تىيانشان تورى   ›   ئاپتونوم رايون رەھبەرلىرى   ›   شۇجى خاتىرىسى

ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتى دائىمىي كومىتېت (كېڭەيتىلگەن) يىغىنى ئاچتى

ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتى دائىمىي كومىتېت (كېڭەيتىلگەن) يىغىنىدا جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بىيۇروسى دېموكراتىك تۇرمۇش يىغىنىنىڭ روھى يەتكۈزۈلدى، ئۆگىنىلدى

شى جىنپىڭنىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسىنى چوڭقۇر ئۆگىنىپ، سىياسىي ھۆكۈم قىلىش ئىقتىدارى، سىياسىي چۈشىنىش ئىقتىدارى، سىياسىي ئىجرا قىلىش ئىقتىدارىنى ئۈزلۈكسىز ئۆستۈرۈش كېرەك

چېن چۈەنگو يىغىنغا رىياسەتچىلىك قىلدى

شىنجاڭ گېزىتى پۈتۈن تاراتقۇ مۇخبىرى ياۋ تۇڭ خەۋەر قىلىدۇ: 12-ئاينىڭ 26-كۈنى چۈشتىن بۇرۇن، ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتى دائىمىي كومىتېت (كېڭەيتىلگەن) يىغىنى ئاچتى، يىغىندا جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بىيۇروسى دېموكراتىك تۇرمۇش يىغىنىنىڭ روھى، بولۇپمۇ باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ مۇھىم سۆزىنىڭ روھى يەتكۈزۈلدى، ئۆگىنىلدى. ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتىنىڭ شۇجىسى چېن چۈەنگو يىغىنغا رىياسەتچىلىك قىلدى.

يىغىنىدا مۇنۇلار كۆرسىتىلدى: جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بىيۇروسى دېموكراتىك تۇرمۇش يىغىنى ئېچىپ، ئۆزىنى ئۆزى تەكشۈرۈش، پارتىيەۋىلىك جەھەتتىن تەھلىل قىلىش ئېلىپ بېرىپ، تەنقىد ۋە ئۆز-ئۆزىنى تەنقىد قىلىشنى قانات يايدۇرۇپ، ھەر دەرىجىلىك رەھبەرلىك بەنزىلىرىنىڭ دېموكراتىك تۇرمۇش يىغىنىنى ياخشى ئېچىشى ئۈچۈن ئۈلگە بولدى ۋە ئۈلگە كۆرسەتتى. باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ مۇھىم سۆزىدە ۋەزىيەت ئومۇميۈزلۈك ئىگىلەنگەن، پۈتۈن ۋەزىيەت كۆڭلىگە پۈكۈلگەن، ئىدىيەسى چوڭقۇر، سەمىمىي ۋە چوڭقۇر مەنىلىك بولۇپ، بىزنىڭ سىياسىي قۇرۇلۇشنى كۈچەيتىشىمىز، سىياسىي ئىقتىدارىمىزنى ئۆستۈرۈشىمىز، خەلققە بولغان مېھىر-مۇھەببىتىمىزنى چىڭ ساقلىشىمىزنى نەزەرىيە يېتەكچىلىكى، تۈپ مىزان ۋە ھەرىكەت كۆرسەتمىسى بىلەن تەمىنلىدى. ھەر دەرىجىلىك پارتىيە تەشكىلاتلىرى ۋە كەڭ پارتىيەلىك كادىرلار باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ مۇھىم سۆزىنىڭ روھىنى ئەستايىدىل ئۆگىنىپ، ئىزچىللاشتۇرۇپ، يەنىمۇ ئىلگىرىلىگەن ھالدا سىياسىي ئاڭنى كۈچەيتىپ، سىياسىي ئىرادىنى ساقلاپ، سىياسىي يۆنىلىشنى ئىگىلەپ، سىياسىي مەسئۇلىيەتنى زىممىگە ئېلىپ، سىياسىي ئىقتىدارنى ئۆستۈرۈپ، پارتىيە 19-قۇرۇلتىيى ۋە پارتىيە 19-نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتى 2-، 3-، 4-، 5-ئومۇمىي يىغىنىنىڭ روھىنى چوڭقۇر ئۆگىنىپ، ئىزچىللاشتۇرۇپ، مەركەز ئىقتىساد خىزمىتى يىغىنى، 3-قېتىملىق مەركەز شىنجاڭ خىزمىتى سۆھبەت يىغىنىنىڭ روھىنى ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، ئەلا نەتىجىلەر بىلەن پارتىيە قۇرۇلغانلىقىنىڭ 100 يىللىقىنى تەبرىكلىشى كېرەك.

