تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   بىڭتۇەن

【مىللەتلەر ئىتتىپاقلىشىپ بىر ئائىلە كىشىلىرىدەك بولۇش】 يەنە بىر تۇغقىنىم كۆپەيدى

بىڭتۇەن گېزىتى خەۋىرى (مۇخبىر لېي لېي خەۋىرى): «سىز بىلەن تونۇشقىنىمدىن ناھايىتى خۇشالمەن». بۇ سۆزنى، كىشىلەر دائىم تۇنجى قېتىم تونۇشقاندا سالاملىشىش سۆزى قىلىدۇ، نۇرغۇن يىللاردىن كېيىن، ئاندىن ئۇنىڭ ئەھمىيىتىنى چوڭقۇر ھېس قىلىدۇ.

تۆت يىل ئىلگىرىكى بىر كۈنى، قەھرىتان سوغۇققا قارىماي، ۋاڭ سۈيلەن تۇنجى قېتىم 5-شى 87-تۇەننىڭ خىزمەتچىسى ئاراخېلانىڭ ئۆيىگە باردى.

ۋاڭ سۈيلەن تەشەببۇسكارلىق بىلەن ئاراخېلانىڭ قولىنى تۇتتى، بۇ بىر جۈپ قولدا، قورۇق ناھايىتى كۆپ، ناھايىتى چوڭقۇر بولۇپ، خۇددى سايدىن كولاپ ئېلىنغان قېرى دەرەخ يىلتىزىغا ئوخشاش، تۇرمۇشنىڭ جاپا- مۇشەققەتلىرىنى ئۈن-تىنسىز بايان قىلاتتى.

ۋاڭ سۈيلەن 87-تۇەن باش ئىشچىلار ئۇيۇشمىسىنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى، 2016-يىلى «مىللەتلەر ئىتتىپاقلىشىپ بىر ئائىلە كىشىلىرىدەك بولۇش» پائالىيىتىدە، ئاراخېلا بىلەن تۇغقانلاشقانىدى.

تۇرمۇشتا قىينىلىپ قالغان ئاراخېلاغا قاراپ، ۋاڭ سۈيلەن ئۇنى قۇچاقلاپ تۇرۇپ مۇنداق دېدى: «ئاراخېلا، مېنى ساقلاپ تۇرۇڭ، مەن دائىم كېلىپ تۇرىمەن». ۋاڭ سۈيلەنمۇ كۆڭلىدە چوقۇم ئۆز ئىقتىدارىنى تولۇق جارى قىلدۇرۇپ، ئاراخېلا ئائىلىسىدىكىلەرنىڭ قىيىن ئەھۋالدىن قۇتۇلۇشىغا ھەقىقىي ياردەم بېرىپ، ئۇلارنىڭ چىرايىغا كۈلكە يۈگۈرتۈشكە بەل باغلىدى.

ئىككىيلەن تونۇشۇپ ئۇزاق ئۆتمەي بىر كۈنى، ئاراخېلا ۋاڭ سۈيلەنگە، نېمە سەۋەبتىندۇر ئۇلار باققان قوي-كالىلارنىڭ كەينى-كەينىدىن ئۆلۈپ كەتكەنلىكىنى ئېيتتى. ئاراخېلانىڭ تىت-تىت بولغان ئاۋازىنى ئاڭلاپ، ۋاڭ سۈيلەن تېلىفوننى قويۇۋەتكەندىن كېيىن، دەرھال مال دوختۇرى بىلەن ئالاقىلىشىپ، بارلىق ئاماللار بىلەن زىياننى ئەڭ تۆۋەن دەرىجىگە چۈشۈرۈشنى ئۈمىد قىلدى.

لېكىن، ئىش ئويلىغان يەردىن چىقمىدى. كالا، قوي بىلەن تولغان قوتانلارنىڭ قۇپقۇرۇق بولۇپ قالغانلىقىنى كۆرۈپ، ۋاڭ سۈيلەن بىلەن ئاراخېلا ئوخشاشلا بىئارام بولدى. تۇيۇقسىز يۈز بەرگەن بۇ كۈتۈلمىگەن ئىش ئەسلىدىنلا نامرات بولغان بۇ ئائىلىنى تېخىمۇ قىيىن ئەھۋالغا چۈشۈرۈپ قويدى.

ئەڭ قىيىن ئەھۋالدا قالغاندا، بىرەيلەن ئاراخېلانىڭ ئېرى ئاشاخېيغا ئېشىپ قالغان كالا، قويلارنى سېتىۋېتىش ھەققىدە نەسىھەت قىلغان بولسىمۇ، ئۇ رەت قىلدى. ئۇ ۋاڭ سۈيلەنگە كالا، قويلارنى سېتىۋەتسە، قايتا باش كۆتۈرەلمەيدىغانلىقىنى ئېيتتى. كالا، قوي بولسا ئۈمىد بار. ئاراخېلا ئەر-خوتۇننىڭ ئېگىلمەس-سۇنماس ھالىتىنى كۆرۈپ چوڭقۇر تەسىرلىنىپ، ۋاڭ سۈيلەنمۇ ئۇلارنىڭ قىيىن ئۆتكەلدىن ئۆتۈۋېلىشىغا ياردەم بېرىشكە ئىرادە باغلىدى.

