تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   شىنجاڭ

يۇقۇم ئۈستىدىن غەلىبە قىلىش ئۈچۈن جۇڭيى تېبابىتىنىڭ كۈچىنى قوشۇش

− ئاپتونوم رايونلۇق ئىلغار خىزمەتچى لى فېڭسېن توغرىسىدا

شىنجاڭ گېزىتى پۈتۈن تاراتقۇ مۇخبىرى چاۋ جىن

يېڭى تىپتىكى تاجسىمان ۋىرۇسلۇق ئۆپكە ياللۇغى يۇقۇمىغا تاقابىل تۇرۇش جەڭ مەيدانىدا، جۇڭيى تېبابىتى دورىلىرى ئالدىنى ئېلىش، داۋالاشتىن تارتىپ سالامەتلىكنى ئەسلىگە كەلتۈرۈشكىچە بولغان پۈتۈن زەنجىرگە ئارىلىشىپ، يۇقۇمنىڭ يامرىشىنى توسىدىغان «مۇداپىئە تېمى» بەرپا قىلدى.

ئېغىر يۇقۇم قاتتىق سىناققا ئوخشايدۇ. ئاپتونوم رايونلۇق يېڭى تىپتىكى تاجسىمان ۋىرۇسلۇق ئۆپكە ياللۇغى يۇقۇمىنى تېببىي قۇتقۇزۇش-داۋالاش مۇتەخەسسىسلەر گۇرۇپپىسىنىڭ مۇئاۋىن گۇرۇپپا باشلىقى، ئاپتونوم رايونلۇق جۇڭيى دوختۇرخانىسى جۇڭيى تېبابىتى بىلەن غەرب تېبابىتى بىرلەشتۈرۈلگەن نەپەس ئىچكى كېسەللىكلەر بۆلۈمىنىڭ مۇدىر ۋىراچى لى فېڭسېن يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش-تىزگىنلەش جېڭىدە باشتىن-ئاخىر بىرىنچى سەپتە جاسارەت بىلەن جەڭ قىلىپ، تەجرىبىسى ۋە ئويلىغانلىرى ئاساسىدا 2000 پارچىدىن ئارتۇق ئۈنۈملۈك رېتسېپ يېزىپ چىقىپ، يۇقۇمغا تاقابىل تۇرۇش ئۈچۈن جۇڭيى تېبابىتىنىڭ كۈچىنى قوشتى، ئاپتونوم رايونلۇق ئىلغار خىزمەتچى، «بېتيونچە ياخشى دوختۇر» قاتارلىق شەرەپلىك ناملارغا ئېرىشتى.

«تۈرلۈك داۋالاش رېتسېپى» پەقەت ساغلاملىقنى قوغداش ئۈچۈن

2020-يىلىنىڭ بېشىدا، يېڭى تىپتىكى تاجسىمان ۋىرۇسلۇق ئۆپكە ياللۇغى يۇقۇمى تۇيۇقسىز تارقالدى، شىنجاڭدىمۇ ئېنىق دىياگنوز قويۇلغان ئاغرىق مىسالى كۆرۈلدى. لى فېڭسېن نەپەس كېسەللىكلىرى كەسپىدىكى جۇڭيى تېبابىتى مۇتەخەسسىسى بولۇش سۈپىتى بىلەن، ئاپتونوم رايوننىڭ داۋالاش-قۇتقۇزۇش مۇتەخەسسىسى بولۇپ تەيىنلىنىپ، بىرىنچى ۋاقىتتا بېكىتىلگەن قۇتقۇزۇش-داۋالاش دوختۇرخانىسىغا يېتىپ باردى.