بىرىنچىدىن، نەزەرىيە بىلەن قوراللىنىشنى يەنىمۇ كۈچەيتىش كېرەك. شى جىنپىڭنىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسىنى ئۆگىنىش، ئىزچىللاشتۇرۇشنى مۇھىم، زور سىياسىي ۋەزىپە قىلىپ، ئەسلىي ئەسەرنى ئوقۇش، ئەسلىي تېكىستنى ئۆگىنىش، قانۇنىيىتىنى ئىگىلەشتە چىڭ تۇرۇپ، دائىملاشقان ئۆگىنىش مېخانىزمىدا چىڭ تۇرۇپ، ئۆگىنىپ ئىگىلەش، پۇختا ئۆزلەشتۈرۈش، ئەمەلىي ئىشلەشكە كۈچ سەرپ قىلىپ، ئۈزلۈكسىز ئۆگىنىپ، ئۈزلۈكسىز ئەمەلىيەتتە كۆرسىتىپ، ئۈزلۈكسىز چۈشىنىپ، نەزەرىيەۋى ساپا، سىياسىي ساپانى ئۈزلۈكسىز ئۆستۈرۈپ، ئۆگىنىش، پىكىر يۈرگۈزۈش، قوللىنىشنى تۇتاشتۇرۇش، بىلىش، ئىشىنىش، قىلىشنى بىرلەشتۈرۈشنى تىرىشىپ ئىشقا ئاشۇرۇپ، بۇ ئىلمىي نەزەرىيە بىلەن كاللىنى قوراللاندۇرۇش، ئەمەلىيەتكە يېتەكچىلىك قىلىش، خىزمەتلەرگە تۈرتكە بولۇشتا چىڭ تۇرۇش كېرەك.

ئىككىنچىدىن، بايرىقى روشەن ھالدا سىياسىيغا ئەھمىيەت بېرىش كېرەك. يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى پۈتۈن پارتىيە، پۈتۈن مەملىكەتتىكى ھەر مىللەت خەلققە رەھبەرلىك قىلىپ، تارىختا ئاز كۆرۈلىدىغان خەۋپ-خەتەر، خىرىسلارنى يېڭىپ، يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىشلىرىنى جاسارەت بىلەن ئالغا سىلجىتىشتا ھەل قىلغۇچ رول ئوينىدى. «تۆت ئاڭ»نى كۈچەيتىپ، «تۆت ئىشەنچ»نى چىڭىتىپ، «ئىككىنى قوغداش»نى ئىشقا ئاشۇرۇپ، سىياسىي ھۆكۈم قىلىش ئىقتىدارى، سىياسىي چۈشىنىش ئىقتىدارى، سىياسىي ئىجرا قىلىش ئىقتىدارىنى ئۈزلۈكسىز ئۆستۈرۈپ، باشتىن-ئاخىر ئىدىيەدە، سىياسىيدا، ھەرىكەتتە يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى بىلەن يۈكسەك بىردەكلىكنى ساقلاپ، باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ يادروسى، پۈتۈن پارتىيەنىڭ يادروسىلىق ئورنىنى قەتئىي قوغداپ، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ نوپۇزى ۋە مەركەزلىك بىرتۇتاش رەھبەرلىكىنى قەتئىي قوغداپ، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى تەشەببۇس قىلغانغا قەتئىي ئاۋاز قوشۇش، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى قارار قىلغاننى قەتئىي ئىجرا قىلىش، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى مەنئى قىلغاننى قەتئىي قىلماسلىقنى قەتئىي ئىشقا ئاشۇرۇش كېرەك.

ئۈچىنچىدىن، باشلامچىلىق بىلەن ۋەزىپە-مەسئۇلىيەتنى تولۇق ئادا قىلىش كېرەك. يېڭى دەۋردىكى پارتىيەنىڭ شىنجاڭنى ئىدارە قىلىش تەدبىرىنى ئومۇميۈزلۈك ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئىجتىمائىي مۇقىملىق ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىك باش نىشانىنى مەھكەم ئىگىلەپ، «ئالتىنى مۇقىملاشتۇرۇش»خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەش، «ئالتىگە كاپالەتلىك قىلىش» ۋەزىپىسىنى ئومۇميۈزلۈك ئەمەلىيلەشتۈرۈشنى بىرتۇتاش پىلانلاپ، زىددىيەت، مەسىلىلەرنى كۈچەپ ھەل قىلىپ، خەۋپ-خەتەر، خىرىسنىڭ ئالدىنى ئېلىپ ۋە ئۇنى تۈگىتىپ، دائىملاشقان يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش-تىزگىنلەشنى ياخشى تۇتۇپ، خەلقنى مەركەز قىلىپ ئىقتىسادنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىغا تۈرتكە بولۇپ، جەمئىيەت چوڭ ۋەزىيىتىنىڭ سىجىل مۇقىم، ئۇزاققىچە مۇقىم بولۇشىنى ساقلاپ، نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش نەتىجىلىرىنى مۇستەھكەملەپ، كېڭەيتىپ، «14-بەش يىل»نى ياخشى باشلاش، قەدەمنى ياخشى ئېلىشقا ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىش كېرەك.

