تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   بىڭتۇەن

مەھەللىدە ئىتتىپاقلىق گۈللىرى پورەكلەپ ئېچىلدى

بىڭتۇەن گېزىتى (مۇخبىرلار ياڭ دېيىڭ، ۋاڭ جۇڭفا خەۋىرى): 12-ئاينىڭ 21-كۈنى، 5-شى 84-تۇەن تولى مەھەللىسىنىڭ ئاھالىسى توختىگۈل خېرىدارلارنىڭ بويىغا قاراپ كىيىم پىچىۋاتاتتى. توختىگۈلنىڭ ئىككى بالىسى بار بولۇپ، تۇرمۇش بېسىمى بىر قەدەر چوڭ ئىدى، مەھەللە خىزمەتچىلىرى زىيارەت قىلىش ئارقىلىق توختىگۈلنىڭ تىككۈچىلىك ئالاھىدىلىكى بارلىقىنى بىلگەندىن كېيىن، ئۇنىڭغا تەشەببۇسكارلىق بىلەن دۇكان ئالاقىلىشىپ، رەسمىيەت بېجىرىپ بېرىپ، بىر تىككۈچىلىك دۇكىنى ئېچىپ بەردى. بۈگۈنكى كۈندە، ئۇنىڭ سودىسى بارغانسېرى ياخشىلىنىپ، تۇرمۇشقا بولغان ئىشەنچى تولۇپ تاشتى.

يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، تولى مەھەللىسى پارتىيە ياچېيكىسى «ئورتاق ئىتتىپاقلىشىپ كۈرەش قىلىش، ئورتاق گۈللىنىپ تەرەققىي قىلىش» باش تېمىسىنى زىچ چۆرىدەپ، پارتىيە قۇرۇلۇشى ئارقىلىق مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى-تەرەققىياتى بويىچە بەرپا قىلىش خىزمىتىگە يېتەكچىلىك قىلىش ئومۇمىي تەپەككۇرىدا چىڭ تۇرۇپ، «ئاھالىلەرگە مۇلازىمەت قىلىش، ئاممىغا مۇلازىمەت قىلىش»نى تۇتقا قىلىپ، ئامما ياقتۇرىدىغان مەدەنىيەت پائالىيەتلىرىنى قانات يايدۇرۇش ۋە جۇڭخۇا ئەنئەنىۋى مەدەنىيىتىنى ئەۋج ئالدۇرۇشنى بەرپا قىلىش ۋاسىتىسى قىلىپ، ئۆزگىچە يارقىن نۇقتىلارنى گەۋدىلەندۈرۈپ، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى-تەرەققىياتى بويىچە بەرپا قىلىش خىزمىتىنى پۇختا ئىلگىرى سۈردى.

«مەھەللە پارتىيە ياچېيكىمىز مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى خىزمىتىنى ئىزچىل چىڭ تۇتۇپ، كۆڭلىگە پۈكۈپ، بىر قاتار ئۈنۈملۈك خىزمەتلەرنى قانات يايدۇردى». 84-تۇەن تولى مەھەللىسى پارتىيە ياچېيكىسىنىڭ شۇجىسى، مەھەللە ئاھالە كومىتېتىنىڭ مۇدىرى سۇڭ جيەنجۈن تولى مەھەللىسىدە، ھەر مىللەت كادىرلىرى بىلەن ئاممىنىڭ بىر ئائىلە كىشىلىرىدەك يېقىن ئىكەنلىكىنى ئېيتتى.

مۇنەۋۋەر كومپارتىيە ئەزاسى دۈسەنبېكنىڭ كىشىلەرگە قىزغىن ياردەم بەرگەنلىكى توغرىسىدىكى ھېكايە تولى مەھەللىسىدە تارقالدى، ئۇمۇ كۆپچىلىكنىڭ بەس-بەستە ئۆگىنىش ئۈلگىسىگە ئايلاندى.

دۈسەنبېك ئارمىيەدىن چېكىنگەن ھەربىي، ئارمىيەدىن چېكىنگەندىن كېيىن، ئۇ خوتۇنى بىلەن 84-تۇەن 9-ليەندە يەر تېرىپ، چارۋا بېقىپ، ئۆزىنىڭ جاپالىق ئەمگىكى ئارقىلىق، يىراق-يېقىنغا داڭلىق بېيىش ماھىرىغا ئايلاندى. قوشنىسى ليۇ جىنمىڭنىڭ كالىسى ئاغرىپ قالغاندا، دۈسەنبېك ئۆزىنىڭ دورا ساندۇقىنى كۆتۈرۈپ بېرىپ داۋالاشقا ياردەملەشتى، ئىككىيلەن مۇشۇ مۇناسىۋەت بىلەن دائىم بېرىش-كېلىش قىلىپ، ئۆزئارا ياردەم بېرىشىپ تۇردى.

