تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   جايلاردا

شىنجاڭ توققۇزتارا: خاس باقمىچىلىق ئاممىنىڭ بېيىش يولىنى ئاچتى

شىنخۇا تورى خەۋىرى (مۇخبىرلار جاۋ مىڭياڭ، جاڭ شوۋفاڭ خەۋىرى): يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، توققۇزتارا ناھىيەسىدىكى دېھقان-چارۋىچىلار پىكىر يولىدا ئۈزلۈكسىز يېڭىلىق يارىتىپ، بازار ئىستىقبالى ياخشى، ئۈنۈمى يۇقىرى خاس باقمىچىلىقنى راۋاجلاندۇرۇپ، دېھقانچىلىق، چارۋىچىلىقنى كۆلەملەشتۈرۈش، كەسىپلەشتۈرۈشكە تۈرتكە بولۇپ، ئىقتىسادىي ئۈنۈمنى يەنىمۇ ئۆستۈرۈپ، كىرىمىنى ئاشۇرۇپ بېيىشنى ئىشقا ئاشۇردى.

توققۇزتارا ناھىيەسى ئاقتۆبەك بازىرى گۆرجىلغا كەنتىنىڭ كەنت ئاھالىسى مالىك ئىلگىرى كالا، قوي باقمىچىلىقى بىلەن شۇغۇللانغان، لېكىن بازار رىقابىتى بىر قەدەر كەسكىن بولغاچقا، كىرىمى كۆڭۈلدىكىدەك ئەمەس ئىدى. ئۆگىنىشكە ماھىر ئۇ 2016-يىلى ھەسەل ھەرىسى باققۇچىغا ئەگىشىپ ھەسەل ھەرىسى بېقىش تېخنىكىسىنى ئۆگەندى، بىر يىل ئۆگىنىش ئارقىلىق، ھەسەل ھەرىسى بېقىش ماھارىتىنى پىششىق ئىگىلىدى. 2017-يىلى، قەتئىي نىيەتكە كېلىپ تىپنى ئۆزگەرتىشكە بەل باغلىغان ئۇ 60 يەشىك ھەسەل ھەرىسى سېتىۋېلىپ، كۆندەلەڭ بازىرىدا ئىگىلىك تىكلەش ئارزۇسىنى باشلىدى، كۆڭۈل قويۇپ باشقۇرۇش ئارقىلىق، تۇنجى يىلىلا 10 مىڭ يۈەندىن ئارتۇق پۇل تاپتى. بۇ يىل، ئۇنىڭ ھەرە ساندۇقى 200 يەشىككە يەتتى، ھەسەل ھەرىسى بېقىشتىن قىلغان يىللىق كىرىمى 100 مىڭ يۈەندىن ئاشتى. مالىك مۇنداق دېدى: بىزنىڭ بۇ ھەسەل ئاساسلىقى كۆندەلەڭ تەرەپتىكى تاغ گۈلىنىڭ شىرنىسى، كۆپچىلىكنىڭ ھەممىسى ئۇ تاغدا نۇرغۇن جۇڭيى ئۆسۈملۈك دورىلىرى بارلىقىنى بىلىدۇ، ئەمەلىيەتتە بىزنىڭ بۇ ھەسىلىمىزمۇ بىر خىل جۇڭيى ئۆسۈملۈك دورىلىق ھەسىلى بولۇپ، ئۇنىڭ دورىلىق قىممىتى ناھايىتى يۇقىرى.

ئۆزى بېيىش يولىنى تاپقاندىن كىيىن، مالىك يوشۇرۇپ يۈرمىدى، ئۇ ئۆزىنىڭ كىرىمنى ئاشۇرۇش تەجرىبىلىرىنى كەنت ئاھالىلىرى بىلەن ھەمبەھىرلىدى، كەنتتىكى ھەسەل ھەرىسى باققۇسى بار يۇرتداشلارنىڭ بىرلىكتە كىرىمنى ئاشۇرۇپ بېيىشىغا ياردەم بەرمەكچى بولدى. ئۇ مۇنداق دېدى: ئومۇمىي جەھەتتىن ئېيتقاندا ھەسەل ھەرىسى بېقىشنىڭ ئۈنۈمى يامان ئەمەس، مەن گۆرجىلغا كەنتىدىكى تۇنجى ھەسەل ھەرىسى باققان كىشى، مەن ئۆزۈمنىڭ بۇ مۇۋەپپەقىيەتلىك تەجرىبەم ئارقىلىق، تېخىمۇ كۆپ كىشىلەرنى بىرلىكتە ھەسەل ھەرىسى بېقىشقا يېتەكلەپ، كىرىمىمنى ئاشۇرماقچى.

