تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   جايلاردا

ئەخمەت ۋە ئۇنىڭ تېز تاماقخانىسى

تىيانشان تورى خەۋىرى (مۇخبىر گۈزەلنۇر، ئىختىيارىي مۇخبىر شيا پەنپەن خەۋىرى): «مەن ھەر ئايدا 15 مىڭ يۈەن ئەتراپىدا كىرىم قىلىمەن، بۇنىڭدىن كېيىن دۇكاننى كېڭەيتىپ، سودىنى چوڭايتىپ، تۇرمۇش سەۋىيەمنى تىرىشىپ ئۆستۈرۈش بىلەن بىللە، خىزمەتچىلىرىمنىڭ كىرىمىنى ئاشۇرۇشىغا يېتەكچىلىك قىلىشنى ئويلاۋاتىمەن» دېدى 12-ئاينىڭ 15-كۈنى، ئۆز دۇكىنىدا تاماق ئېتىۋاتقان ئەخمەت ئابلەت.

ئەخمەت شىنجاڭ قەشقەر ۋىلايىتى مارالبېشى ناھىيەسى مارالبېشى بازىرى شىڭفۇيۈەن مەھەللىسىنىڭ ئاھالىسى. بىر نەچچە يىل ئىلگىرى، ئۇ ناھىيە بازىرىدىكى بىر ئاشخانىدا ئىشلەمچىلىك قىلغاندا ئاشپەزلىك ھۈنىرىنى ئۆگەنگەندىن كېيىن، «يېڭىدىن قازان ئېسىپ»، ئۆزى بىر تېز تاماقخانا ئېچىشنى ئويلىغانىدى، لېكىن ئىش باشلاشقا مەبلەغ كەمچىل بولۇپ قالغاچقا، ئىزچىل باشلىيالمىغانىدى. مارالبېشى ناھىيەلىك مەدەنىيەت-ساياھەت ئىدارىسىنىڭ مارالبېشى بازىرى شىڭفۇيۈەن مەھەللىسىدە تۇرۇشلۇق «ئەلرايىنى بىلىش، ئەلگە نەپ يەتكۈزۈش، ئەلنى مايىل قىلىش» خىزمەت ئەترىتىنىڭ ئەترەت ئەزالىرى ئائىلىلەرگە كىرىپ زىيارەت قىلىش جەريانىدا ئۇنىڭ ئويىنى بىلگەندىن كېيىن، ئۇنىڭغا پائال ياردەملىشىپ ئورۇن تاللاپ، قەرز ئېلىشنى ئىلتىماس قىلىپ بېرىشى بىلەن، بۇلتۇر 6-ئايدا ئەخمەتنىڭ تېز تاماقخانىسى تىجارەت باشلىدى.

ھەممە ئىشنىڭ باشلىنىشى تەس، تېز تاماقخانا ئېچىلىپ ئۇزۇن بولمايلا، خېرىدارلار بارغانسېرى ئازىيىپ كەتتى، بۇنى ئەخمەت ئويلاپمۇ باقمىغانىدى. كەنتتە تۇرۇشلۇق خىزمەت ئەترىتىنىڭ ئەترەت باشلىقى جېڭ جيەنخۇا بۇ ئىشتىن خەۋەر تاپقاندىن كېيىن، دەرھال تېز تاماقخانىغا كېلىپ تەكشۈردى، ئۇ ئەخمەتنىڭ دۇكىنىنىڭ مۇلازىمەتچىلىرىنىڭ ئاز، قورۇما چىقىرىشىنىڭ ئاستا، تاماق تۈرلىرىنىڭ ئاز ئىكەنلىكىنى بايقىدى. ساقلانغان مەسىلىلەرنى بىلگەندىن كېيىن، ئەخمەت دەرھال تەدبىر قوللىنىپ، تېز تاماقخانىسىنى قۇتقۇزۇۋالدى.

تېز تاماقخانا سودىسىنىڭ ياخشىلىنىشىغا ئەگىشىپ، ئەخمەت مەھەللىدىكى بەش نەپەر ئارتۇق ئەمگەك كۈچىنى قوبۇل قىلىپ، تېز تاماقخانىغا ئىشقا ئورۇنلاشتۇردى. «مەن ئىلگىرى بىر نامرات ئائىلە ئىدىم، باشقا جايغا كۆچۈرۈش سىياسىتىدىن بەھرىمەن بولۇپ، ناھىيە بازىرىغا كۆچۈپ كەلدىم. تېز تاماقخانىغا ئىشقا چۈشكەندىن كېيىن، ھەر ئايدا 1800 يۈەن مۇقىم كىرىمىم بار بولدى» دېدى ئايشەمگۈل مامۇت مەمنۇن بولغان ھالدا.

ئەخمەت تېز تاماقخانا تىجارىتى ئارقىلىق نامراتلىقتىن قۇتۇلۇپ بېيىپلا قالماي، يەنە مەھەللىدىكى باشقا ئاھالىلەرنى باشلاپ بىرلىكتە بېيىش يولىغا قەدەم قويدى.

مەسئۇل مۇھەررىر : گۈلبوستان غۇلام

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • تاڭ نۇرىدىكى كۈرەش قىلغۇچىلار
  • قەغەز قىيما سەنئىتى مەكتەپلەرگە كىردى ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت ئۇرۇقى قەلبلەرگە تېرىلدى
  • شىنجاڭنىڭ تاغ-دەريالىرى خۇددى سۈرەتتەك| مۇزلار ئېرىپ دەريا يولى ئېچىلدى قايدۇ دەرياسىدىن باھار ھىدى تارقالدى