تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   مىللەتلەر ئىتتىپاقلىشىپ بىر ئائىلە كىشىلىرىدەك بولۇش

غۇلجا شەھىرى: مەھەللىدىكى «جۇۋاۋا زىياپىتى» ياشانغانلارغا ئىللىقلىق يەتكۈزدى

  تىيانشان تورى خەۋىرى: كونىلاردا «قىشلىق كۈن توختاش كۈنىدە جۇۋاۋا يېمىسە، قۇلاق توڭلاپ قالىدۇ» دېگەن گەپ بار، قىشلىق كۈن توختاش كۈنىدە جۇۋاۋا يېيىش جۇڭگونىڭ ئەنئەنىۋى ئادىتى. 12 ـ ئاينىڭ 21 ـ كۈنى چۈشتىن بۇرۇن، غۇلجا شەھىرى ھەرەمباغ مەھەللە ئىش باشقارمىسى بېييۈەن مەھەللىسى «قىشلىق كۈن توختاش كۈنىدە ئىللىقلىق يەتكۈزۈپ، ياشانغانلار قەلبىنى ئىللىتىش» جۇۋاۋا تۈگۈش پائالىيىتى ئۆتكۈزدى ھەم تۈركۈمگە بۆلۈپ تەۋەلىكتىكى ئىگە ـ چاقىسىز ياشانغانلارنى «جۇۋاۋا زىياپىتى»گە ئېغىز تېگىشكە تەكلىپ قىلىپ، تېخىمۇ كۆپ ياشانغانلارنى ئىللىق كوللېكتىپ ئىچىدە ئەنئەنىۋى بايرامنى ئۆتكۈزۈش ئىمكانىيىتىگە ئىگە قىلدى.

  بۇ قېتىم ئۆتكۈزۈلگەن قىشلىق كۈن توختاش كۈنىنى كۈتۈۋېلىش «جۇۋاۋا زىياپىتى» ئاھالىلەرگە ئەنئەنىۋى بايرام ئۆرپ-ئادىتىنى ھېس قىلدۇرۇپ، مەھەللىنىڭ مېھىر-شەپقىتىنى ھېس قىلدۇرۇپلا قالماي، يەنە قوشنىلار ئارىسىدىكى ھېسسىياتنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، قوشنىلار ئارىسىدىكى مۇناسىۋەتنى يېقىنلاشتۇردى، قوشنىلار ئارىسىدىكى مېھىر-مۇھەببەت ئىسسىق جۇۋاۋا ئىچىدە ئۈزلۈكسىز يەتكۈزۈلدى.

  بېييۈەن مەھەللىسىنىڭ كادىرى جاڭ يايا مۇنداق دېدى: «ئۆيۈم بۇ يەردە ئەمەس، ئادەتتىمۇ ئۆزۈم يالغۇز ئىشقا بېرىپ ـ كېلەتتىم، مەھەللىدە چوڭ ئائىلىنىڭ ئىللىقلىقىنى ھېس قىلدىم، مەن ئاھالىلەرگە تېخىمۇ ياخشى مۇلازىمەت قىلىمەن».

  (ماقالىنى غۇلجا شەھەرلىك يۇغۇرما تاراتقۇ مەركىزىنىڭ مۇخبىرى لى جاڭكاڭ تەمىنلىگەن)

مەسئۇل مۇھەررىر : ياقۇپجان تۇرسۇن

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ يېڭى تاراتقۇلار مەركىزىگە تەۋە، ھەرقايسى تاراتقۇلار كۆچۈرۈپ تارقاتقاندا « تىيانشان تورى » دەپ مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىشى كېرەك، بولمىسا قانۇنىي جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ.

  • ئىش ئورنىدا چىڭ تۇرۇپ، توك بىلەن تەمىنلەشكە كاپالەتلىك قىلىش
  • قەشقەر قەدىمىي شەھىرى مەنزىرە رايونى: ساياھەتچىلەر خۇشال كېلىپ، خۇشال قايتتى
  • چاغانلىق پۇراق