تىيانشان تورى خەۋىرى (مۇخبىر جىڭ لىجۈن خەۋىرى، فوتوسى): «سىز يول بېرىڭ، مەن ديەنزەن قىلاي!» 12-ئاينىڭ 22-كۈنى چۈشتىن بۇرۇن، شىنجاڭ بايىنغولىن موڭغۇل ئاپتونوم ئوبلاستى كورلا شەھىرى نېفىت-خىمىيە چوڭ يولى بىلەن سوقباغ يولى كېسىشىدىغان تۆت كوچا ئېغىزىدا، يول ئېغىزىدىكى پىيادىلەر يولىنى كېسىپ ئۆتۈش چىرىغى ياندى، قاتناش ساقچىسى بىر قولىنىڭ باش بارمىقىنى چىقىرىپ، يەنە بىر قولىدا «پىيادىلەرگە ھۆرمەت بىلەن يول بېرىڭ، سىزگە ديەنزەن قىلىمەن» دېگەن تەشۋىقات تاختىسىنى ئېگىز كۆتۈردى. بۇ خىل مەدەنىي قاتناشقا دەۋەت قىلىش يېڭى ھەرىكىتى يولدىكى كىشىلەرنىڭ بىردەك ماختىشىغا ۋە ياخشى باھاسىغا ئېرىشتى.
شۇ كۈنى، كورلا شەھەرلىك جامائەت خەۋپسىزلىكى ئىدارىسى قاتناش ساقچى چوڭ ئەترىتى يەنە مىڭغا يېقىن چوڭ سوۋغاتلىق سومكا تەييارلىدى، ۋەزىپە ئىجرا قىلىۋاتقان قاتناش ساقچىلىرى يولغا چىقىپ، قاتناش بىخەتەرلىكى قانۇن-نىزاملىرى مۇكاپاتلىق بىلىملەردىن سوئال-جاۋاب بېرىش پائالىيىتىنى قانات يايدۇردى.