تىيانشان تورى خەۋىرى (مۇخبىر جاۋ مىن): بۇ يىل شىنجاڭدا 5 مىليون 310 مىڭ ئادەم قېتىم كەنت تازىلاش ھەرىكىتىگە قاتنىشىپ، 3 مىليون 60 مىڭ 400 توننا ئەخلەتنى تازىلاپ، كەنتلەرگە ھۆسن قوشتى.
مۇخبىرنىڭ 12-ئاينىڭ 24-كۈنى ئاپتونوم رايونلۇق يېزا ئىگىلىكى-يېزا نازارىتىدىن ئىگىلىشىچە، بۇ يىل كىرگەندىن بۇيان، ئاپتونوم رايونىمىزدىكى ھەرقايسى جايلار مەركەز، ئاپتونوم رايوننىڭ كەنت پاكىزلاش ھەرىكىتى ئورۇنلاشتۇرمىسى ۋە تەلىپىنى ئەستايىدىل ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، تۈرلۈك خىزمەتلەرنى تەرتىپلىك ئىلگىرى سۈرگەن.
ھازىرغىچە، بارلىق مەمۇرىي كەنتتىن 5 مىليون 310 مىڭ ئادەم قېتىم كەنت تازىلاش ھەرىكىتىگە قاتنىشىپ، 3 مىليون 60 مىڭ 400 توننا ئەخلەتنى تازىلىغان، كەنتتىكى ئازگال، كۆلچەكلەردىن 1 مىليون 76 مىڭ توننا ئەخلەت، 116 مىڭ 900 كىلومېتىر كېلىدىغان ئېرىق-ئۆستەڭ، 6 مىليون 355 مىڭ 900 توننا تۈرلۈك تاشلاندۇقلار تازىلانغان.