2017-يىلى، 5-شى ئىشچى-خىزمەتچىلەرنىڭ ئەمگەك ئىقتىدارىنى باھالاشنى تەشكىللەپ، ئەمگەك ئىقتىدارىدىن قالغان ئىشچى-خىزمەتچىلەرگە ياردەم پۇلى بەردى. ئاراخېلانىڭ سالامەتلىكىنىڭ ياخشى ئەمەسلىكىنى كۆزدە تۇتۇپ، ۋاڭ سۈيلەن ئۇنىڭغا ئەمگەك ئىقتىدارىنى باھالاش تەكلىپىنى بەردى. ئەمما ئاراخېلا ناھايىتى تەڭلىكتە قېلىپ، ئۆزىنىڭ ئائىلە تۇرمۇشىدا قىيىنچىلىق بارلىقىنى، ئەمگەك ئىقتىدارىنى باھالاش ئۈچۈن باھالاش ھەققى تاپشۇرۇشقا توغرا كېلىدىغانلىقىنى، ئارتۇق پۇل خەجلىگۈسى يوقلىقىنى، تېجەشكە تېگىشلىكلىكىنى تېجەيدىغانلىقىنى ئېيتتى. ئاراخېلانىڭ سۆزىنى ئاڭلىغاندىن كېيىن، ۋاڭ سۈيلەن كەسكىنلىك بىلەن: «سىز خاتىرجەم بېرىڭ، باھالاش ھەققىنى مەن بېرەي» دېدى.

شۇنىڭ بىلەن، ۋاڭ سۈيلەن تەشەببۇسكارلىق بىلەن ئاراخېلاغا ياردەملىشىپ 300 يۈەن باھالاش ھەققى تاپشۇردى. باھالاش ئارقىلىق، ئاراخېلا كۆپ قىسىم ئەمگەك ئىقتىدارىنى يوقاتقان بولۇپ بىكىتىلىپ، شۇ يىلى 4-ئايدىن باشلاپ ھەر ئايدا 770 يۈەن ياردەم پۇلى ئالالايدىغان بولدى. بۇ ئىشتىن كېيىن، ئاراخېلا ۋاڭ سۈيلەندىن ئىنتايىن مىننەتدار بولۇپ، ۋاڭ سۈيلەننى قېرىندىشىدەك كۆرىدىغان بولدى.

2017-يىلى 10-ئايدا، ۋاڭ سۈيلەن ئاغرىپ قېلىپ ئوپېراتسىيە قىلىندى. دوختۇرخانىدىن چىققان بىر كۈنى كەچتە، ۋاڭ سۈيلەننىڭ ئۆيىدە ئىشىك چېكىلگەن ئاۋاز ئاڭلاندى. ئىشىكنى ئېچىپ قارىسا، ئاراخېلا سىڭلىسى بىلەن سۈت، مېۋىلەرنى كۆتۈرۈپ ئىشىك ئالدىدا تۇراتتى.

ئاراخېلا ۋاڭ سۈيلەننى كۆرۈپلا: «مەن سىزنىڭ ئاغرىپ قالغانلىقىڭىزنى ئەمدى ئاڭلىدىم، ئىچىم بەك ئاغرىدى، سىز نېمىشقا ماڭا بالدۇرراق دېمەيسىز؟» ئەيىبلەش ئارىلاشقان كۆڭۈل بۆلۈش ۋاڭ سۈيلەننىڭ قەلبىنى ئىللىتتى، ئۇ شۇ دەقىقىنىڭ ئۆزىدە ئۆزلىرىنىڭ بىر ئائىلە كىشىلىرى ئىكەنلىكىنى جەزىملەشتۈردى.

بۈگۈنكى كۈندە، ۋاڭ سۈيلەننىڭ ياردىمىدە، ئاراخېلا ئائىلىسىنىڭ تۇرمۇشى بارغانسېرى ياخشىلاندى. ئۇ ھەر ئايدا 1800 يۈەندىن ئارتۇق ياشانغانلار كۈتۈنۈش پۇلى ئالىدۇ، ئۆيىدە باققان قويلىرىمۇ 250 تۇياق بولۇپ، يەنە بىر يۈرۈش يېڭى بىنا ئۆي سېتىۋالدى.

«ئاراخېلانىڭ كۈلۈپ يۈرۈيدىغان چاغلىرىنىڭ كۆپەيگەنلىكىنى كۆرۈپ، مەنمۇ ئىچ-ئىچىمدىن خۇشال بولدۇم. پۇل، مال-دۇنيادىن كىشى قەلبى تېخىمۇ ئەلا. چىن كۆڭلىدىن بەدەل تۆلىگەندىلا، ھەقىقىي مۇھەببەتكە ئېرىشكىلى بولىدۇ. مەن ئۇنىڭ بىلەن تونۇشقانلىقىمدىن ئىنتايىن خۇشالمەن، مېنىڭ يەنە بىر تۇغقىنىم كۆپەيدى» دېدى ۋاڭ سۈيلەن.

مەسئۇل مۇھەررىر : گۈلبوستان غۇلام

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • تاڭ نۇرىدىكى كۈرەش قىلغۇچىلار
  • قەغەز قىيما سەنئىتى مەكتەپلەرگە كىردى ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت ئۇرۇقى قەلبلەرگە تېرىلدى
  • شىنجاڭنىڭ تاغ-دەريالىرى خۇددى سۈرەتتەك| مۇزلار ئېرىپ دەريا يولى ئېچىلدى قايدۇ دەرياسىدىن باھار ھىدى تارقالدى