تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   جايلاردا

كونا تەمدىكى بۇ پولۇنى چوقۇم تېتىپ بېقىش كېرەك

  ئانار بۇلۇت خەۋىرى: «كەلدىڭىزمۇ، دوستۇم!» ئىبراھىم بىر تەرەپتىن مېھمانلارنى قىزغىن كۈتۈۋالغاچ، يەنە بىر تەرەپتىن چوڭ قازاندا ھورى ئۆرلەپ تۇرغان پولۇنى چۆمۈچ بىلەن ئارىلاشتۇرۋاتاتتى. بۇ قەشقەر شەھىرى توقۇمىچىلىق فابرىكىسى ئولتۇراق رايونىدا ئېچىلغان ھەممە ئادەم بىلىدىغان پولۇخانا ئىدى.

  ئىبراھىم دادىسىنىڭ قولىدىن بۇ ئاشخانىنى ئېلىپ ئېچىۋاتقىنىغا 20 نەچچە يىل بولغان بولۇپ، دۇكان ئاچقان كۈندىن باشلاپ، ئوقۇغۇچىلار تاماق يېگەندە پەقەت تەننەرخ باھاسىنىلا يىغىش دۇكاننىڭ قائىدىسى بولۇپ قالغانىدى. ئىبراھىم مۇنداق دېدى: مەن ئەتكەن پولۇنىڭ باھاسى ئەرزان، سۈپىتى مۇتلەق كاپالەتكە ئىگە، ھەممىسى ئەلا سۈپەتلىك گۈرۈچ، يېڭى سەۋزە ۋە قوي گۆشى تاللاپ ئىشلىتىلىدۇ، شۇڭا، ئۈچ قېتىم دۇكان كۆچكەن بولساممۇ، پولۇخانىنىڭ سودىسى يەنىلا ياخشى بولۇۋاتىدۇ.

  ئىبىراھىمنىڭ ئاشخانىسىدا ئوقۇغۇچىلار 4 ~ 3 يۈەن بىلەنلا تويغىچە غىزالىنالايدۇ، چوڭلارنىڭ گۆش پولۇسىمۇ ئاران 12 يۈەن بولۇپ، باشقا ئاشخانىلاردىكى پولۇنىڭ باھاسىدىن خېلىلا تۆۋەن، ئاز پايدا ئېلىپ كۆپ سېتىلىدۇ، ئوقۇغۇچىلارغا خالىس غەمخورلۇق قىلىش، باھانى يۇقىرى قىلىۋالماسلىق بۇ ئاشخانىنىڭ سودىسىنىڭ ياخشى بولۇشىدىكى ئاساسلىق سەۋەبتۇر. ياز پەسلىدە ئادەم كۆپ ۋاقىتلاردا ئۇنىڭ ئۈچ چوڭ قازان پولوسى سېتىلىپ بولىدۇ، بىر قازان پولۇدىن 200 نەچچە يۈەن كىرىم قىلغىلى بولىدۇ، بۇ پۇللار دۇكاننىڭ تىجارىتىنى قامداشقا يېتىدۇ. «مەن تېخى ياش، دادامنىڭ قولىدىن بۇ ئاشخانىنى ئۆتكۈزۈۋالغان كۈندىن باشلاپ مەن داۋاملىق ئىشلەشنى ئويلاشتىم. بۇ يەرگە پولۇ يېگىلى كەلگەنلەر يېقىن ئەتراپ ئولتۇراق رايوندىكى ئاھالىلەردىن باشقا، يەنە يېقىن ئەتراپتىكى بىر قانچە مەكتەپنىڭ ئوقۇغۇچىلىرى يەنە دېھقان ئىشلەمچىلەر، مۇھىت ئاسراش ئىشچىلىرى قاتارلىقلار بار، مەن دادامنىڭ دۇكان ئېچىش ئارزۇسىغا ئەمەل قىلىمەن، پولۇ ئىزچىل ئەرزان سېتىلىۋاتىدۇ، دۇكاندىكى مېھمانلارنىڭ ئەڭ ئاز پۇل خەجلەپ، قورسىقىنى تويغۇزۇپ، مەكتەپكە، ئىشقا بارغانلىقىنى كۆرۈپ، مەنمۇ خۇشال بولدۇم» دېدى ئىبراھىم.

  پولۇخانىغا بېرىلگەن ياخشى باھالار نۇرغۇن كىشىلەرنى پولو ئېتىشنى ئۆگىنىشكە جەلپ قىلدى، خۇڭ بو دەل شۇلارنىڭ بىرى ئىدى. ئىبراھىم پولۇ ئېتىش ئۇسۇلىنى خۇڭ بوغا ھەقسىز ئۆگەتتى، خۇڭ بو دۇكان ئاچقاندىن كېيىن، ئىبراھىم ئۇنىڭ ئۈرۈمچىدىكى دۇكىنىغا بېرىپ ئون نەچچە كۈن ياردەملەشتى، كېتىدىغان چاغدا ئۇ بىر پۇڭمۇ ھەق ئالمىدى، باشقا يۇرتتا ئىگىلىك تىكلىگەن خۇڭ بو بۇ «ئۇستام»غا تېخىمۇ قايىل بولدى، «ئۇ ناھايىتى ئاق كۆڭۈل، قىزغىن ئادەم، ئۇ ئۆزىنىڭ پولۇ ئېتىش ماھارىتىنى قىلچە يوشۇرماستىن ماڭا ئۆگىتىپ قويدى، ھازىر دۇكىنىمدىكى پولونىڭ تەمى ھەقىقىي قەشقەرچە تەم، سوداممۇ يامان ئەمەس، مەن ئۇنىڭغا ئالاھىدە رەھمەت ئېيتىمەن، ئۇ مېنىڭ قەشقەردىكى تۇغقىنىم» دېدى خۇڭ بو تېلېفوندا ھاياجانلانغان ھالدا.

مەنبە: قەشقەر شەھەرلىك يۇغۇرما تاراتقۇ مەركىزى، لى سەيچىن، ۋاڭ ۋېنخەي

مەسئۇل مۇھەررىر : قۇربانجان قېيۇم

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • تاڭ نۇرىدىكى كۈرەش قىلغۇچىلار
  • قەغەز قىيما سەنئىتى مەكتەپلەرگە كىردى ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت ئۇرۇقى قەلبلەرگە تېرىلدى
  • شىنجاڭنىڭ تاغ-دەريالىرى خۇددى سۈرەتتەك| مۇزلار ئېرىپ دەريا يولى ئېچىلدى قايدۇ دەرياسىدىن باھار ھىدى تارقالدى