تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   پەن-مائارىپ

ئاپتونوم رايونىمىزدىكى ئالىي مەكتەپلەرگە گۈزەل سەنئەت، مۇزىكا تۈرىدىكى كەسىپلەر بويىچە ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىش بىر تۇتاش ئىمتىھانىغا توردا تىزىملىتىش پات ئارىدا باشلىنىدۇ

  شىنجاڭ گېزىتى خەۋىرى (شىنجاڭ گېزىتى پۈتۈن تاراتقۇ مۇخبىرى جاۋ شىيا، پىراكتىكانت ئالاشجاپ پاما): مۇخبىرلارنىڭ ئاپتونوم رايونلۇق مائارىپ ئىمتىھان مەھكىمىسىدىن ئىگىلىشىچە، ئاپتونوم رايوننىڭ 2021-يىللىق ئادەتتىكى ئالىي مەكتەپلەرگە گۈزەل سەنئەت تۈرى، مۇزىكا تۈرىدىكى كەسىپلەر بويىچە ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىش بىرتۇتاش ئىمتىھانىغا توردا تىزىملىتىش خىزمىتى پات ئارىدا باشلىنىدىكەن، بۇنىڭ ئىچىدە گۈزەل سەنئەت تۈرىگە تىزىملىتىش ۋاقتى 12-ئاينىڭ 25-كۈنى سائەت 10:00دىن 12-ئاينىڭ 29-كۈنى سائەت 18:00گىچە، مۇزىكا تۈرىگە تىزىملىتىش ۋاقتى 2021-يىلى 1-ئاينىڭ 3-كۈنى سائەت 10:00دىن 1-ئاينىڭ 10-كۈنى 18:00گىچە بولىدىكەن.

  ئىگىلىنىشىچە، ئىمتىھان بېرىدىغان ئوقۇغۇچىلار ئاپتونوم رايوننىڭ 2021-يىللىق ئادەتتىكى ئالىي مەكتەپ ئىمتىھانىغا تىزىملىتىش شەرتىگە ئۇيغۇن كېلىشى ھەم 2021-يىللىق ئادەتتىكى ئالىي مەكتەپ ئىمتىھانىغا قاتنىشىدىغان ئوقۇغۇچىلار نومۇرىغا ئېرىشكەن بولۇشى، گۈزەل سەنئەت تۈرى، مۇزىكا تۈرى كەسپىگە ئىمتىھان بېرىدىغان ئوقۇغۇچىلار ئاپتونوم رايون بىرتۇتاش تەشكىللىگەن گۈزەل سەنئەت تۈرى، مۇزىكا تۈرىدىكى كەسىپلەر بويىچە بىرتۇتاش ئىمتىھانغا قاتنىشىشى كېرەك ئىكەن. ئىمتىھان بېرىدىغان ئوقۇغۇچىلاردا ھەرقايسى ۋىلايەت، ئوبلاست، شەھەر(ناھىيە)لەرنىڭ ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىش ئىشخانىسى بېسىپ چىقارغان ۋە تامغا باسقان «ئاپتونوم رايوننىڭ 2021-يىللىق ئادەتتىكى ئالىي مەكتەپلەرنىڭ سەنئەت تۈرى (سەنئەتتە ئالاھىدىلىكى بار ئوقۇغۇچىلار) بويىچە كەسپىي سىناق ئىمتىھانىغا تىزىملىتىش كىنىشكىسى» بولۇشى كېرەك. ئىمتىھان بەرگۈچىلەر «شىنجاڭ ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىش تورى» (http://www.xjzk.gov.cn)غا چىقىپ، تىزىمغا ئالدۇرۇشقا ئالاقىدار تەلەپ ۋە ئىمتىھان نۇقتىسى تەسىس قىلىش ئەھۋالىنى ئىگىلىسە بولىدۇ.

  ئاپتونوم رايونلۇق مائارىپ ئىمتىھان مەھكىمىسى ئىمتىھان بەرگۈچىلەرگە شۇنى ئەسكەرتىدۇكى، يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش-تىزگىنلەشتىكى تۈرلۈك تەلەپلەرگە قاتتىق رىئايە قىلىپ، شەخسىي قوغدىنىش ئېڭىنى كۈچەيتىپ، كۈندىلىك بەدەن تېمپېراتۇرىسىنى تەكشۈرۈش خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەش كېرەك. ئىمتىھاندىن بۇرۇن ۋە ئىمتىھان مەزگىلىدە، زۆرۈر بولمىغان سىرتقا چىقىش پائالىيەتلىرىدىن ئىمكانقەدەر ساقلىنىش، يىغىلىش خاراكتېرىدىكى پائالىيەتلەرگە قاتناشماسلىق كېرەك.

مەسئۇل مۇھەررىر : ياقۇپجان تۇرسۇن

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • تاڭ نۇرىدىكى كۈرەش قىلغۇچىلار
  • قەغەز قىيما سەنئىتى مەكتەپلەرگە كىردى ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت ئۇرۇقى قەلبلەرگە تېرىلدى
  • شىنجاڭنىڭ تاغ-دەريالىرى خۇددى سۈرەتتەك| مۇزلار ئېرىپ دەريا يولى ئېچىلدى قايدۇ دەرياسىدىن باھار ھىدى تارقالدى