تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   يېزا - كەنتلەرنى گۈللەندۈرۈش

غۇلجا شەھىرى: ھەمكارلىق كوپىراتىپى تېرىقچىلىق ئاھالىلىرىنى كىرىمىنى ئاشۇرۇشقا يېتەكلىدى

  كوپىراتىپ ئەزاسى چوڭ پارنىكتا كۆك پۇرچاق مايسىسىنىڭ ئۆسۈش ئەھۋالىنى تەكشۈرمەكتە.

  تىيانشان تورى خەۋىرى (مۇخبىرىمىز سۈن يىنەن خەۋىرى، فوتوسى): 12-ئاينىڭ 24-كۈنى، شىنجاڭ ئىلى قازاق ئاپتونوم ئوبلاستى غۇلجا شەھىرى دادامتۇ بازىرى ۋاڭدا كۆكتات كەسپىي ھەمكارلىق كوپىراتىپىنىڭ كۆكتات بازىسىدا، گەرچە سىرت ئاپئاق قارغا قاپلانغان بولسىمۇ، لېكىن كۆكتات بازىسىدىكى چوڭ پارنىك باھاردەك ئىللىقلىققا تولغانىدى. شۇ كۈنى، بۇ بازىنىڭ مايسا يېتىشتۈرۈش چوڭ پارنىكىدا، ھەمكارلىق كوپىراتىپىنىڭ تېخنىكى شيۇڭ جىمىڭ تېرىقچىلىق ئاھالىلىرىنىڭ كۆنەكسىمان تاختىدا مايسا يېتىشتۈرۈشىگە يېتەكچىلىك قىلىۋاتاتتى.

  بۇ يىل، ۋاڭدا كۆكتات كەسپىي ھەمكارلىق كوپىراتىپى بازىسىدا جەمئىي 200 مىڭ تۈپتىن ئارتۇق مايسا يېتىشتۈرۈلدى، ئاساسلىقى شوخلا، لازا، چەيزە قاتارلىقلار بار بولۇپ، كېلەر يىلى 1-ئاينىڭ ئوتتۇرىلىرىدا ئۈنۈپ چىقىشى مۆلچەرلەنمەكتە. «كۆكتات مايسىلىرىنىڭ ئۆسۈش ئېھتىياجىغا ئاساسەن، ئۇلارنى دەل جايىدا ئوغۇتلاش، تېمپېراتۇرسىنى تەڭشەش، شامال ئۆتۈشتۈرۈش كېرەك، شۇنىڭ بىلەن بىللە، ھەر كۈنى ئاز دېگەندە ئۈچ قېتىم تېمپېراتۇرا ۋە نەملىكنى تەڭشەپ، مايسا ئۈنۈش نىسبىتىگە كاپالەتلىك قىلىش كېرەك. نۆۋەتتە، بىز ۋاقىتنى چىڭ تۇتۇپ مايسا يېتىشتۈرۈپ، دېھقانلارنى بالدۇرراق مايسا تىكىش ئىمكانىيىتىگە ئىگە قىلىمىز» دېدى شيۇڭ جىمىڭ.

  دادامتۇ بازىرى غۇلجا شەھىرىدىكى مۇھىم كۆكتات ئىشلەپچىقىرىش بازىلىرىنىڭ بىرى بولۇپ، ئىشلەپچىقىرىلغان كۆكتات غۇلجا شەھىرىنىڭ تەمىنلەش مىقدارىنىڭ %50تىن كۆپرەكىنى ئىگىلەيدۇ. بۇ ھەمكارلىق كوپىراتىپىنىڭ كۆكتات بازىسى 2008 ـ يىلى قۇرۇلغان بولۇپ، جەمئىي 1800دىن ئارتۇق پارنىك بار. ھەمكارلىق كوپىراتىپى قۇرۇلغاندىن بۇيان، بىرتۇتاش مايسا يېتىشتۈرۈش، بىرتۇتاش تېخنىكا جەھەتتىن يېتەكچىلىك قىلىش، بىرتۇتاش سېتىش ئەندىزىسىنى قوللىنىش ئارقىلىق، ئۈلگە كۆرسىتىش، يېتەكلەش رولىنى پائال جارى قىلدۇرۇپ، بۇ بازاردىكى تېرىقچىلىق كەسپىنىڭ سۈپىتىنى ئۆستۈرۈپ، ئۈنۈمىنى ئاشۇرۇپ، دېھقانلارنىڭ كىرىمىنى ئاشۇرۇپ بېيىشىغا تۈرتكە بولدى.

  ئىگىلىنىشىچە، بۇ بازا ئىشلەپچىقىرىشنىڭ جانلانغان مەزگىلىدە ھەر كۈنى غۇلجا شەھىرىنى 100 توننا كىچىك بەسەي، لازا، شوخلا قاتارلىق نەچچە ئون خىل كۆكتات بىلەن تەمىنلەيدىكەن. كۆكتات تېرىقچىلىق چوڭ پارنىكىدىن باشقا، دادامتۇ بازىرىدا يەنە گۈل ـ گىياھ ئۆستۈرۈش چوڭ پارنىكىدىن 112سى بار بولۇپ، ئوبلاستقا بىۋاسىتە قاراشلىق ھەرقايسى ناھىيە، شەھەرلەرنىڭ ئاساسلىق گۈل ـ گىياھ بىلەن تەمىنلەش بازىسى ھېسابلىنىدىكەن.

مەسئۇل مۇھەررىر : ياقۇپجان تۇرسۇن

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • تاڭ نۇرىدىكى كۈرەش قىلغۇچىلار
  • قەغەز قىيما سەنئىتى مەكتەپلەرگە كىردى ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت ئۇرۇقى قەلبلەرگە تېرىلدى
  • شىنجاڭنىڭ تاغ-دەريالىرى خۇددى سۈرەتتەك| مۇزلار ئېرىپ دەريا يولى ئېچىلدى قايدۇ دەرياسىدىن باھار ھىدى تارقالدى