دۈسەنبېك ھازىر پېنسىيەگە چىققان بولسىمۇ، ئىش ئورنىدىن چېكىنمەي، يەنىلا ئەتراپىدىكى ئىشچى-خىزمەتچى ئاممىغا پائال ياردەم بېرىپ، كۆپچىلىكنى ئورتاق بېيىشقا يېتەكلىدى.

سىنبات تولى مەھەللىسىنىڭ خىزمەتچىسى، ئۇ ھەر تەرەپتىن تالانتلىق، ناخشا-ئۇسسۇلغا ماھىر بولۇپ، مەھەللىنىڭ ئەدەبىيات-سەنئەت تايانچىسى، ئۇسسۇل ئۇنىڭ مەھەللىنىڭ مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىغا يېتەكچىلىك قىلىدىغان ۋە ئۇنى كۈچەيتىدىغان ۋاسىتىسى. مەھەللە ئاھالىلىرى خىزمەت بىلەن ئالدىراش بولۇپ، بالىسىنىڭ ھالىدىن خەۋەر ئېلىشقا يېتىشەلمىگەندە، بالىلىرىنى مەھەللە ئىشخانىسىغا ئاپىرىپ، سىنباتقا تاپشۇرۇپ قويىدۇ. مەھەللىنىڭ ئۇسسۇل ئۆيىدە، دائىم ئۇنىڭ بالىلارنى ئەگەشتۈرۈپ ئۇسسۇل ئويناۋاتقانلىقىنى كۆرگىلى بولىدۇ، ئاھالىلەر ئۇنى مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىنىڭ ئەلچىسى دېيىشىدۇ.

ئىدىيە، مەدەنىيەت يېتەكچىلىكىنى يەنىمۇ كۈچەيتىپ، جۇڭخۇا ئەنئەنىۋى مەدەنىيىتىنى ئەۋج ئالدۇرۇش ئۈچۈن، تولى مەھەللىسى پارتىيە ياچېيكىسىدىكى بىر بەن كىشى خەتتاتلىق ئىشخانىسى، رەسساملىق ئىشخانىسى، كەشتىچىلىك ئىشخانىسى قاتارلىقلارنى بەرپا قىلىپ، مەھەللە مۇلازىمىتىنىڭ يانداش ئەسلىھەلىرىنى ئۈزلۈكسىز مۇكەممەللەشتۈردى.

لۇ قىزچاق ھۆسنخەت ۋە رەسىم ئىشخانىسىنى تولى مەھەللىسىدىكى قازاق ياش جياڭنەندى قۇرغان بولۇپ، تولى مەھەللىسى پارتىيە ياچېيكىسىنىڭ قوللىشى بىلەن، جياڭنەندى 20 كىۋادرات مېتىرلىق بىر ئىشخانىسىنى خاس ئۇسلۇبقا ۋە زامانىۋى پۇراققا ئىگە رەسىم سىزىش ئىجادىيەت ئىشخانىسىغا ئايلاندۇردى.

لۇ قىزچاق ھۆسنخەت ۋە رەسىم ئىشخانىسىدا، ھەر مىللەت بالىلار بىللە ئويناپ، بىللە ئۆگىنىپ، بىللە ئۆسۈپ يېتىلىپ، بالىلارنىڭ قىزىقىشى ۋە ھەۋىسىنى يېتىلدۈردى، بالىلارنىڭ كۆزىتىش ۋە تەپەككۇر قىلىش ئىقتىدارىنى ئۆستۈردى، بالىلارنىڭ ئىچكى دۇنياسىنى بېيىتتى، بالىلارنىڭ ئىتتىپاق، دوستانە ئۆتىدىغان ياخشى پەزىلىتىنى يېتىشتۈردى.

بۈگۈنكى كۈندە، تولى مەھەللىسىدە يەنە ئىلمە توقۇمىچىلىق ئۆيى، سۇجۇ كەشتىچىلىكى ئۆيى، چېنىقىش ئۆيى، شاھماتخانا، تىكتاك توپ ئۆيى ۋە كىتاپ ئوقۇش ئۆيى قاتارلىق پائالىيەت ئۆيلىرى تەسىس قىلىندى، تەۋەلىكتىكى ھەر مىللەت ئامما بوش ۋاقىتلىرىدا مەھەللىگە بېرىپ ئايلىنىپ، ئالاقىلىشىش، ئالماشتۇرۇش، ئارىلىشىش جەريانىدا دوستلۇقنى ئۈزلۈكسىز كۈچەيتتى.

مەسئۇل مۇھەررىر : گۈلبوستان غۇلام

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • تاڭ نۇرىدىكى كۈرەش قىلغۇچىلار
  • قەغەز قىيما سەنئىتى مەكتەپلەرگە كىردى ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت ئۇرۇقى قەلبلەرگە تېرىلدى
  • شىنجاڭنىڭ تاغ-دەريالىرى خۇددى سۈرەتتەك| مۇزلار ئېرىپ دەريا يولى ئېچىلدى قايدۇ دەرياسىدىن باھار ھىدى تارقالدى