شىنجاڭ گېزىتى خەۋىرى: 12-ئاينىڭ 17-كۈنى، يېزا ئىگىلىك تېخنىكى قادىر ئابدۇرېھىم (ئوڭدا) قومۇل دۆلەت يېزا ئىگىلىك پەن-تېخنىكا رايونىدا تېرىقچىلىق قىلغۇچىلارغا موگۇ ئۆستۈرۈش تېخنىكىسىنى چۈشەندۈرمەكتە. ھازىر دەل قىش پەسلىدىكى پارنىكتا مېۋە-كۆكتات پەرۋىش قىلىشنىڭ ئاچقۇچلۇق مەزگىلى، قومۇل شەھەرلىك يېزا ئىگىلىكى، يېزا ئىگىلىك ماشىنىلىرى تېخنىكىسىنى كېڭەيتىش مۇلازىمەت مەركىزى تېخنىك خادىملارنى تەشكىللەپ، «بىرگە بىر» نۇقتا بەلگىلەپ، تېرىقچىلىق ئائىلىلىرىگە «دىياگنوز قويۇپ، تومۇر تۇتۇپ»، يېزا ئىگىلىك ماشىنىلىرىنى باشقۇرۇش بىلىملىرىنى ئۆگىتىپ، ئىشلەپچىقىرىش جەريانىدا يولۇققان قىيىن مەسىلىلەرنى ھەل قىلىپ، تېرىقچىلىق ئائىلىلىرىنىڭ ھوسۇلنى، كىرىمنى ئاشۇرۇشىغا ياردەم بەردى. (لى خۇا فوتوسى)
يېزا ئىگىلىك تېخنىكىسى مۇلازىمىتى پارنىكلارغا كىردى
مۇھەررىر :
پەرغانە غوپۇر
|
مەنبە:
تىيانشان تورى
2020/12/25 11:09

ئەسكەرتىش:
تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ يېڭى تاراتقۇلار مەركىزىگە تەۋە، ھەرقايسى تاراتقۇلار كۆچۈرۈپ تارقاتقاندا « تىيانشان تورى » دەپ مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىشى كېرەك، بولمىسا قانۇنىي جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ.