تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   جايلاردا

باغراش ناھىيەسى: دېھقانلار كۇتۇپخانىسىنى كەنت ئاھالىلىرىنىڭ «مەدەنىيەت ئاشلىق ئامبىرى»غا ئايلاندۇردى

باغراش، 12-ئاينىڭ 27-كۈنى خەۋىرى (ئىختىيارىي مۇخبىرلار گو يۈشۈن، خۇ شىچى): باغراش ناھىيەسىنىڭ ھەر قايسى يېزا-بازارلىرىدىكى دېھقانلار كۇتۇپخانىلىرى دېھقان-چارۋىچىلارنىڭ قىزغىن ئالقىشىغا ئېرىشتى. بۇ يەر دېھقان-چارۋىچىلارنىڭ مەدەنىيەتتىن ئوزۇق ئالىدىغان، ئىلغار ماھارەت ئىگىلەيدىغان «مەدەنىيەت ئاشلىق ئامبىرى» بولۇپلا قالماي، تېخىمۇ مۇھىمى دېھقان-چارۋىچىلارنىڭ نامراتلىقتىن قۇرۇلۇپ بېيىش ئىشەنچىسىنى تۇرغۇزىدىغان «مەنىۋى ماي قاچىلاش پونكىتى».

5-ئاينىڭ 15-كۈنى، باغراش ناھىيەسىنىڭ بۇمبۇت بازىرى لوشىغۇنۇر كەنتىدىكى دېھقانلار كۇتۇپخانىسىغا كىرگەندە، 50 كىۋادرات مېتىرلىق ئۆيدىكى ھەر خىل كىتاب، گېزىت-ژۇرناللار كىتاب جازىسىغا رەتلىك تىزىلغانىدى. بۇ يەردە ئىلمىي تېرىقچىلىق ۋە باقمىچىلىق تېخنىكىسى تۈرىدىكى كىتابلار بولۇپلا قالماي، يەنە ئىقتىساد، ئەدەبىيات، تارىخ قاتارلىق جەھەتلەردىكى كىتابلارمۇ بار، كىتاب كۆرگىلى كەلگەن ۋە كىتاب ئارىيەت ئالغىلى كەلگەن كەنت ئاھالىلىرىنىڭ ئايىغى ئۈزۈلمىدى.

«ئاممىنىڭ مەدەنىيەت تۇرمۇشىغا بولغان ئېھتىياجىنىڭ ئۈزلۈكسىز ئېشىشىغا ئەگىشىپ، بىز دېھقانلار كۇتۇپخانىسى قۇرۇلۇشىنى ئۈزلۈكسىز مۇكەممەللەشتۈرۈپ، دېھقان-چارۋىچىلارنىڭ ئوقۇشىغا ماس كېلىدىغان كىتابلارنى يېڭىلاپ، دېھقانلار كۇتۇپخانىسىنى دېھقان-چارۋىچىلارنىڭ ئۆگىنىدىغان ئۈنۈملۈك سورۇنىغا ئايلاندۇرىمىز» دېدى لوشىغۇنۇر كەنتىدىكى دېھقانلار كۇتۇپخانىسىنىڭ باشقۇرغۇچىسى خەي مياۋجۇڭ.

يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، باغراش ناھىيەسى «ئومۇمىي خەلق كىتاب ئوقۇش»نى ئالغا سىلجىتىشنى تۇتقا قىلىپ، بۇ ناھىيەنىڭ بەش يېزا، ئىككى بازار، 25 مەمۇرىي كەنتىدىكى دېھقانلار ئائىلىسى كۇتۇپخانىسى قۇرۇلۇشى ۋە باشقۇرۇشىنى ھەقىقىي كۈچەيتىپ، ھەر مىللەت ئاممىنىڭ كىتاب ئوقۇش تەسىراتىنى ئۈزلۈكسىز بېيىتىپ، كىتابنى ئىشىك ئالدىغا ئاپىرىپ بېرىش، ياخشى كىتابلارنى تەۋسىيە قىلىپ ئوقۇش، بۇلۇتتا ئوقۇش، «يېڭى دەۋردىكى يېزا-كەنت كىتاب ئوقۇش پەسلى» قاتارلىق پائالىيەتلەرنى كەڭ قانات يايدۇرۇپ، مەدەنىيەت ئارقىلىق ئەلگە نەپ يەتكۈزۈش قۇرۇلۇشىنى يېزا-كەنتلەرگە كىرگۈزدى.

مەسئۇل مۇھەررىر : قۇربانجان قېيۇم

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • تاڭ نۇرىدىكى كۈرەش قىلغۇچىلار
  • قەغەز قىيما سەنئىتى مەكتەپلەرگە كىردى ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت ئۇرۇقى قەلبلەرگە تېرىلدى
  • شىنجاڭنىڭ تاغ-دەريالىرى خۇددى سۈرەتتەك| مۇزلار ئېرىپ دەريا يولى ئېچىلدى قايدۇ دەرياسىدىن باھار ھىدى تارقالدى