پەلەي كىيىپ تومۇر تۇتۇش، كۆز قوغداش ئەينىكى تاقاپ تىل رايىغا قاراش، يۇقۇم جۇڭيى دوختۇرىنىڭ «كۆرۈش، ئاڭلاش، سوراش، تۇتۇش»ىنى توسۇيالمىدى. بىر جۈپ ياشانغان ئەر-خوتۇننىڭ كېسىلى قايتا-قايتا قوزغىلىپ، نوكلېئىك كىسلاتاسى 40 نەچچە كۈنگىچە مەنپىيگە ئۆزگەرمىگەن ۋاقىتتا، لى فېڭسېن جۇڭيى دورىسى رېتسېپى يېزىپ بەردى، ئۈچ كۈندىن كېيىن، بۇ ئىككى ياشانغان كىشىنىڭ نوكلېئىك كىسلاتاسىنى تەكشۈرۈش نەتىجىسى مەنپىيگە ئۆزگىرىپ، ئاخىر ساقىيىپ دوختۇرخانىدىن چىقتى.

بىر تەرەپتىن قۇتقۇزۇش-داۋالاش، بىر تەرەپتىن خۇلاسىلەش، بىر تەرەپتىن ئەلالاشتۇرۇش، لى فېڭسېن ۋۇخەندە يۇقۇمغا تاقابىل تۇرۇۋاتقان دۆلەت ئىچىدىكى داڭلىق جۇڭيى تېبابىتى مۇتەخەسسىسلىرى ھەمدە شۇ جايدىكى مۇتەخەسسىسلەر بىلەن بىرلىكتە مۇھاكىمە قىلىپ، دۆلەتنىڭ يېڭى تىپتىكى تاجسىمان ۋىرۇسلۇق ئۆپكە ياللۇغىغا دىياگنوز قويۇش-داۋالاش لايىھەسى ۋە شىنجاڭنىڭ رايون، كىلىمات ئالاھىدىلىكى ھەمدە ئاغرىقلاردىكى كېسەل قوزغىلىش ئالاھىدىلىكىگە بىرلەشتۈرۈپ، «شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىنىڭ يېڭى تىپتىكى تاجسىمان ۋىرۇس بىلەن يۇقۇملانغان ئۆپكە ياللۇغىنى جۇڭيى تېبابىتى دورىلىرى بىلەن داۋالاش لايىھەسى» قاتارلىق ئۈچ تۈرلۈك دىياگنوز قويۇش-داۋالاش لايىھەسىنى تۈزۈپ چىقتى ھەم پۈتۈن شىنجاڭغا بېسىپ تارقىتىپ، شىنجاڭنىڭ يېڭى تىپتىكى تاجسىمان ۋىرۇسلۇق ئۆپكە ياللۇغى بويىچە قۇتقۇزۇش-داۋالاشتىكى كىلىنىكىلىق داۋالاش ئۈنۈمىنى ئۆستۈردى.

لى فېڭسېن «ئورگانىزملارنىڭ فۇنكسىيەسىنى ئۆستۈرۈپ، بەدەن ئېھتىياجلىق ماددىلارنى تولۇقلاش» پىرىنسىپى بويىچە ئۆزى بىۋاسىتە تۈزۈپ چىققان ئالدىنى ئېلىش-داۋالاش رېتسېپى «1-نومۇرلۇق رېتسېپ»نىڭ كېيىنكى مەزگىلدە كېسەللىك ئالامىتى كۆرۈلمىگەن يۇقۇملانغۇچىلارنىڭ نوكلېئىك كىسلاتاسىنىڭ مەنپىيگە ئۆزگىرىشى جەھەتتە ئۈنۈمى روشەن بولدى؛ «3-نومۇرلۇق رېتسېپ» ئىشلىتىلگەندىن كېيىن ئاغرىقلاردا ئۆپكە تالالىشىش كېسەللىك ئالامەتلىرى كۆرۈلۈشكە قارىتا تىزگىنلەش رولى روشەن بولدى؛ «4-نومۇرلۇق رېتسېپ» دۆلەتنىڭ 8-نۇسخىدىكى يېڭى تىپتىكى تاجسىمان ۋىرۇسلۇق ئۆپكە ياللۇغىغا دىياگنوز قويۇش-داۋالاش لايىھەسىگە ئاساسەن تەڭشەلگەن «بەدەن ئېھتىياجلىق ماددىلارنى تولۇقلاپ، زەھەر قايتۇرۇش» رېتسېپى... لى فېڭسېن كۈندۈزلىرى كېسەلخانىغا كىرىپ ئاغرىقلارنى تەكشۈرۈپ كېسەللىك ئەھۋالىنى باھالىسا، كەچلىرى ئىشخانىسىغا قايتىپ كېلىپلا رېتسېپ يېزىش ئۈستىدە ئويلاندى، بەزىدە بېشىنى كۆتۈرگىنىدە تاڭ يورۇپ كېتەتتى.

