تىيانشان تورى   ›   ئاپتونوم رايون رەھبەرلىرى   ›   شۇجى خاتىرىسى

ئاپتونوم رايونلۇق ئەمگەك نەمۇنىچىلىرى ۋە ئىلغار خىزمەتچىلەرنى تەقدىرلەش يىغىنى ئۆتكۈزۈلدى

چېن چۈەنگو قاتناشتى ھەم سۆز قىلدى

شۆھرەت زاكىر رىياسەتچىلىك قىلدى   شەۋكەت ئىمىن، نۇرلان ئەبىلمەجىن قاتناشتى   لى پېڭشىن تەقدىرلەش قارارىنى ئوقۇدى

12-ئاينىڭ 21-كۈنى، ئاپتونوم رايونلۇق ئەمگەك نەمۇنىچىلىرى ۋە ئىلغار خىزمەتچىلەرنى تەقدىرلەش يىغىنى ئۈرۈمچىدە ئۆتكۈزۈلدى. سۈرەتتە: ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتىنىڭ شۇجىسى چېن چۈەنگو، ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى، ئاپتونوم رايوننىڭ رەئىسى شۆھرەت زاكىر قاتارلىقلار تەقدىرلەنگەن ئاپتونوم رايونلۇق ئەمگەك نەمۇنىچىلىرى ۋە ئىلغار خىزمەتچىلەر ۋەكىللىرىگە شەرەپ گۇۋاھنامىسى تارقىتىپ بەرمەكتە. (شىنجاڭ گېزىتى پۈتۈن تاراتقۇ مۇخبىرى سۈي جىجيەن فوتوسى)

شىنجاڭ گېزىتى پۈتۈن تاراتقۇ مۇخبىرى ياۋ تۇڭ خەۋەر قىلىدۇ: 12-ئاينىڭ 21-كۈنى چۈشتىن بۇرۇن، ئاپتونوم رايونلۇق ئەمگەك نەمۇنىچىلىرى ۋە ئىلغار خىزمەتچىلەرنى تەقدىرلەش يىغىنى ئۆتكۈزۈلدى. ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتىنىڭ شۇجىسى چېن چۈەنگو يىغىنغا قاتنىشىپ ھەم سۆز قىلىپ، ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتى ۋە ھۆكۈمەتكە ۋاكالىتەن تەقدىرلەنگەن ئەمگەك نەمۇنىچىلىرى ۋە ئىلغار خىزمەتچىلەرنى قىزغىن تەبرىكلىدى، شىنجاڭنىڭ مۇقىملىقى، تەرەققىياتىدىكى تۈرلۈك ئىشلارغا گەۋدىلىك تۆھپە قوشقان پۈتۈن ئاپتونوم رايوندىكى ئىشچىلار سىنىپى ۋە ھەر مىللەت ئەمگەكچى ئاممىغا سەمىمىي سالام يوللىدى.

ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى، ئاپتونوم رايوننىڭ رەئىسى شۆھرەت زاكىر يىغىنغا رىياسەتچىلىك قىلدى. ئاپتونوم رايون رەھبەرلىرىدىن شەۋكەت ئىمىن، نۇرلان ئەبىلمەجىن، لى پېڭشىن يىغىنغا قاتناشتى.

سائەت 11دە يىغىن باشلاندى، ھەممەيلەن ئورنىدىن تۇرۇپ، جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ دۆلەت شېئىرىنى ئۈنلۈك ئېيتتى. ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى لى پېڭشىن «ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتى، ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ ئاپتونوم رايونلۇق ئەمگەك نەمۇنىچىلىرى ۋە ئىلغار خىزمەتچىلەرنى تەقدىرلەش توغرىسىدىكى قارارى»نى ئوقۇدى. چېن چۈەنگو، شۆھرەت زاكىر قاتارلىقلار تەقدىرلەنگەن ئاپتونوم رايونلۇق ئەمگەك نەمۇنىچىلىرى ۋە ئىلغار خىزمەتچىلەر ۋەكىللىرىگە شەرەپ گۇۋاھنامىسى تارقىتىپ بەردى.

جۇڭگو نېفىت گۇرۇھى شىنجاڭ نېفىتلىك شۆبە شىركىتى نېفىت ئېلىش 2-زاۋۇتى 5-نېفىت ئېلىش مەشغۇلات رايونى چېن چىلياڭ بەنىنىڭ بەنجاڭى چېن چىلياڭ ئاپتونوم رايونلۇق ئەمگەك نەمۇنىچىلىرى ۋە ئىلغار خىزمەتچىلەرگە ۋاكالىتەن تەشەببۇسنامە ئوقۇپ، پۈتۈن ئاپتونوم رايوندىكى ئىشچىلار سىنىپى ۋە ھەر مىللەت ئەمگەكچى ئاممىغا شى جىنپىڭنىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسىنى ئۆگىنىپ ئەمەلىيەتتە كۆرسىتىدىغان باشلامچىلار، جەمئىيەت مۇقىملىقىنى قوغدايدىغان قوغدىغۇچىلار، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىنى ئىلگىرى سۈرىدىغان نەمۇنىچىلار، يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتقا تۈرتكە بولىدىغان كۈرەش قىلغۇچىلاردىن بولۇشنى تەشەببۇس قىلدى.

