تىيانشان تورى   ›   ئاپتونوم رايون رەھبەرلىرى   ›   شۇجى خاتىرىسى

ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتى دائىمىي كومىتېت (كېڭەيتىلگەن) يىغىنى ئاچتى

ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتى دائىمىي كومىتېت(كېڭەيتىلگەن) يىغىنىدا باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ مەدەنىيەت يادىكارلىقلىرىنى قوغداش ۋە ساياھەت خىزمىتى توغرىسىدىكى مۇھىم بايانلىرى يەتكۈزۈلدى، ئۆگىنىلدى، پۈتۈن ئاپتونوم رايوننىڭ مەدەنىيەت يادىكارلىقلىرىنى قوغداش ۋە ساياھەت كەسپىنى تەرەققىي قىلدۇرۇش خىزمىتى تەتقىق قىلىندى

شىنجاڭنى مەدەنىيەت ئارقىلىق ئوزۇقلاندۇرۇش قۇرۇلۇشىنى چوڭقۇر يولغا قويۇپ، مەدەنىيەت يادىكارلىقلىرىنى قوغداش خىزمىتىنى كۈچەيتىپ، يېڭى تەرەققىيات ئىدىيەسىنى ئىزچىللاشتۇرۇپ، ھەقىقىي تۈردە ساياھەت كەسپىنى ئەلالاشتۇرۇش، كۈچەيتىش كېرەك

چېن چۈەنگو يىغىنغا رىياسەتچىلىك قىلدى

شىنجاڭ گېزىتى پۈتۈن تاراتقۇ مۇخبىرى ياۋ تۇڭ خەۋەر قىلىدۇ: 12-ئاينىڭ 22-كۈنى چۈشتىن كېيىن، ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتى دائىمىي كومىتېت (كېڭەيتىلگەن) يىغىنى ئېچىپ، باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ مەدەنىيەت يادىكارلىقلىرىنى قوغداش ۋە ساياھەت خىزمىتى توغرىسىدىكى مۇھىم بايانلىرىنى يەتكۈزدى، ئۆگەندى، پۈتۈن ئاپتونوم رايوننىڭ مەدەنىيەت يادىكارلىقلىرىنى قوغداش ۋە ساياھەت كەسپىنى تەرەققىي قىلدۇرۇش خىزمىتىنى تەتقىق قىلدى. ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتىنىڭ شۇجىسى چېن چۈەنگو يىغىنغا رىياسەتچىلىك قىلدى.

