شىنخۇا ئاگېنتلىقى، شيامېن، 12-ئاينىڭ 23-كۈنىدىكى تېلېگراممىسىغا ئاساسلانغان (مۇخبىر فۇ مىن): 2020-يىللىق جۇڭگو سۈنئىي ئەقلىي ئىقتىدار باشلىقلار مۇنبىرى ۋە جۇڭگو سۈنئىي ئەقلىي ئىقتىدار مۇسابىقىسىنىڭ نەتىجىلىرىنى ئېلان قىلىش يىغىنى 12-ئاينىڭ 23-كۈنى شيامېندا ئۆتكۈزۈلدى. مۇنبەردە، جۇڭگو سانائەت ۋە ئۇچۇرلاشتۇرۇش مىنىستىرلىقىنىڭ مۇئاۋىن مىنىستىرى ليۇ ليېخۇڭ تونۇشتۇرۇپ مۇنداق دېدى: بۇ يىل 11-ئايغىچە، دۆلىتىمىز 5G ئاساسىي پونكىتىدىن جەمئىي 718 مىڭنى قۇرۇپ چىقىپ، سۈنئىي ئەقلىي ئىقتىدار زور مىقدارلىق سانلىق مەلۇماتىنىڭ يېتىلىشى ۋە يەتكۈزۈلۈشىنى پۇختا تىرەك بىلەن تەمىنلىدى.
«14-بەش يىل»لىق يىرىك پىلان ۋە 2035-يىللىق كەلگۈسى نىشان توغرىسىدىكى تەكلىپلەردە مۇنۇلار ئېنىق ئوتتۇرىغا قويۇلدى: ئالاقە تورى، چوڭ سانلىق مەلۇمات، سۈنئىي ئەقلىي ئىقتىدارنىڭ ھەر قايسى كەسىپلەر بىلەن چوڭقۇر يۇغۇرۇلۇشىغا تۈرتكە بولۇپ، ئىلغار ياسىمىچىلىق توپىنىڭ تەرەققىياتىغا تۈرتكە بولۇش كېرەك.
ليۇ ليېخۇڭ مۇنداق دېدى: سۈنئىي ئەقلىي ئىقتىدار بىلەن 5G، سانائەت ئالاقە تورىنىڭ يۇغۇرما تەرەققىياتى. ھازىر ئېلىمىزنىڭ سۈنئىي ئەقلىي ئىقتىدار يادرولۇق كەسىپ كۆلىمى 100 مىليارد يۈەندىن، كارخانا سانى 2600دىن ئېشىپ، كەسىپلەر سىجىل ئاشتى؛ ھازىر مەملىكەت بويىچە ئىشلىتىلىۋاتقان سانلىق مەلۇمات مەركىزىنىڭ ئاپپارات جازىسىنىڭ ئومۇمىي كۆلىمى 4 مىليونغا يېقىن بولۇپ، يېقىنقى بەش يىلدا ئوتتۇرىچە ئېشىش سۈرئىتى %30تىن ئاشتى؛ چوڭ تىپتىكى سانلىق مەلۇمات مەركىزى 250تىن ئېشىپ، كەسىپلەرنى رەقەملەشتۈرۈپ تىپىنى ئۆزگەرتىش، ئەقلىي ئىقتىدارلاشتۇرۇپ دەرىجىسىنى ئۆستۈرۈشنى پۇختا سانلىق مەلۇمات ئاساسى بىلەن تەمىنلىدى.