12-ئاينىڭ 23-كۈنى، شىنجاڭ ئەرلەر ۋاسكېتبول كوماندىسى يەنە بىر مەيدان غەلىبىنى قولغا كەلتۈردى، 2-يىللىقتىكى يېڭى ماھىر چى لىننىڭ جىلىن كوماندىسى بىلەن بولغان مۇسابىقىدىكى ئىپادىسى ئاۋۋالقىدەكلا ياخشى بولدى، بىراق 19 نومۇر، يەتتە گاردىن قايتقان توپ ئېلىش، تۆت قېتىم ياردەمچى پاس بېرىشتەك سانلىق مەلۇمات بۇ 21 ياشلىق يىگىت ۋە ئۇنىڭ فېنسىلىرىغا نىسبەتەن ئېيتقاندا، ئانچە تەسىر قوزغىيالمىدى.
12-ئاينىڭ 16-كۈنى، CBA باشقۇرغۇچى تەرەپ يېڭى ھەپتىلىك ئەڭ مۇنەۋۋەر توپچىنى ئېلان قىلدى، چى لىن جوۋ چى، گو ئەيلۈن، ۋۇ چيەن قاتارلىق CBAدىكى داڭلىق شەخسلەردىن ئۈزۈپ چىقىپ، كەسپىي ھاياتىدا تۇنجى قېتىم ھەپتىلىك ئەڭ مۇنەۋۋەر توپچى بولۇپ باھالاندى، بىر ھەپتە ئىچىدىكى ئۈچ مەيدان مۇسابىقىدە، چى لىن ئوتتۇرا ھېساب بىلەن 40.2 مىنۇت مەيدانغا چىقىپ، مەيداندا ئوتتۇرا ھېساب بىلەن 31.7 نومۇر، تۆت قېتىم ياردەمچى پاس، 5.7 گاردىن قايتقان توپ ئېلىشتىن ئىبارەت سانلىق مەلۇماتقا ئېرىشكەن، نومۇر ئېلىش نىسبىتىنى %91.1كە يەتتى. ئۇنىڭ ئىپادىسى ھەپتىلىك ئەڭ مۇنەۋۋەر چەت ئەللىك ماھىر بىرۇكىسقا سېلىشتۇرغاندا ھەرگىز تۆۋەن بولمايدىغان بولۇپ، گۇاڭدۇڭنىڭ بۇ چەت ئەللىك ماھىرى ھەر مەيداندا ئوتتۇرا ھېساب بىلەن 35 نومۇر ئېلپ، 3.3 ياردەمچى پاس بېرىپ، 5.3 گاردىن قايتقان توپ ئېلىپ، نومۇر ئېلىش نىسبىتى %76.5كە يەتكەن.
شىنجاڭ ئىلى ئالاھىدە ھارىقى كوماندىسىنىڭ توپچىسى چى لىن (ئوڭدىن 2-كىشى) مۇسابىقىدە گارغا توپ تاشلىماقتا.
شىنخۇا ئاگېنتلىقى مۇخبىرى ۋېڭ شىنياڭ فوتوسى
8-ئاينىڭ 5-كۈنى، شىنجاڭ ئىلى ئالاھىدە ھارىقى كوماندىسىنىڭ توپچىسى چى لىن (ئوڭدا) مۇسابىقىدە.
شىنخۇا ئاگېنتلىقى مۇخبىرى جۇ جېڭ فوتوسى