تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   ئانار گۈلى ئۆزگىچە قىزىل ئېچىلدى

بىر ئائىلە كىشىلىرىدەك ئىناق قوشنىلار

12-ئاينىڭ 10-كۈنى، قاراماي شەھىرى ئورقۇ رايونى ليۇشۇ كوچا باشقارمىسى ليۇيۈەن مەھەللىسى پارتىيە ئەزالىرى، ئامما مۇلازىمەت مەركىزىدە، مەھەللە خىزمەتچىسى ئوتۇخۇڭ باتناسىن (ئوڭدا) تەۋەلىكتىكى ئاھالە بۇئايشەم مىجىتقا پېچىنە-پىرەنىك پىشۇرۇش ھۈنىرىنى ئۆگەتمەكتە. (شىنجاڭ گېزىتى پۈتۈن تاراتقۇ مۇخبىرى شې لۇڭ فوتوسى)

  شىنجاڭ گىزىتى خەۋىرى (شىنجاڭ گېزىتى پۈتۈن تاراتقۇ مۇخبىرى مېھرىگۈل غوپۇر): 12-ئاينىڭ 10-كۈنى، گەرچە ھاۋا سوغۇق بولسىمۇ مۇخبىر قاراماي شەھىرى ئورقۇ رايونىدا باشقىچە ئىللىقلىقنى ھېس قىلدى. كۆپ يىللاردىن بۇيان، ئورقۇ رايونىدىكى ھەر مىللەت ئامما ئۆزئارا ئىناق قوشنىلاردىن بولۇپ، ئىشلەپچىقىرىش، تۇرمۇشتا ئۆزئارا ئۆگىنىپ، ئۆزئارا ياردەم بېرىپ، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىنىڭ يېڭى كارتىنىسىنى سىزىپ چىقتى.

  «سىڭلىم، بۈگۈن كەچلىك تاماقنى بىزنىڭ ئۆيدە يەيلى، ئىككىمىز بىللە جۇۋاۋا تۈگەيلى» 12-ئاينىڭ 10-كۈنى چۈشتىن كېيىن، ئورقۇ رايونى ئورقۇ بازىرى چاغان كەنتىنىڭ كەنت ئاھالىسى مەلىخان داۋۇت قوشنىسىنىڭ يېنىغا كېلىپ، ئۇنى بىللە تاماق يېيىشكە تەكلىپ قىلدى.

  70 ياشتىن ئاشقان مەلىخان بىلەن پېنسىيەگە چىققىنىغا ئۇزۇن بولمىغان بېن بۇلەي 40 نەچچە يىللىق كونا قوشنىلار. كۆپ يىللاردىن بۇيان، ھەر كۈنى ئۆزئارا ئەھۋاللىشىپ، قىيىنچىلىققا يولۇققاندا ئۆزئارا ھەمدەم بولۇپ ۋە كۆيۈنۈپ، دېيىشمەيدىغان گېپى يوق ياخشى ئاچا-سىڭىللاردىن بولۇپ قالدى، بۇنىڭ بىلەن ئىككى ئائىلە كىشىلىرى خۇددى بىر ئائىلە كىشىلىرىدەك يېقىن ئۆتۈپ كەلدى.

  «يىراقتىكى تۇغقاندىن يېقىندىكى قوشنا ئەلا دەيدىغان گەپ بار، قوشنا بولغىلى ئۇزۇن بولدى، ئىككىمىزنىڭ مەيلى ئىشىمىز بولسۇن ياكى بولمىسۇن بىللە يۈرۈشنى ياخشى كۆرىمىز، ياخشى ئاچا-سىڭىللاردىن بولۇپ قالدۇق» دېدى مەلىخان كۈلۈپ تۇرۇپ.

  مەلىخاننىڭ يۇقىرى قان بېسىمى بار بولۇپ، ئىلگىرى تىزى يارىلىنىپ، ھەرىكەت قىلىشى قولايسىز ئىدى. بېن بۇلەي ئۇنى داۋاملىق يوقلاپ، دورىلىرىنى ۋاقتىدا يېيىشنى تاپىلاپ تۇرىدۇ ھەمدە ئۇنىڭغا تاماقلارنى ئېتىپ بېرىدۇ. ھاۋا ياخشى چاغلاردا، بېن بۇلەي مەلىخاننى يۆلەپ سىرتقا ئېلىپ چىقىپ بىللە سەيلە قىلىدۇ.

  «بىزنىڭ شىنجاڭدا، نەگىلا بارساق ھەر مىللەت خەلق بىر ئائىلە كىشىلىرىدەك ئۆتىدىغان مەنزىرىنى ئۇچراتقىلى بولىدۇ، خۇددى بىز ئىككى ئائىلە كىشىلىرىدەك، ھەر قېتىم جەم بولساق ناھايىتى خۇشال بولۇپ كېتىمىز. قاراڭ، بۇ ئىلگىرى چاغاندا بىز بىللە جەم بولۇش تامىقى يېگەن چاغدىكى سۈرەت» بېن بۇلەي مۇخبىرغا يان تېلېفوندىكى سۈرەتلەرنى كۆرسەتتى.