پەرقلەندۈرۈپ داۋالاش، جۇڭيى تېبابىتى دورىلىرىنىڭ قىممىتىنى نامايان قىلىش

7-ئايدا ئۈرۈمچىدە يۇقۇم يۈزبەرگەندە، ياشانغان ئاغرىقلارنىڭ ئىگىلىگەن نىسبىتى يۇقىرى بولۇپ، ئۇلارنىڭ ئىلگىرىكى ئاساس كېسىلى مۇرەككەپ، ئەگەشمە كېسىلى كۆپ ئىدى. لى فېڭسېن ۋۇخەننىڭ جۇڭيى تېبابىتى، غەرب تېبابىتى بىرلەشتۈرۈلگەن قۇتقۇزۇش-داۋالاش تەجرىبىسىدىن جۇڭيى تېبابىتى دورىلىرىنىڭ يېڭى تىپتىكى تاجسىمان ۋىرۇسلۇق ئۆپكە ياللۇغىنى قۇتقۇزۇش-داۋالاشتا مۇھىم رولىنى جارى قىلدۇرىدىغانلىقىنى جەزملەشتۈردى.

لى فېڭسېن ھەم مۇتەخەسسىس، ھەم جەڭچى. ئۇ ھەر كۈنى دۆلەتنىڭ داۋالاش مۇتەخەسسىسلىرى بىلەن بىرلىكتە كېسەللىك ئەھۋالى توغرىسىدا مۇزاكىرىلىشىپ، مۇداپىئە كىيىمى كىيىپ بىرىنچى سەپكە بېرىپ، ئالاھىدە ئاغرىق مىساللىرىغا قاراتمىلىق ھالدا نەق مەيداندا «يەككە رېتسېپ» يېزىپ بەردى. كېسەللىك ئەھۋالى ئالاھىدە بولغان ياشانغان ئاغرىقلارغا قارىتا، ئۇ بىر كۈندە كۆپ قېتىم كېسەلخانىغا بېرىپ ئۇلارنىڭ بەدىنىنى تەكشۈرۈپ، تىل گېزىنى كۆرۈپ، كېسەللىك ئەھۋالىنى سوراپ، دورا رېتسېپى ۋە دورا مىقدارىنى ۋاقتىدا تەڭشىدى. بېكىتىلگەن دوختۇرخانىدىكى مەزگىلدە، ئۇ ئاغرىق مىسالىدىن جەمئىي 1600 ئادەم قېتىمدىن ئارتۇقنى مۇزاكىرە قىلدى، ھەمكارلىشىپ قۇتقۇزغان ئاغرىق 100 ئادەم قېتىمدىن ئاشتى، جۇڭيى دورىسى رېتسېپىدىن 2000 پارچىدىن ئارتۇقنى يازدى ھەم كېسەللىك جىددىي مەزگىلى، ئەسلىگە كېلىش مەزگىلى ھەم ئالدىنى ئېلىش مەزگىلىگە قارىتا ھەممىباب رېتسېپتىن ئۈچ پارچىنى ئۆزى بىۋاسىتە تۈزدى، بۇنىڭ كىلىنىكىلىق ئۈنۈمى كۆرۈنەرلىك بولدى.