چېن چۈەنگو سۆزىدە مۇنۇلارنى كۆرسەتتى: باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ مەملىكەتلىك ئەمگەك نەمۇنىچىلىرى ۋە ئىلغار خىزمەتچىلەرنى تەقدىرلەش يىغىنىدا قىلغان مۇھىم سۆزى پۈتۈن پارتىيە، پۈتۈن مەملىكەتتىكى ھەر مىللەت خەلقنى ئەمگەك نەمۇنىچىلىرى روھىنى زور كۈچ بىلەن ئەۋج ئالدۇرۇپ، ئومۇميۈزلۈك سوتسىيالىستىك زامانىۋىلاشقان دۆلەت قۇرۇش، جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئۇلۇغ گۈللىنىشىدىن ئىبارەت جۇڭگو ئارزۇسىنى ئىشقا ئاشۇرۇش ئۈچۈن بوشاشماي كۈرەش قىلىشقا ئىلھاملاندۇرۇش ۋە رىغبەتلەندۈرۈشتە ئىنتايىن مۇھىم ئەھمىيەتكە ئىگە. «تۆت ئاڭ»نى كۈچەيتىپ، «تۆت ئىشەنچ»نى چىڭىتىپ، «ئىككىنى قوغداش»نى ئىشقا ئاشۇرۇپ، قەتئىي تۈردە ئىدىيە ۋە ھەرىكەتنى باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ مۇھىم سۆزىنىڭ روھىغا بىرلىككە كەلتۈرۈپ، پارتىيە 19-قۇرۇلتىيى ۋە 19-نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتى 2-، 3-، 4-، 5-ئومۇمىي يىغىنىنىڭ روھىنى چوڭقۇر ئىزچىللاشتۇرۇپ، مەركەز ئىقتىساد خىزمىتى يىغىنى ۋە 3-قېتىملىق مەركەز شىنجاڭ خىزمىتى سۆھبەت يىغىنىنىڭ روھىنى ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، ئەمگەك نەمۇنىچىلىرى ۋە ئىلغار خىزمەتچىلەرنىڭ رىغبەتلەندۈرۈش، تۈرتكە بولۇش رولىنى ياخشى جارى قىلدۇرۇپ، يېڭى دەۋردىكى جۇڭگوچە سوتسىيالىستىك شىنجاڭ قۇرۇپ چىقىشنىڭ قۇدرەتلىك كۈچىنى مۇجەسسەملەش كېرەك.

چېن چۈەنگو مۇنۇلارنى كۆرسەتتى: كەڭ ئەمگەك نەمۇنىچىلىرى ۋە ئىلغار خىزمەتچىلەر ئەقىل - پاراسىتى ۋە جاپالىق ئەجرى بىلەن ئەمگەك شەرەپلىك، بىلىم يۈكسەك، ئىختىساسلىقلار قىممەتلىك، ئىجاد قىلىش ئۇلۇغ دەيدىغان جەمئىيەت كەيپىياتىنى يېتەكلەپ، «جۇڭگو ئارزۇسى. ئەمگەك گۈزەل»نىڭ يېڭى سەھىپىسىنى پۈتتى، ئۇلار يېڭى دەۋردىكى ئەڭ سۆيۈملۈك كىشىلەر، يېڭى دەۋردىكى ئەڭ گۈزەل كۈرەش قىلغۇچىلار. تەقدىرلەنگەن ئەمگەك نەمۇنىچىلىرى ۋە ئىلغار خىزمەتچىلەرنىڭ ئەسلىي مەقسەتنى ئۇنتۇماي، بۇرچنى ئەستە چىڭ ساقلاپ، باشلامچىلىق بىلەن ئۆگىنىشنى كۈچەيتىپ، تىرىشىپ «ئىككىنى قوغداش»نى ئەمەلىيەتتە كۆرسىتىدىغان كۈرەش قىلغۇچىلاردىن بولۇشىنى، باشلامچىلىق بىلەن ئىسلاھ قىلىپ يېڭىلىق يارىتىپ، تىرىشىپ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتقا تۈرتكە بولىدىغان كۈرەش قىلغۇچىلاردىن بولۇشىنى، باشلامچىلىق بىلەن خەلق تۇرمۇشىنى ياخشىلاپ، تىرىشىپ ھەر مىللەت ئاممىنىڭ بەخت - سائادىتىنى ئاشۇرىدىغان كۈرەش قىلغۇچىلاردىن بولۇشىنى، باشلامچىلىق بىلەن مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىنى مۇستەھكەملەپ، تىرىشىپ ھەرقايسى مىللەتلەرنىڭ ئالاقىلىشىشى، ئالماشتۇرۇشى، يۇغۇرۇلۇشىنى ئىلگىرى سۈرىدىغان كۈرەش قىلغۇچىلاردىن بولۇشىنى، باشلامچىلىق بىلەن جەمئىيەت مۇقىملىقىنى قوغداپ، تىرىشىپ تىنچ-ئامان شىنجاڭ قۇرۇپ چىقىدىغان كۈرەش قىلغۇچىلاردىن بولۇشىنى، باشلامچىلىق بىلەن ئىلغار روھنى ئەۋج ئالدۇرۇپ، تىرىشىپ زامانىۋى مەدەنىيلىك بەرپا قىلىدىغان كۈرەش قىلغۇچىلاردىن بولۇشىنى ئۈمىد قىلىمەن.

