تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   مىللەتلەر ئىتتىپاقلىشىپ بىر ئائىلە كىشىلىرىدەك بولۇش

قىشلىق كۈن توختاش كۈنىدە جۇۋاۋا يەپ ئىتتىپاقلىق توغرىسىدا پاراڭلىشىش

  تىيانشان تورى خەۋىرى: 12-ئاينىڭ 21-كۈنى قىشلىق كۈن توختاش كۈنى، ئېلىمىز خەلقى ئارىسىدا «قىشلىق كۈن توختىغان كۈننى چاغانغا ئوخشاش چوڭ ئۆتكۈزۈش كېرەك» دېگەن گەپ بار. شىنجاڭنىڭ ھەرقايسى جايلىرى قىشلىق كۈن توختاش كۈنىدە «جۇۋاۋا تۈگۈش»، «جۇۋاۋا يىيىش»، «جۇۋاۋا سوۋغات قىلىش» قاتارلىق مول مەزمۇنلۇق پائالىيەتلەرنى قانات يايدۇردى.

  12 ـ ئاينىڭ 21 ـ كۈنى، سانجى خۇيزۇ ئاپتونوم ئوبلاستى سانجى شەھەرلىك پارتىيە كومىتېتى تەشۋىقات بۆلۈمىنىڭ بېيجىڭ جەنۇبىي يولى مەھەللە ئىش باشقارمىسى گېئولوگىيە كەنتى مەھەللىسىدە تۇرۇشلۇق «ئەلرايىنى بىلىش، ئەلگە نەپ يەتكۈزۈش، ئەلنى مايىل قىلىش» خىزمەت ئەترىتىنىڭ ئەترەت ئەزالىرى، مەھەللە كادىرلىرى ۋە تەۋەلىكىدىكى ئاھالىلەر بىرلىكتە جۇۋاۋا تۈگۈپ، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى رىشتى توغرىسىدا پاراڭلاشماقتا. (خې لۇڭ فوتوسى)

  12 ـ ئاينىڭ 21 ـ كۈنى، ئاقسۇ ۋىلايىتىنىڭ ئاقسۇ شەھىرى لەڭگەر مەھەللە ئىش باشقارمىسى لۈيۈەن مەھەللىسى «مىللەتلەر ئىتتىپاقلىشىپ بىر ئائىلە كىشىلىرىدەك بولۇش» بىرلەشمە دوستلۇق پائالىيىتىنى قانات يايدۇردى، پارتىيە ئەزالىرى، كادىرلار مەھەللە ئاھالىلىرى بىلەن بىرلىكتە جۇۋاۋا تۈگۈپ، قىشلىق كۈن توختاش كۈنىنى ئۆتكۈزدى. (ياڭ شو فوتوسى)

  12 ـ ئاينىڭ 21 ـ كۈنى چۈشتىن بۇرۇن، ئىلى قازاق ئاپتونوم ئوبلاستىنىڭ غۇلجا شەھىرى ھەرەمباغ مەھەللە ئىش باشقارمىسى بېييۈەن مەھەللىسى «قىشلىق كۈن توختاش كۈنىدە ئىللىقلىق يەتكۈزۈپ، ياشانغانلار قەلبىنى ئىللىتىش» جۇۋاۋا تۈگۈش پائالىيىتى ئۆتكۈزدى. (جاڭ كاڭ فوتوسى)

  12 ـ ئاينىڭ 21 ـ كۈنى، بايىنغولىن موڭغۇل ئاپتونوم ئوبلاستى كورلا شەھەرلىك 10 ـ باشلانغۇچ مەكتەپنىڭ ئوقۇتقۇچىسى دەرسخانىدا قىشلىق كۈن توختاش كۈنى ئۆرپ-ئادىتىنى چۈشەندۈرمەكتە. بۇ باشلانغۇچ مەكتەپ ئوقۇتقۇچى-ئوقۇغۇچىلارنى تەشكىللەپ، «مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى دوستلۇقى چوڭقۇر، مېھىرلىك قىشلىق كۈن توختاش كۈنىدىكى ئىللىق 10ـ باشلانغۇچ» باش تېمىسىدىكى قىشلىق كۈن توختاش كۈنى جۇۋاۋا تۈگۈش پائالىيىتىنى قانات يايدۇردى. (ۋېي يىنخې فوتوسى)

  12 ـ ئاينىڭ 21 ـ كۈنى، قاتناش ساقچىسى ئارافات ئابلىكىم پىدائىيلار ئېلىپ كەلگەن جۇۋاۋىنى يېمەكتە. شۇ كۈنى، ئۈرۈمچى شەھىرى سايباغ رايونى لۇيۈەن كوچىسى تەۋەلىك رايونىدا ۋەزىپە ئىجرا قىلىۋاتقان خەلق ساقچىلىرى ۋە تازىلىق ئىشچىلىرىغا جۇۋاۋا سوۋغات قىلىش پائالىيىتىنى قانات يايدۇردى. (چىن پېڭ فوتوسى)

مەسئۇل مۇھەررىر : ياقۇپجان تۇرسۇن

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ يېڭى تاراتقۇلار مەركىزىگە تەۋە، ھەرقايسى تاراتقۇلار كۆچۈرۈپ تارقاتقاندا « تىيانشان تورى » دەپ مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىشى كېرەك، بولمىسا قانۇنىي جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ.

  • خوتەن ناھىيەسىنىڭ قۇملۇق لازىسى تۇرمۇشنى قاينام-تاشقىنلىققا چۆمدۈرۈپ، قىش پەسلىگە ئىللىقلىق ئاتا قىلدى!
  • باغراش كۆلىدە قىشلىق ساياھەتچىلىك قىزىپ كەتتى
  • ھەپتە ئاخىرىدا نەنسەن تېغىدا مەنزىرىدىن تاماشا قىلغاچ قار تېيىلىش