بېكىتىلگەن قۇتقۇزۇش-داۋالاش دوختۇرخانىسىدا، ئاغرىقلارنىڭ ئوخشاش بولمىغان ئالاھىدىلىكىگە قارىتا، لى فېڭسېن تەشەببۇس قىلغان پەرقلەندۈرۈپ پەرۋىش قىلىش ۋە جۇڭيى تېبابىتى بويىچە دورا ئىشلەتمەي داۋالاش ئۇسۇلى ئىككى چوڭ ئەڭگۈشتەرگە ئايلاندى. يېڭى تىپتىكى تاجسىمان ۋىرۇسلۇق ئۆپكە ياللۇغىغا گىرىپتار بولغان ئاغرىقلاردا دائىم دېمى سىقىلىش، يۈرىكى سېلىش، ئاشقازىنى كۆپۈش قاتارلىق كېسەللىك ئالامەتلىرى كۆرۈلگەندە، دوختۇر-سېسترالار يىڭنە سانجىپ داۋالاش، ئەمەن بىلەن داغلاش، ئۇۋۇلاش قاتارلىق داۋالاش ئۇسۇللىرىنى قۇتقۇزۇش-داۋالاشتا قوللىنىپ، ئاغرىقلارغا پەللىنى بېسىش تېخنىكىسى ۋە سەككىز بۆلەكلىك گىمناستىكا قاتارلىق سالامەتلىكنى ئەسلىگە كەلتۈرۈش مەشىقلىرىنى قولمۇقول ئۆگەتتى. نۇرغۇن ئاغرىق ئۆزلىرى سىناپ باققاندىن كېيىن، جۇڭيى «مەستانە»سىگە ئايلىنىپ، جۇڭيى تېبابىتىنىڭ موللۇقى ۋە چوڭقۇرلۇقىنى بەس-بەستە تەرىپلەشتى.

ئۆكۈنمەي چىڭ تۇرۇش، جۇڭيى تېبابىتى دورىلىرىنىڭ كۈچىنى داۋاملىق جارى قىلدۇرۇش

يىل بېشىدىكى يۇقۇمدىن تارتىپ ئۈرۈمچىدىكى يۇقۇمغىچە، يەنە قەشقەر ۋىلايىتى كوناشەھەر ناھىيەسىدىكى يۇقۇمغىچە، تۇرپان شەھىرى ئىدىقۇت رايونىدىكى يۇقۇمغىچە، لى فېڭسېن بىر يىل يېڭى تىپتىكى تاجسىمان ۋىرۇسلۇق ئۆپكە ياللۇغى يۇقۇمى بىلەن ئېلىشىش ئارقىلىق، ھەر خىل كېسەللىك ئەھۋالىغا ئىشلىتىلىدىغان دورىلارنى پىششىق بىلىپ كەتتى.

«ھازىر ئاغرىقلارنىڭ پىليونكىسىنى كۆرسەملا، قانداق دورا ئىشلىتىش كېرەكلىكىگە ئاساسىي جەھەتتىن ھۆكۈم قىلالايمەن.» لى فېڭسېن مۇنداق قارىدى: كېيىنكى مەزگىلدە ئاندا-ساندا كۆرۈلۈش ئېھتىماللىقى بولغان يۇقۇمدا، پەقەت ياخشى كۆزەتسەك، ئاغرىقلارنىڭ كېسەللىك ئەھۋالى يېنىك كېسەلدىن ئېغىر كېسەلگە ئۆزگىرىپ كەتمىسىلا، قۇتقۇزۇش-داۋالاشتا ئاساسىي جەھەتتىن جۇڭيى تېبابىتى بىلەن غەرب تېبابىتى بىرلەشتۈرۈلگەن بىر خىللاشقان، قېلىپلاشقان دىياگنوز قويۇش-داۋالاشنى ئىشقا ئاشۇرغىلى بولىدۇ.

