تىيانشان تورى خەۋىرى (مۇخبىر جىڭ بو خەۋىرى): 12-ئاينىڭ 22-كۈنى، 2020~2021-يىللىق مۇسابىقە پەسلى جۇڭگو ئاياللار ۋاسكېتبول بىرلەشمە مۇسابىقىسى ئۈچ كىشىلىك ۋاسكېتبول مۇسابىقىسى(WCBA ئۈچ كىشىلىك ۋاسكېتبول مۇسابىقىسى)نىڭ ئەڭ ئاخىرقى مۇسابىقە كۈنىدە كەسكىن تىركىشىش نەتىجىسىدە، شىنجاڭ ئاياللار ۋاسكېتبول كوماندىسى ئۈچىنچىلىككە ئېرىشتى.
12-ئاينىڭ 22-كۈنى، ئىچكى موڭغۇلنىڭ كۆكخوتتىكى WCBA بىرلەشمە مۇسابىقىسى ئۈچ كىشىلىك ۋاسكېتبول مۇسابىقىسىنىڭ ئۈچىنچىلىكىنى تالىشىش مۇسابىقىسىدە، شىنجاڭ ئاياللار ۋاسكېتبول كوماندىسىنىڭ 23-نومۇرلۇق ماھىرى ۋاڭ لىلى (ئوڭدا) گارغا توپ ئاتماقتا. (مۇخبىر ياڭ گۇاڭ فوتوسى)
12-ئاينىڭ 22-كۈنى، ئىچكى موڭغۇلنىڭ كۆكخوتتىكى WCBA بىرلەشمە مۇسابىقىسى ئۈچ كىشىلىك ۋاسكېتبول مۇسابىقىسىنىڭ ئۈچىنچىلىكنى تالىشىش مۇسابىقىسىدە، شىنجاڭ ئاياللار ۋاسكېتبول كوماندىسىنىڭ 7-نومۇرلۇق ماھىرى ۋۇ دى (ئوڭدا) توپ ئېلىپ قارشى تەرەپنىڭ مۇداپىئەسىنى بۆسۈپ ئۆتتى. (مۇخبىر ياڭ گۇاڭ فوتوسى)
نۆۋەتتە، جۇڭگو ئاياللار ئۈچ كىشىلىك ۋاسكېتبول كوماندىسى بىلەن بەش كىشىلىك ۋاسكېتبول كوماندىسى توكيو ئولىمپىك تەنھەرىكەت مۇسابىقىسىگە قاتنىشىش سالاھىيىتىگە ئېرىشتى.
12-ئاينىڭ 22-كۈنى، ئىچكى موڭغۇلنىڭ كۆكخوتتىكى WCBA بىرلەشمە مۇسابىقىسى ئۈچ كىشىلىك ۋاسكېتبول مۇسابىقىسىنىڭ ئۈچىنچىلىكىنى تالىشىش مۇسابىقىسىدە، شىنجاڭ ئاياللار ۋاسكېتبول كوماندىسىنىڭ 21-نومۇرلۇق ماھىرى خەن شۈي (ئوڭدا) گار ئاستىدىن كۈچلۈك ھۇجۇمغا ئۆتمەكتە. (مۇخبىر ياڭ گۇاڭ فوتوسى)
12-ئاينىڭ 22-كۈنى، ئىچكى موڭغۇلنىڭ كۆكخوتتىكى WCBA بىرلەشمە مۇسابىقىسى ئۈچ كىشىلىك ۋاسكېتبول مۇسابىقىسىنىڭ ئۈچىنچىلىكنى تالىشىش مۇسابىقىسىدە، شىنجاڭ ئاياللار ۋاسكېتبول كوماندىسىنىڭ 1-نومۇرلۇق ماھىرى ۋاڭ سىيۈ (ئوڭدا) گارغا توپ كىرگۈزمەكتە. (مۇخبىر ياڭ گۇاڭ فوتوسى)