توققۇزتارا ناھىيەسى ئاقتۆبەك بازىرى گۆرجىلغا كەنتىنىڭ كادىرى ئەركىنجان سابىر مۇنداق دېدى: كەنتىمىز يېزا ئىگىلىكىنى ئاساس قىلغان كەنت، لېكىن بىزنىڭ بىر قىسىم خاس كەسپىمىز بار، ئۇ بولسىمۇ باغ-ئورمانچىلىق كەسپى، باقمىچىلىق كەسپى، يەنە بىر قىسىم ھەسەل ھەرىسى باققۇچىلار بار، بىز تېخىمۇ كۆپ كەنت ئاھالىسىنىڭ ئۇلاردىن ئۆگىنىپ، خاس كەسىپ بىلەن شۇغۇللىنىپ، كىرىمىنى ئاشۇرۇپ، تۇرمۇشىنى ياخشىلىشىغا ئىلھام بېرىمىز.

توققۇزتارا ناھىيەسىنىڭ ئاقتۆبەك بازىرى چىنار كەنتىدىكى ما جيەنلىن ئەسلىدە بىر يەم-خەشەك زاۋۇتى ئاچقان ئىدى، 2017-يىلى، ئۇ يەنە سىناق قىلىپ 30 تۇياق كالا باقتى، نەچچە يىللىق تەرەققىيات ئارقىلىق، ئۇ باشقۇرۇۋاتقان باقمىچىلىق كۆلەم ھاسىل قىلدى، ئىككى قوتان، بىر يەم-خەشەك ئامبىرى، بىر سىلوس كۆلچىكى بار بولۇپ، يىللىق كىرىمى 600 مىڭ يۈەنگە يەتتى. ما جيەنلىن مۇنداق دېدى: ئەڭ دەسلەپتىكى 30 نەچچە تۇياقتىن ھازىرقى 60 نەچچە تۇياق كالىغا تەرەققىي قىلدى، بۇ ئىككى يىلدا كالىنىڭ باھاسى بىر قەدەر ياخشى بولدى، كېلەر يىلى ھويلامنىڭ چوڭ بولۇش ئەۋزەللىكىدىن ياخشى پايدىلىنىپ، يەنە بىر چوڭ قوتان سېلىپ، باقمىچىلىق كۆلىمىنى كېڭەيتىپ، ئائىلە كىرىمىمنى ئاشۇرۇشنى ئويلاۋاتىمەن.

دېھقان-چارۋىچىلارنىڭ خاس باقمىچىلىقنى راۋاجلاندۇرۇشىغا ئىلھام بېرىش ئۈچۈن، چىنار كەنتى ئۈزلۈكسىز ئىزدىنىپ، ئىلمىي پىلانلاپ، ئەنئەنىۋى تەپەككۇر ئەندىزىسىنى بۇزۇپ تاشلاپ، ئۈلگە كۆرسىتىش، باشلامچى بولۇش ئارقىلىق، خاس باقمىچىلىقنى كەنت ئاھالىلىرىنىڭ كىرىمىنى ئاشۇرۇپ بېيىشىدىكى مۇھىم يولغا ئايلاندۇردى. ئۇنىڭدىن باشقا، يەنە مەبلەغ، تېخنىكا، مەيدان، ئۇچۇر قاتارلىق جەھەتلەردە باقمىچىلارنى يۆلەپ ۋە ئۇلارغا ياردەم بېرىپ، زور بىر تۈركۈم باقمىچى ئائىلىلەرنى ئۆز كارامىتىنى كۆرسىتىپ، ياخشى ئۈلگە كۆرسىتىش ئۈنۈمىگە ئىگە قىلدى.

توققۇزتارا ناھىيەسىنىڭ ئاقتۆبەك بازىرى چىنار كەنتى پارتىيە ياچېيكىسىنىڭ شۇجىسى ئەسئەت شاتار مۇنداق دېدى: ھازىر، چىنار كەنتىدە 80 ئائىلىلىك باقمىچىلىقنى تەرەققىي قىلدۇردى، چۈنكى بۇ يىل كالا، قوينىڭ باھاسى بىرقەدەر يۇقىرى، كىرىممۇ بىرقەدەر ياخشى بولدى، بىز كەنت ئاھالىلىرىنى باقمىچىلىقنى تەرەققىي قىلدۇرۇپ، ئۇلارنىڭ كىرىمنى ئاشۇرۇپ بېيىشىغا ئىلھام بېرىمىز.

نۆۋەتتە، توققۇزتارا ناھىيەسىدە قوتاندىكى كالا 104 مىڭ 500 تۇياق، قوي 444 مىڭ 800 تۇياق، ئات 33 مىڭ تۇياق، ئېشەك 3100 تۇياق، تۆگە 5500 تۇياق.

مەنبە: توققۇزتارا ناھىيەلىك پارتىيە كومىتېتى تەشۋىقات بۆلۈمى

مەسئۇل مۇھەررىر : گۈلبوستان غۇلام

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • تاڭ نۇرىدىكى كۈرەش قىلغۇچىلار
  • قەغەز قىيما سەنئىتى مەكتەپلەرگە كىردى ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت ئۇرۇقى قەلبلەرگە تېرىلدى
  • شىنجاڭنىڭ تاغ-دەريالىرى خۇددى سۈرەتتەك| مۇزلار ئېرىپ دەريا يولى ئېچىلدى قايدۇ دەرياسىدىن باھار ھىدى تارقالدى