يىغىندا مۇنۇلار تەكىتلەندى: «تۆت ئاڭ»نى كۈچەيتىپ، «تۆت ئىشەنچ»نى چىڭىتىپ، «ئىككىنى قوغداش»نى ئىشقا ئاشۇرۇپ، باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ مەدەنىيەت يادىكارلىقلىرىنى قوغداش خىزمىتى توغرىسىدىكى مۇھىم بايانلىرىنى چوڭقۇر ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، «قوغداشنى ئاساس قىلىش، قۇتقۇزۇشنى بىرىنچى ئورۇنغا قويۇش، مۇۋاپىق پايدىلىنىش، باشقۇرۇشنى كۈچەيتىش» خىزمەت فاڭجېنىنى ئومۇميۈزلۈك ئىزچىللاشتۇرۇپ، مەدەنىيەت يادىكارلىقلىرىنى قوغداش خىزمىتىنى پۇختا، ياخشى ئىشلەپ، شىنجاڭنى مەدەنىيەت ئارقىلىق ئوزۇقلاندۇرۇشنى كۈچلۈك تىرەك بىلەن تەمىنلەپ، ھەر مىللەت ئاممىنى مەدەنىيەت يادىكارلىقلىرىنى قوغداش نەتىجىلىرىدىن تېخىمۇ كۆپ نەپكە ئېرىشتۈرۈش كېرەك. مەدەنىيەت يادىكارلىقلىرىنى قوغداش سالمىقىنى زورايتىپ، مەدەنىيەت يادىكارلىقلىرىنى قوغداشمۇ سىياسىي نەتىجە دېگەن ئىلمىي ئىدىيەنى مۇستەھكەم تۇرغۇزۇپ، مەدەنىيەت يادىكارلىقلىرى بىخەتەرلىكى ئۇزاق ئۈنۈملۈك مېخانىزمى، مەدەنىيەت يادىكارلىقلىرى بايلىقىنى باشقۇرۇش مېخانىزمى، پەن-تېخنىكا تىرىكى كاپالىتى مېخانىزمى، مەدەنىيەت يادىكارلىقلىرى بىخەتەرلىكىنى نازارەت قىلىش مېخانىزمى، مەدەنىيەت يادىكارلىقلىرىنى قوغداش سېلىنمىسى مېخانىزمىنى تاكامۇللاشتۇرۇپ، مەدەنىيەت يادىكارلىقلىرىنى قوغداشقا تۈرتكە بولۇشتا جىددىي قۇتقۇزۇش خاراكتېرلىك قوغداشنى جىددىي قۇتقۇزۇش خاراكتېرلىك قوغداش بىلەن ئالدىنى ئېلىش خاراكتېرلىك قوغداشقا تەڭ ئەھمىيەت بېرىشكە، مەدەنىيەت يادىكارلىقلىرىنىڭ ئەسلىي گەۋدىسىنى قوغداشقا ئەھمىيەت بېرىشنى مەدەنىيەت يادىكارلىقلىرىنىڭ ئەسلىي گەۋدىسىنى قوغداش بىلەن ئەتراپىدىكى مۇھىتنى ئومۇميۈزلۈك قوغداشقا تەڭ ئەھمىيەت بېرىشكە ئۆزگەرتىش كېرەك. ئارخېئولوگىيە تەتقىقاتىنى سىجىل چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، جۇڭخۇا مىللىتى ئورتاق گەۋدىسى ئېڭىنى پۇختا تۇرغۇزۇشنى ئاساسىي لىنىيە قىلىپ، ئارخېئولوگىيە تەتقىقاتىنى پائال چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، ئۇنىڭغا مۇجەسسەملەنگەن ھەر قايسى مىللەتلەرنىڭ ئالاقىلىشىش، ئالماشتۇرۇش، يۇغۇرۇلۇشىنىڭ تارىخىي ماھىيەتلىك مەزمۇنىنى چوڭقۇر قېزىپ، مەدەنىيەت يادىكارلىقلىرىنىڭ «تارىخنى ئىسپاتلاش، تەدبىر كۆرسىتىش، ئادەم تەربىيەلەش» رولىنى جارى قىلدۇرۇشنى ئىلگىرى سۈرۈپ، جۇڭخۇا مۇنەۋۋەر ئەنئەنىۋى مەدەنىيىتىنى ئەۋج ئالدۇرۇش، مەدەنىيەت ئىشەنچىنى كۈچەيتىشنى كۈچلۈك تىرەك بىلەن تەمىنلەش كېرەك. مۇۋاپىق، جايىدا پايدىلىنىشنى ئالغا سىلجىتىپ، مەدەنىيەت يادىكارلىقلىرىنى سۆزلىتىپ، تارىخنى سۆزلىتىپ، ھەر مىللەت كادىرلار، ئاممىنى توغرا دۆلەت قارىشى، تارىخ قارىشى، مىللەت قارىشى، مەدەنىيەت قارىشى، دىن قارىشى تۇرغۇزۇشقا تەربىيەلەپ، يېتەكلەپ، جۇڭخۇا مىللىتى ئورتاق گەۋدىسى ئېڭىنى قەلبىنىڭ چوڭقۇر قاتلىمىدا يىلتىز تارتقۇزۇش كېرەك. قوغداش ئاساسىنى ئۈزلۈكسىز پۇختىلاپ، ئىختىساسلىقلارنى يېتىشتۈرۈش، كىرگۈزۈشنى يەنىمۇ كۈچەيتىپ، مەدەنىيەت يادىكارلىقلىرىنى قوغداش، ئارخېئولوگىيەلىك قېزىش، مەدەنىيەت يادىكارلىقلىرىنى رېمونت قىلىپ ئەسلىگە كەلتۈرۈش قاتارلىق كەسپىي تېخنىكا ئىختىساسلىقلىرى قوشۇنىنى زورايتىپ، خەلقئارا ۋە دۆلەت ئىچىدىكى ئالاقە، ھەمكارلىقنى كۈچەيتىپ، ئالاقىلىشىش، ئۆزئارا ئۆرنەك ئېلىشنى ئىلگىرى سۈرۈش كېرەك.

يىغىندا مۇنۇلار كۆرسىتىلدى: يېڭى تەرەققىيات ئىدىيەسىنى چوڭقۇر ئىزچىللاشتۇرۇپ، ساياھەت ئارقىلىق شىنجاڭنى گۈللەندۈرۈش ئىستراتېگىيەسىنى زور كۈچ بىلەن يولغا قويۇپ، ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ ساياھەت بايلىقى چوڭ رايونىدىن ساياھەت ئىقتىسادى كۈچلۈك رايونىغا ئايلىنىشىنى ئىشقا ئاشۇرۇشقا تۈرتكە بولۇشنى تېزلىتىش كېرەك. يىرىك پىلان ئارقىلىق يېتەكلەشنى يەنىمۇ كۈچەيتىپ، ئىچكى ئىستېمالنىڭ تىپىنى ئۆزگەرتىپ دەرىجىسىنى ئۆستۈرۈش، يىپەك يولى ئىقتىساد بەلبېغى يادرولۇق رايونى قۇرۇش قاتارلىق پۇرسەتلەرنى تۇتۇپ، «14-بەش يىل» مەزگىلىدىكى مەدەنىيەت، ساياھەت كەسپىنى تەرەققىي قىلدۇرۇش يىرىك پىلانىنى ئىلمىي تۈزۈش كېرەك. ئېسىل مەھسۇلات يارىتىشنى يەنىمۇ ئالغا سىلجىتىپ، كۈچنى مەركەزلەشتۈرۈپ «شىنجاڭ ياخشى جاي» سۈپەتلىك ماركىسىنى يارىتىپ، شىنجاڭ ساياھىتىنىڭ روشەن بەلگىسىنى شەكىللەندۈرۈپ، شىنجاڭ ساياھىتىنىڭ ئومۇمىي ئوبرازىنى ئۆستۈرۈپ، دۇنياغا شىنجاڭنىڭ ئۆزگىچە سېھرىي كۈچىنى نامايان قىلىش كېرەك. كەسىپ كۆلىمىنى يەنىمۇ زورايتىپ، ئاپتونوم رايوننىڭ ئون چوڭ كەسىپ تەرەققىيات ئورۇنلاشتۇرمىسىنى چىڭ كۆزلەپ، كەسىپ زەنجىرىنى ئۇزارتىپ، مەدەنىيەت بىلەن ساياھەتنىڭ چوڭقۇر يۇغۇرۇلۇشىنى تېزلىتىپ، ئاقىل ساياھەتنى ئالغا سىلجىتىشنى تېزلىتىپ، خاس ساياھەتنى زور كۈچ بىلەن راۋاجلاندۇرۇپ، 1-، 2 -، 3-كەسىپنى قاپلىغان كۆپ قاتلاملىق، پۈتۈن كەسىپ زەنجىرىلىك مەدەنىيەت ساياھەت كەسپىنى شەكىللەندۈرۈش كېرەك. يەنىمۇ ئىلگىرىلىگەن ھالدا ياخشى مۇھىت يارىتىپ، ئۇل ئەسلىھەلەرنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، باشقۇرۇش تۈزۈلمىسى ئىسلاھاتىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، بازارنى نازارەت قىلىپ باشقۇرۇش سالمىقىنى زورايتىپ، كارخانىلارغا نەپ يەتكۈزىدىغان تۈرلۈك سىياسەتلەرنى ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، ياخشى ساياھەت بازىرى تەرتىپى ۋە ئىستېمال مۇھىتى يارىتىش كېرەك. يەنىمۇ ئىلگىرىلىگەن ھالدا يېشىل تەرەققىياتقا تۈرتكە بولۇپ، سۈزۈك سۇ، يېشىل تاغنىڭ ئۆزى بىر بايلىق دېگەن ئىدىيەنى مۇستەھكەم تۇرغۇزۇپ، قوغداش خاراكتېرلىك ئېچىشتا چىڭ تۇرۇپ، ئېكولوگىيەنى قوغداش بىلەن ئېكولوگىيە ساياھىتىنى تەرەققىي قىلدۇرۇشنى ياخشى ماسلاشتۇرۇش كېرەك. يەنىمۇ ئىلگىرىلىگەن ھالدا تۈرتكىلىك ئۈنۈم ئېففېكتىنى يەنىمۇ جارى قىلدۇرۇپ، يېزا-كەنتلەرنى گۈللەندۈرۈش ئىستراتېگىيەسىگە بىرلەشتۈرۈپ، نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش نەتىجىلىرىنى مۇستەھكەملەپ، كېڭەيتىپ، يېزا-كەنت ساياھىتىنى پائال تەرەققىي قىلدۇرۇپ، تېخىمۇ مۇقىم بولغان مەنپەئەت باغلانما مېخانىزمى ئورنىتىپ، تېخىمۇ كۆپ ئىشقا ئورۇنلىشىش پۇرسىتى يارىتىپ، ھەر مىللەت ئاممىنىڭ كىرىمىنى سىجىل، مۇقىم ئاشۇرۇشقا ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىش كېرەك.

يىغىندا يەنە باشقا ئىشلار تەتقىق قىلىندى.

شۆھرەت زاكىر، شەۋكەت ئىمىن، نۇرلان ئەبىلمەجىن، لى پېڭشىن، شۈ خەيرۇڭ، ئەركىن تۇنىياز، تيەن ۋېن، لى يىفېي، سارقىت ئاقان، جاڭ چۇنلىن، ۋاڭ مىڭشەن قاتارلىقلار يىغىنغا قاتناشتى.

مەسئۇل مۇھەررىر : قۇربانجان قېيۇم

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.