چېن چۈەنگو مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: شى جىنپىڭنىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسىنى يېتەكچى قىلىشتا چىڭ تۇرۇپ، ئەمگەك نەمۇنىچىلىرى روھى، ئەمگەك روھى، ھۈنەرۋەن روھىنى زور كۈچ بىلەن ئەۋج ئالدۇرۇپ، ئاپتونوم رايونىمىزدىكى ئىشچىلار سىنىپى ۋە ھەر مىللەت ئەمگەكچى ئاممىنىڭ ئاساسىي قوشۇنلۇق رولىنى تېخىمۇ ياخشى جارى قىلدۇرۇپ، جاسارەت بىلەن يېڭى دەۋردىكى شىنجاڭ خىزمىتىدە يېڭى ۋەزىيەت يارىتىش كېرەك. تىرىشىپ يۇقىرى ساپالىق ئەمگەكچىلەر زور قوشۇنىنى يېتىشتۈرۈپ، غايە-ئېتىقاد تەربىيەسىنى چوڭقۇر قانات يايدۇرۇپ، ماھارەتلىك ئىختىساسلىقلارنى يېتىشتۈرۈشنى كۈچەيتىپ، زامانىۋى كەسپىي مائارىپنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، ئىشچى-خىزمەتچىلەر قوشۇنىنىڭ ئىدىيە-ئەخلاق ساپاسى ۋە پەن-مەدەنىيەت ساپاسىنى ئۈزلۈكسىز ئۆستۈرۈش كېرەك. ھەر مىللەت ئەمگەكچى ئاممىنىڭ قانۇنلۇق ھوقۇق-مەنپەئىتىنى ھەقىقىي قوغداپ، خەلق مەركەز قىلىنغان تەرەققىيات ئىدىيەسىدە چىڭ تۇرۇپ، ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇشنى ئالدىنقى ئورۇنغا قويۇش ئىستراتېگىيەسىدە چىڭ تۇرۇپ، قىيىنچىلىقى بار ئاممىغا ياردەم بېرىش-يۆلەش خىزمەت مېخانىزمىنى ئورنىتىپ، تاكامۇللاشتۇرۇپ، پارتىيە، ھۆكۈمەت يېتەكچىلىكىدىكى ھوقۇقنى قوغداش مۇلازىمەت مېخانىزمىنى تاكامۇللاشتۇرۇپ، ئىشچىلار سىنىپى ۋە ھەر مىللەت ئەمگەكچى ئاممىنىڭ ئېرىشىش تۇيغۇسى، بەخت تۇيغۇسى، بىخەتەرلىك تۇيغۇسىنى ئۈزلۈكسىز ئۆستۈرۈش كېرەك. ئەمگەكنى قەدىرلەيدىغان ياخشى كەيپىياتنى زور كۈچ بىلەن يارىتىپ، ئەمگەك نەمۇنىچىلىرىنى ھۆرمەتلەپ، ئەمگەك نەمۇنىچىلىرىغا كۆيۈنۈپ، ئەمگەك تەربىيەسىنى كۈچەيتىپ، ئەمگەك نەمۇنىچىلىرى روھىنى ئەۋج ئالدۇرۇپ، ئەمگەكنى قەدىرلەپ، ئەخلاقلىق كىشىلەردىن ئۆگىنىپ، ئەمگەك ئەڭ شەرەپلىك، ئەمگەك ئەڭ يۈكسەك، ئەمگەك ئەڭ ئۇلۇغ، ئەمگەك ئەڭ گۈزەل دەپ بىلىشنى ئومۇمىي كەيپىياتقا ئايلاندۇرۇش كېرەك. ھەر دەرىجىلىك ئىشچىلار ئۇيۇشمىلىرىنىڭ مۇھىم رولىنى تولۇق جارى قىلدۇرۇپ، ئىشچى-خىزمەتچىلەر ئاممىسىغا سەمىمىي مۇلازىمەت قىلىپ، ئۇلارنى كەڭ دائىرىدە ئۇيۇشتۇرۇپ، ئۆز قۇرۇلۇشىنى يەنىمۇ كۈچەيتىپ، ئىقتىدار سەۋىيەسىنى ئۆستۈرۈپ، ھەقىقىي تۈردە كەڭ ئىشچى-خىزمەتچىلەر ئاممىسىنى پارتىيە ۋە ھۆكۈمەت ئەتراپىغا ئىتتىپاقلاشتۇرۇش كېرەك. پارتىيەنىڭ ئىشچىلار ئۇيۇشمىسى خىزمىتىگە بولغان رەھبەرلىكىنى ئۈزلۈكسىز كۈچەيتىپ، جان-دىل بىلەن ئىشچىلار سىنىپىغا تايىنىش فاڭجېنىنى ئەستايىدىل ئىزچىللاشتۇرۇپ، مەدەت بېرىش، كاپالەتلەندۈرۈش سالمىقىنى زورايتىپ، ئىشچىلار ئۇيۇشمىسىنىڭ ۋەزىپە-مەسئۇلىيىتىنى ئادا قىلىشى، رولىنى جارى قىلدۇرۇشى ئۈچۈن پايدىلىق شارائىت يارىتىپ بېرىش كېرەك.

