تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   بىڭتۇەن

【مىللەتلەر ئىتتىپاقلىشىپ بىر ئائىلە كىشىلىرىدەك بولۇش】 بىر-بىرىگە ئىللىقلىق، مېھىر-مۇھەببەت ھەمراھ

بىڭتۇەن گېزىتى خەۋىرى (بىڭتۇەن گېزىتىنىڭ 9-شىدا تۇرۇشلۇق مۇخبىرلار پونكىتىدىن سەي ۋەنيۈ خەۋىرى): «مەن خۇبېيدىن شىنجاڭغا كېلىپ خىزمەت قىلغاندىن كېيىن، ئىزچىل يالغۇز ئىدىم. مۇرات جادىمقان تاغام بىلەن تۇغقان بولغاندىن كېيىن، مېنىڭ سىرداش <تۇغقانلىرىم> بار بولدى. ئۇنىڭ غەمخورلۇقى بولغاچقا، مېنىڭ بۇ يەردە قېلىشىمغا تېخىمۇ كۆپ سەۋەب بار بولدى». 12-ئاينىڭ 13-كۈنى، 9-شى باقتۇ سانائەت رايونى ئىشخانىسىنىڭ خىزمەتچىسى ۋاڭ ئەيپىڭ شۇنداق دېدى.

ۋاڭ ئەيپىڭنىڭ ئاغزىدىكى «مۇرات جادىمقان» 9-شى 165-تۇەننىڭ خىزمەتچىسى. ئۇنىڭ بۇلتۇر مۇرات جادىمقان بىر ئائىلە كىشىلىرىنى تۇنجى قېتىم كۆرگەن ۋاقتى ھازىرغىچە ئېسىدە. شۇ كۈنى، مۇرات جادىمقان ئائىلىسىدىكىلەر ئىشىك ئالدىدا بالدۇرلا ساقلاپ تۇرغانىدى، ئۇ ۋاڭ ئەيپىڭنى كۆرۈپلا قىزغىنلىق بىلەن ئالدىغا چىقىپ ئۇنى قولىدىن تۇتۇپ، ئۆيىگە باشلاپ كىردى. جىددىيلىشىپ تۇرغان ۋاڭ ئەيپىڭ مۇلايىم، يېقىملىق مۇرات جادىمقان بىر ئائىلە كىشىلىرىگە قاراپ، بىردىنلا خېلىلا يېنىكلەپ قالدى.

ۋاڭ ئەيپىڭنى ياخشى كۈتۈۋېلىش ئۈچۈن، مۇرات جادىمقان قازاق مىللىتىنىڭ مول تائاملىرىنى تەييارلىدى. ۋاڭ ئەيپىڭ مۇرات جادىمقاننىڭ ئائىلىسىدىكىلەر بىلەن ئۈستەلنى چۆرىدەپ ئولتۇرۇپ، مەززىلىك تائاملاردىن ھۇزۇرلانغاچ پاراڭلاشتى. «مەن ئۆزۈمنى بەك تەلەيلىك ھېس قىلىمەن، بۇنداق ياخشى تۇغقانغا يولۇقتۇم. ئۇلارنىڭ ئاددىي-ساددىلىقى، ئاق كۆڭۈللۈكى ماڭا ئائىلەمدىكىلەرنى ئەسلەتتى. ئۇلارنىڭ ماڭا بولغان غەمخورلۇقى ماڭا ئائىلىنىڭ ئىللىقلىقىنى ھېس قىلدۇردى» دېدى ۋاڭ ئەيپىڭ.

مۇرات جادىمقاننىڭ چوڭ قىزى كىچىك چېغىدىلا ئالەمدىن ئۆتكەن بولغاچقا، مۇرات جادىمقان بۇ يەردە يالغۇز ياشاۋاتقان، خىزمەت قىلىۋاتقان ۋاڭ ئەيپىڭغا قاراپ، ئۇنىڭغا تېخىمۇ كۆپ ئىللىقلىق بېرىشنى ئويلايتتى. «چوڭ قىزىم ھايات بولغان بولسا، ھازىر ئەيپىڭ بىلەن تەڭ دېمەتلىك بولغان بولاتتى. ئەيپىڭغا قاراپ خۇددى قىزىمنى كۆرگەندەك بولدۇم» دېدى مۇرات جادىمقان.

بىر قېتىم، ۋاڭ ئەيپىڭ خىزمەت سەۋەبىدىن تاڭ سەھەرگىچە ئىسمېنا قوشۇپ ئىشلىدى. ئۇنىڭ ئىشتىن چۈشۈپ كېچىدە يول يۈرۈشىنىڭ بىخەتەر بولماسلىقىدىن ئەنسىرەپ، مۇرات جادىمقان ئىشىك ئالدىدا ئۇنى ساقلاپ تۇردى. ھارغىن چىراي ۋاڭ ئەيپىڭ خىزمەتنى ئاخىرلاشتۇرغاندىن كېيىن ئىشىك ئالدىدا تۇرغان مۇرات جادىمقاننى كۆرۈپ، تەسىرلەنگەنلىكىدىن كۆز ياشلىرى چاناقلىرىدىن سىرغىپ چۈشتى.

مۇرات جادىمقان ئىچ ئاغرىتقان ھالدا مۇنداق دېدى: «سىلەر ياشلارغا پۇرسەت كۆپ، ياخشى ئىشلىسەڭلار نەتىجىگە ئېرىشىسىلەر، لېكىن سالامەتلىكىڭلارنى چوقۇم ياخشى ئاسراڭلار. سىزنىڭ ھازىر شىنجاڭدا تۇغقىنىڭىز بار بولدى، بۇنىڭدىن كېيىن قانداق ئىشىڭىز بولسا بىزگە دېسىڭىز بولىدۇ».

مۇھەببەت بىر تەرەپلا بەدەل تۆلەش ئەمەس، بەلكى ئۆزئارا بېغىشلاش، بىر-بىرىگە ئىللىقلىق يەتكۈزۈش. يېقىندا، مۇرات جادىمقاننىڭ خوتۇنى نۇرگۈل جايىمخان كۆز كېسىلى سەۋەبىدىن ئوپېراتسىيە قىلىنىپ دوختۇرخانىدا بىر ھەپتە ياتتى. ئەينى چاغدا ئۆيدە ئادەم ئاز بولغاچقا، ۋاڭ ئەيپىڭ تەشەببۇسكارلىق بىلەن كېسەل بېقىپ، نۇرگۈل جايىمخاننىڭ ھالىدىن كۆڭۈل قويۇپ خەۋەر ئالدى. بۈگۈنكى كۈندە، نۇرگۈل جايىمخان ساقىيىپ دوختۇرخانىدىن چىققان بولسىمۇ، لېكىن ۋاڭ ئەيپىڭ يەنىلا دائىم تېلېفون بېرىپ، ئۇنىڭغا ۋاقتىدا دورا يەپ، دەم ئېلىشقا دىققەت قىلىشنى تاپىلايتتى.

مۇرات جادىمقاننىڭ ئوغلى بارلىق مۇرات پۇتبولنى ناھايىتى ياخشى ئوينايدۇ، لېكىن مىجەزى بىر قەدەر جىمغۇر، دائىم مۇسابىقىدىن كېيىن ئۆزى يالغۇز باش چۆكۈرۈپ توپ مەشىق قىلىدۇ. ۋاقىت چىقىرالىسىلا، ۋاڭ ئەيپىڭ مۇسابىقە مەيدانىغا بېرىپ، بارلىق مۇراتقا مەدەت بېرىدۇ. ۋاڭ ئەيپىڭنىڭ كۆڭۈل بۆلۈشى ۋە ھەمراھ بولۇشى بىلەن، ئەسلىدە ئىچ مىجەزلىك بارلىق مۇرات خېلى ئوچۇق-يورۇق بولۇپ قالدى، تەشەببۇسكارلىق بىلەن كىچىك ھەمراھلىرى بىلەن بىللە توپ مەشىق قىلدى.

«مېنىڭ قەلبىمدە، ئەيپىڭ ئاچام مېنىڭ ئۆز ئاچامدەك، ئۇ ماڭا بەك كۆيىنىدۇ، مەن ئۇنى بەك ياخشى كۆرىمەن» دېدى بارلىق مۇرات. بالىنىڭ سۆزى ئاددىي-ساددا، ئەمما چوڭقۇر ھېسسىياتلىق ئىدى.

بۇ يىل چاغاندا، ۋاڭ ئەيپىڭ يېڭى تىپتىكى تاجسىمان ۋىرۇسلۇق ئۆپكە ياللۇغى يۇقۇمى  ئەھۋالى سەۋەبىدىن خۇبېيدا تۇرۇپ قالدى، مۇرات جادىمقان ناھايىتى ئەنسىرەپ، دائىم تېلېفون بېرىپ ۋاڭ ئەيپىڭنىڭ ئەھۋالىنى سوراپ، ئۇنىڭغا ھالىدىن ياخشى خەۋەر ئېلىشنى تاپىلىدى. ۋاڭ ئەيپىڭمۇ شىنجاڭدىكى «تۇغقانلىرى»غا رىشتە باغلاپ، بارلىق مۇرات ئائىلىسىدىكىلەر بىلەن دائىم سىنلىق پاراڭلىشىپ، ئۇلارغا يۇقۇمدىن مۇداپىئەلىنىش بىلىملىرىنى تەشۋىق قىلدى.

«مۇرات جادىمقان بىر ئائىلە كىشىلىرى بىلەن تونۇشقىلى ئاران بىر يىل بولغان بولسىمۇ، لېكىن بۇ بىر يىلدا ئۇلار ماڭا نۇرغۇن ئىللىقلىق ۋە ئىلھام بەردى. ئۇلار بولغاچقا، شىنجاڭدا بىر ئائىلەم بار بولدى، تارتىشىدىغان ئادىمىم بار بولدى، دوستلۇقىمىز ئۆمۈرۋايەت ئۆزگەرمەيدۇ» دېدى ۋاڭ ئەيپىڭ.

مەسئۇل مۇھەررىر : گۈلبوستان غۇلام

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • تاڭ نۇرىدىكى كۈرەش قىلغۇچىلار
  • قەغەز قىيما سەنئىتى مەكتەپلەرگە كىردى ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت ئۇرۇقى قەلبلەرگە تېرىلدى
  • شىنجاڭنىڭ تاغ-دەريالىرى خۇددى سۈرەتتەك| مۇزلار ئېرىپ دەريا يولى ئېچىلدى قايدۇ دەرياسىدىن باھار ھىدى تارقالدى