تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   ئەلرايىنى بىلىش، ئەلگە نەپ يەتكۈزۈش، ئەلنى مايىل قىلىش

چەرچەن ناھىيەسى: خىزمەت ئەترىتىنىڭ ئەترەت ئەزالىرى دېھقانلارنىڭ كۆكتاتلىرىنى يىغىشىغا ياردەملەشتى

12-ئاينىڭ 17-كۈنى، خىزمەت ئەترىتىنىڭ ئەزالىرى دېھقانلارنىڭ ليەنخۇابەي يىغىشىغا ياردەملەشتى.

  تىيانشان تورى خەۋىرى (ئىختىيارىي مۇخبىر رىزۋانگۈل خەۋىرى، فوتوسى): 12-ئاينىڭ 17-كۈنى ئەتىگەندە، شىنجاڭ بايىنغولىن ئوبلاستلىق تۇرالغۇ ۋە شەھەر-يېزا قۇرۇلۇشى ئىدارىسى (خەلق ھاۋا مۇداپىئە ئىشخانىسى)نىڭ چەرچەن ناھىيە ئارال يېزىسى ئارال كەنتىدە تۇرۇشلۇق «ئەلرايىنى بىلىش، ئەلگە نەپ يەتكۈزۈش، ئەلنى مايىل قىلىش» خىزمەت ئەترىتىنىڭ ئەترەت ئەزالىرى دېھقان جاڭ گۇيمىڭنىڭ كۆكتات پارنىكىدا ليەنخۇابەي، پالەك قاتارلىق پەسىلسىز كۆكتاتلارنى يىغىشىغا ياردەملەشتى.`

  بۇ يىلدىن بۇيان، خىزمەت ئەترىتىنىڭ ئەترەت ئەزالىرى ئەتىيازلىق تېرىلغۇ، يازلىق پەرۋىش، كۈزلۈك يىغىم، قىشلىق زاپاس ساقلاشنىڭ ھەرقايسى ئاچقۇچلۇق تۈگۈنلىرىدە، جەمئىي 60 قېتىمدىن ئارتۇق پىدائىيلار مۇلازىمىتىنى قانات يايدۇرۇپ، كەنت ئاھالىلىرىنىڭ ئىشلەپچىقىرىش، تۇرمۇشىدا يولۇققان قىيىنچىلىقلىرىنى ھەل قىلىشىغا ياردەم بەرگەن.

مەسئۇل مۇھەررىر : قۇربانجان قېيۇم

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • تاڭ نۇرىدىكى كۈرەش قىلغۇچىلار
  • قەغەز قىيما سەنئىتى مەكتەپلەرگە كىردى ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت ئۇرۇقى قەلبلەرگە تېرىلدى
  • شىنجاڭنىڭ تاغ-دەريالىرى خۇددى سۈرەتتەك| مۇزلار ئېرىپ دەريا يولى ئېچىلدى قايدۇ دەرياسىدىن باھار ھىدى تارقالدى