تۆتىنچىدىن، خەلققە بولغان مېھىر-مۇھەببەتنى چىڭ ساقلاش كېرەك. ئەسلىي مەقسەت ۋە بۇرچنى باشتىن-ئاخىر چىڭ ساقلاپ، كىم ئۈچۈن، كىمگە تايىنىمىز، مەن كىم دېگەننى ئەستە چىڭ ساقلاپ، ھەقىقىي تۇتۇپ ئەمەلىي ئىشلەپ، خەلقنى غەمدىن خالاس قىلىپ، خەلقنىڭ ئاغرىنىشىنى پەسەيتىپ، خەلقنىڭ قەلبىنى ئىللىتىپ، «خەلققە نەپ يەتكۈزىدىغان ئون تۈرلۈك قۇرۇلۇش»نى سىجىل يولغا قويۇپ، خەلق تۇرمۇشىنى ياخشىلاشقا زور كۈچ بىلەن كاپالەتلىك قىلىپ، ھەر مىللەت ئاممىنىڭ ئېرىشىش تۇيغۇسى، بەخت تۇيغۇسى، بىخەتەرلىك تۇيغۇسىنى ئۈزلۈكسىز كۈچەيتىش كېرەك.

بەشىنچىدىن، ئىستىلنى سىجىل ياخشىلاش كېرەك. پارتىيە ئىستىلى-پاكلىق قۇرۇلۇشىنى ۋە چىرىكلىككە قارشى تۇرۇش كۈرىشىنى چوڭقۇر ئالغا سىلجىتىپ، مىخ قېقىش روھى بىلەن مەركەزنىڭ سەككىز تۈرلۈك بەلگىلىمىسى ۋە ئۇنى يولغا قويۇش تەپسىلىي قائىدىسىنى ئىزچىللاشتۇرۇپ، «تۆت خاھىش»نى تۈزەپ، ئاساسىي قاتلامنىڭ يۈكىنى يېنىكلىتىشتىكى تۈرلۈك بەلگىلىمىلەرنى ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، شەكىلۋازلىق، بىيۇروكراتلىقنىڭ قەتئىي ئالدىنى ئېلىپ، ئىستىلنى كۈچەيتىش ۋە ياخشىلاشتا ئۇزاققىچە چىڭ تۇرۇش كېرەك. ھەر دەرىجىلىك پارتىيەلىك كادىرلار قاتتىق تەلەپچان بولۇپ، ئاخىرىدىمۇ باشتىكىدەكلا ئېھتىياتچان بولۇپ، ھەر ۋاقىت ئۆزىنى قەدىرلىشى، ئۆزى ئۈستىدە ئويلىنىشى، ئۆزىنى ئاگاھلاندۇرۇشى، ئۆزىنى رىغبەتلەندۈرۈشى، يالغۇز تۇرغاندا، باشلىنىشتا، كىچىك ئىشلاردا، دوست تۇتۇشتا ئېھتىياتچان بولۇشى كېرەك. نۆۋەت ئالماشتۇرۇشنى ياخشى پىلانلاپ، ياخشى تەشكىللەپ، مەسئۇلىيەتنى قاتلاممۇ قاتلام چىڭىتىپ، ئىستىل دۇرۇس، كەيپىيات توغرا بولۇشقا ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىش كېرەك.

شۆھرەت زاكىر، شەۋكەت ئىمىن، نۇرلان ئەبىلمەجىن، ۋاڭ جۈنجېڭ، لى پېڭشىن، شۈ خەيرۇڭ، ئەركىن تۇنىياز، تيەن ۋېن، لى يىفېي، سارقىت ئاقان، ياڭ شىن، جاڭ چۇنلىن، ۋاڭ مىڭشەن قاتارلىقلار يىغىنغا قاتناشتى.

مەسئۇل مۇھەررىر : قۇربانجان قېيۇم

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.