شۆھرەت زاكىر مۇنداق كۆرسەتتى: ھەرقايسى جايلار، ھەرقايسى تارماقلار يېڭى دەۋردىكى پارتىيەنىڭ شىنجاڭنى ئىدارە قىلىش تەدبىرىنى ئومۇميۈزلۈك ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئاپتونوم رايونىمىزدىكى ئىشچىلار سىنىپى ۋە ھەر مىللەت ئەمگەكچى ئاممىنىڭ ئاكتىپچانلىقى، تەشەببۇسكارلىقى ۋە ئىجادچانلىقىنى تولۇق ئۇرغۇتۇپ ۋە قوزغاپ، پۈتۈن جەمئىيەتتە ئەمگەك نەمۇنىچىلىرى روھى، ئەمگەك روھى، ھۈنەرۋەن روھىنى ئەۋج ئالدۇرۇپ، ئەمگەكنى ھۆرمەتلەيدىغان، بىلىمنى ھۆرمەتلەيدىغان، ئىختىساسلىقلارنى ھۆرمەتلەيدىغان، ئىجادىيەتنى ھۆرمەتلەيدىغان جەمئىيەت كەيپىياتىنى زور كۈچ بىلەن يارىتىپ، بىلىم تىپىدىكى، ماھارەت تىپىدىكى، يېڭىلىق يارىتىش تىپىدىكى ئىختىساسلىقلارنىڭ ئىقتىساد، جەمئىيەت تەرەققىياتىدىكى مۇھىم رولىنى تولۇق جارى قىلدۇرۇپ، جاسارەت بىلەن شىنجاڭ خىزمىتىدە يېڭى ۋەزىيەت يارىتىپ، تىرىشىپ يېڭى دەۋردىكى جۇڭگوچە سوتسىيالىستىك شىنجاڭ قۇرۇپ چىقىشى كېرەك.

يىغىن تېلېۋىزىيە-تېلېفون يىغىنى شەكلىدە ئېچىلدى. شۈ خەيرۇڭ، لى يىفېي، سارقىت ئاقان، ياڭ شىن، جاڭ چۇنلىن، ۋاڭ مىڭشەن، ۋاڭ يۇڭمىڭ، جاۋ چىڭ، كۇڭ شىڭلۇڭ، ئىلھام سابىر قاتارلىقلار يىغىنغا قاتناشتى. ئاپتونوم رايون (مەركەز)غا بىۋاسىتە قاراشلىق ئالاقىدار تارماقلار، ھەرقايسى ۋىلايەت، ئوبلاست، شەھەرلەردىكى ۋە بىڭتۇەن ئورگىنى، ھەرقايسى شى، شەھەرلەردىكى ئالاقىدار مەسئۇل يولداشلار، 2020-يىللىق ئاپتونوم رايونلۇق ئەمگەك نەمۇنىچىلىرى ۋە ئىلغار خىزمەتچىلەر قاتارلىقلار يىغىنغا قاتناشتى.

مەسئۇل مۇھەررىر : قۇربانجان قېيۇم

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.