبو بىلەن شىنجاڭ كۇچا ئىككى جاي كۈچ ئۇلاپ، ۋاقىت بىلەن بەسلەشتى. ئۈچ يېرىم سائەتلىك ئوپېراتسىيە قىلىش، 20 نەچچە كۈن دوختۇرخانىدا يېتىپ داۋالىنىشتىن كېيىن، نىڭبو كۆز كېسەللىكلىرى دوختۇرخانىسىنىڭ دوختۇرى شىنجاڭدىن كەلگەن تۆت ياشلىق تۇغما كۆز كېسىلى بولغان ئاغرىقىنىڭ كۆرۈش قۇۋۋىتىنى ئەسلىگە كەلتۈردى. شۇنىڭ بىلەن بىللە، نىڭبونىڭ شىنجاڭغا ياردەم بەرگەن دوختۇر-سېسترالىرى يەنە بالىنىڭ كېيىنكى تەكشۈرۈش ۋە داۋالاشقا مەسئۇل بولىدىكەن. «تىيانشان قارىغايلىرىنىڭ يىلتىزى بىرتۇتاش، نىڭبو-كۇچا خەلقى قەلبداش»، ئەزەلدىن «مېھىر-شەپقەتلىك» نىڭبولۇقلار يەنە بىر قېتىم تېزلىكتە ھەرىكەتكە كېلىپ، بىر ئادەتتىكى شىنجاڭلىق بالىنىڭ كەلگۈسى ۋە ئۈمىد چىرىغىنى يورۇتتى.

مەسئۇل مۇھەررىر : قۇربانجان قېيۇم

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • تاڭ نۇرىدىكى كۈرەش قىلغۇچىلار
  • قەغەز قىيما سەنئىتى مەكتەپلەرگە كىردى ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت ئۇرۇقى قەلبلەرگە تېرىلدى
  • شىنجاڭنىڭ تاغ-دەريالىرى خۇددى سۈرەتتەك| مۇزلار ئېرىپ دەريا يولى ئېچىلدى قايدۇ دەرياسىدىن باھار ھىدى تارقالدى