بۇ يىل، لى فېڭسېننىڭ ئۆيدە تۇرغان ۋاقتى ئىككى ئايغا يەتمىدى. بېكىتىلگەن دوختۇرخانىدا يۇقۇمغا تاقابىل تۇرغان مەزگىلدە، ئۇنىڭ خوتۇنىنىڭ ئۆت ياللۇغى جىددىي قوزغىلىپ دوختۇرخانىغا ئېلىپ بېرىلىپ ئوپېراتسىيە قىلدۇرۇلدى، ئېغىر ئۇيقۇسىزلىق، ئۇنىڭ ئۈستىگە جىددىي كەيپىياتنىڭ تەسىرىدە ئۇ پەقەت ئۇيقۇ دورىسىغا تايىنىپلا ئۇخلىيالايدىغان بولۇپ قالدى.

«گەرچە نۇرغۇن ئىش بىرلا ۋاقىتقا يىغىلىپ قالغان بولسىمۇ، لېكىن ئاغرىقلارنىڭ بىر-بىرلەپ ساقىيىپ دوختۇرخانىدىن چىققىنىنى كۆرسەم، بۇ بىر يىلدا تارتقان جاپايىمنىڭ بىكارغا كەتمىگەنلىكىنى ھېس قىلىمەن.» لى فېڭسېننىڭ ئېيتىشىچە، كىشىلەرنىڭ ئېسىدىن چىقمايدىغان بۇ مەيدان جەڭدە، يۇقۇم ئۈستىدىن غەلىبە قىلىش ئۈچۈن جۇڭيى تېبابىتىنىڭ كۈچىنى قوشۇش ئۇنىڭ ئۆكۈنمەيدىغان تاللىشى ئىكەن. نۆۋەتتە، ئۇنىڭ «2020-يىللىق شىنجاڭنىڭ ئاممىۋى سەھىيە ئاچقۇچلۇق تېخنىكىسىنى تەتقىق قىلىپ ئېچىش ۋە يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش سىستېمىسى قۇرۇلۇشى تۈرى (يېڭى تىپتىكى تاجسىمان ۋىرۇسلۇق ئۆپكە ياللۇغى، شىنجاڭدىكى يەرلىكتە كۆپ كۆرۈلىدىغان يۇقۇملۇق كېسەللىكلەرنىڭ ئالدىنى ئېلىش، داۋالاش تەتقىقاتى)» توغرىسىدىكى تەتقىقات تېمىسى ئاپتونوم رايونلۇق پەن-تېخنىكا نازارىتىنىڭ تۈر تۇرغۇزۇشىغا ئېرىشتى، ئۇ يېڭى تىپتىكى تاجسىمان ۋىرۇسلۇق ئۆپكە ياللۇغى يۇقۇمىدا جۇڭيى تېبابىتى دورىلىرى ئارقىلىق دىياگنوز قويۇش-داۋالاش قانۇنىيىتىنى خۇلاسىلەپ ۋە تەتقىق قىلىپ، تېخىمۇ ئەلا لايىھە تۈزۈپ، جۇڭيى تېبابىتى دورىلىرىنىڭ كىلىنىكىلىق قۇتقۇزۇش-داۋالاش ئۈنۈمىنى ئۆستۈرۈش ئۈستىدە ئىزدىنىۋاتىدۇ.

مەسئۇل مۇھەررىر : قۇربانجان قېيۇم

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ يېڭى تاراتقۇلار مەركىزىگە تەۋە، ھەرقايسى تاراتقۇلار كۆچۈرۈپ تارقاتقاندا « تىيانشان تورى » دەپ مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىشى كېرەك، بولمىسا قانۇنىي جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ.

  • باھار كۈنلىرىدىكى خۇش پۇراق چېچەكلەر
  • كۇچادا مىليون مو يەرگە كېۋەز تېرىش باشلاندى
  • ماشىنىدا كېۋەز تېرىش