  ليۇيۈەن مەھەللىسى تەۋەسىدە 423 ئائىلىلىك 1231 كىشى بار، ئۇلار خەنزۇ، ئۇيغۇر، قازاق، موڭغۇل، خۇيزۇ قاتارلىق كۆپ مىللەتتىن تەركىب تاپقان بولۇپ، كۆپ يىللاردىن بۇيان، ئۆزئارا ھەمدەم بولۇپ، ئىناق ئۆتۈپ، بىر-بىرىگە تايىنىپ ياشاپ كەلدى.

  روزىخان مۇخبىرغا، ھەر يىلى ھېيت-بايرامدا مەھەللىدىكى ئاھالىلەرنىڭ بىر يەرگە جەم بولۇپ، ناھايىتى قىزىپ كېتىدىغانلىقىنى ئېيتتى. «بۈگۈنكى كۈندە، ‹قوش مەركەز› پائالىيەت ئۆيى بىزنى تېخىمۇ كۆپ بىللە پائالىيەت قىلىش پۇرسىتىگە ئىگە قىلدى» دېدى روزىخان.

  روزىخان ئېيتقان «قوش مەركەز» ئورقۇ رايونى يېڭى دەۋر مەدەنىيلىكىنى ئەمەلىيەتتە كۆرسىتىش مەركىزى ۋە پارتىيە ئەزالىرى-ئامما مۇلازىمەت مەركىزى بولۇپ، ئورقۇ رايونى مەركىزىگە جايلاشقان ليۇشۇ كوچىسى ئىدى. «قوش مەركەز»گە كىرگەندە، يېشىللىق، نەپىس زىننەت بۇيۇملىرى، رەتلىك، پاكىز مۇھىت، كۈتۈپخانا، چېنىقىش ئۆيى، ئۇسسۇل ئۆيى، ئەلنەغمە ئۆيى قاتارلىقلارنىڭ ھەممىسى تولۇق بولۇپ، كۆزلەرگە ئالاھىدە تاشلىنىپ تۇرىدۇ.

  «بىز ھەرقايسى پائالىيەت مەيدان-سارايلىرىنى مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى بازىسىغا ئايلاندۇرۇپ، تەۋەلىكتىكى ھەر مىللەت ئاممىغا بىللە پائالىيەت قىلىش، كۆڭۈل ئېچىش، ئۆگىنىش سۇپىسى ھازىرلاپ بېرىپ، شەكلى كۆپ خىل، مەزمۇنى مول پائالىيەتلەر ئارقىلىق مىللەتلەرنىڭ كەڭ ئالاقىلىشىشى، ئومۇميۈزلۈك ئالماشتۇرۇشى، چوڭقۇر يۇغۇرۇلۇشىنى ئىلگىرى سۈردۇق» دېدى ليۇيۈەن مەھەللىسى پارتىيە ياچېيكىسىنىڭ شۇجىسى ۋاڭ فېي.

  مەھەللە يەنە ھەر مىللەت ئاھالىلىرى ئۈچۈن ئىگىلىك تىكلەش ماھارىتى بويىچە تەربىيەلەشنى قانات يايدۇردى. مەھەللىنىڭ قوللىشى بىلەن، ئاھالە ئالتۇن چىمىك مەھەللە پائالىيەت ئۆيى يېنىدا تىككۈچىلىك دۇكىنى ئېچىپ، بىر تەرەپتىن ئىگىلىك تىكلەپ، بىر تەرەپتىن شاگىرتلارنى يېتەكلىدى.

  «ئەنئەنىۋى كەشتىچىلىك ھۈنىرىنى ھەر مىللەت ئاھالىلەرگە ئۆگىتىپ، بىللە ئۆگىنىپ، بىللە ئىلگىرىلەپ، بىللە بېيىپ، قول تۇتۇشۇپ تېخىمۇ بەختلىك تۇرمۇش يارىتىشنى ئۈمىد قىلىمەن» دېدى ئالتۇن چىمىك.

مەسئۇل مۇھەررىر : ياقۇپجان تۇرسۇن

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • تاڭ نۇرىدىكى كۈرەش قىلغۇچىلار
  • قەغەز قىيما سەنئىتى مەكتەپلەرگە كىردى ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت ئۇرۇقى قەلبلەرگە تېرىلدى
  • شىنجاڭنىڭ تاغ-دەريالىرى خۇددى سۈرەتتەك| مۇزلار ئېرىپ دەريا يولى ئېچىلدى قايدۇ دەرياسىدىن باھار ھىدى تارقالدى