شىنخۇا تورى خەۋىرى: 3–قېتىملىق مەركەز شىنجاڭ خىزمىتى سۆھبەت يىغىنى ۋە شەندۇڭ پارتىيە، ھۆكۈمەت ۋەكىللەر ئۆمىكىنىڭ بىڭتۇەننى كۆزدىن كەچۈرگەندە بەرگەن يوليورۇقىنىڭ روھىنى يەنىمۇ ئىزچىللاشتۇرۇپ ۋە ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، 12 ـ شىدىكى ئوتتۇرا، باشلانغۇچ مەكتەپ ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ كەسپىي ساپاسىنى ئاشۇرۇپ، ئوتتۇرا، باشلانغۇچ مەكتەپلەرنىڭ ئوقۇتۇش سۈپىتىنى ئۆستۈرۈپ، شەندۇڭنىڭ مائارىپ بايلىقى ئەۋزەللىكىنى تولۇق جارى قىلدۇرۇش ئۈچۈن، 12 ـ ئاينىڭ 11 ـ كۈنىدىن 17 ـ كۈنىگىچە، شەندۇڭنىڭ بىڭتۇنگە ياردەمگە كەلگەن كادىرلارنى باشقۇرۇش گۇرۇپپىسى شەندۇڭ مائارىپ نازارىتى، 12 ـ شى مائارىپ ئىدارىسى بىلەن بىرلىشىپ، چىلۇ داڭلىق ئوقۇتقۇچىلار 12 ـ شىسىغا ئوقۇتۇش يەتكۈزۈش، لېكسىيە سۆزلەشكە ئەۋەتىش پائالىيىتىنى قانات يايدۇرۇپ، شىنجاڭنىڭ مائارىپ ساھەسىدە بىر مەھەل «چىلۇ شامىلى»نى ئەۋج ئالدۇردى.
12 ـ ئاينىڭ 11 ـ كۈنى، شەندۇڭ ئۆلكىلىك مائارىپ نازارىتىنىڭ 2 ـ دەرىجىلىك كۆزەتكۈچىسى ليۇ جۈنسەينىڭ ئۆمەك باشلىشى بىلەن، تەجرىبىسى مول، ئوقۇتۇش سەۋىيەسى يۇقىرى بولغان چىلۇ داڭلىق ئوقۇتقۇچىسىدىن 19 كىشى بىڭتۇەن 12 ـ شىسىغا بېرىپ، يەتتە ئوتتۇرا، باشلانغۇچ مەكتەپكە بۆلۈنۈپ، ئوخشاش دەرستە ئوخشىمىغان قۇرۇلمىلىق ئوقۇتۇش كۆرگەزمىسى ئۆتكۈزدى، ئوقۇتۇش تەتقىقاتى بىلەن ھەمكارلاشتى ھەم باش تېمىدا دوكلات بەردى. پۈتكۈل پائالىيەت جەريانىدا 12 ـ شى مائارىپ ئىدارىسى تەمىنلىگەن بىۋاسىتە كۆرسىتىش ئىككىلىك كودى ئارقىلىق، ماس قەدەمدە تور ئۇسۇلىدا، 12 ـ شىدىكى 12 ئوتتۇرا، باشلانغۇچ مەكتەپ ۋە شەندۇڭنىڭ شىنجاڭغا ياردەم بېرىۋاتقان قەشقەر تۆت ناھىيە مەكتەپ ئوقۇتقۇچىلىرىغا ماس قەدەمدە ئېچىۋېتىلىپ، پائالىيەتتە ئۇچۇر تېخنىكىسى ۋاسىتىسىدىن تولۇق پايدىلىنىپ، 12 ـ شىنىڭ «ئالاقە تورى مائارىپى ئارقىلىق شىنجاڭغا ياردەم بېرىش سىستېمىسى قۇرۇلۇشىدا ھەمكارلىشىپ يېڭىلىق يارىتىش تەتقىقاتى» تېمىسىدىكى تەتقىقات نەتىجىلىرى نامايان قىلىندى. داڭلىق ئوقۇتقۇچىلار ئوقۇتۇش يەتكۈزۈش مەزگىلىدە توردا ئېكسكۇرسىيە قىلغانلار 600 مىڭ ئادەم (قېتىم) دىن ئېشىپ، كەڭ جەمئىيەت تەسىرى پەيدا بولدى.
شەندۇڭ خېزېدىن كەلگەن چىلۇ داڭلىق ئوقۇتقۇچىسى ۋېي جىنجۈن مۇنداق دېدى: «بىڭتۇەن 12 ـ شىسىغا كېلىپ ئوقۇتۇش يەتكۈزۈش پائالىيىتىگە قاتناشقانلىقىمدىن ناھايىتى شەرەپ ھېس قىلىمەن. بىر تەرەپتىن، شەندۇڭنىڭ مائارىپ ئىدىيەسى ۋە ئوقۇتۇش ئۇسۇلىنى بۇ يەرگە ئېلىپ كەلگىلى، يەنە بىر تەرەپتىن، شىنجاڭ خاسلىقىدىكى ئوقۇتۇش ئەندىزىسىنى ئۆگەنگىلى بولىدۇ. شەندۇڭ-بىڭتۇەن ئوقۇتقۇچىلىرى دەرسخانا ئىچى ـ سىرتىدا پىكىر ئالماشتۇرۇپ، تەڭ بەھرىلىنىپ، تەڭ ئىلگىرىلەپ، دوستلۇق گۈللىرىنى شەندۇڭ زېمىنىدا پورەكلەپ ئېچىلدۇردى».
2020 ـ يىلىدىن بۇيان، شەندۇڭ مائارىپ ئارقىلىق بىڭتۇەنگە ياردەم بېرىش خىزمىتى پارتىيە 19 ـ نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتى 5 ـ ئومۇمىي يىغىنى ۋە 3– قېتىملىق مەركەز شىنجاڭ خىزمىتى سۆھبەت يىغىنىنىڭ روھىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، شىنجاڭنى مەدەنىيەت ئارقىلىق ئوزۇقلاندۇرۇشنى چۆرىدەپ، مەۋقەنى ئىختىساسلىقلار ئارقىلىق شىنجاڭغا ياردەم بېرىشكە قويۇپ، «ئۆمەك تەشكىللەش شەكلى»دە ياردەم بېرىش سالمىقىنى ئاشۇرۇپ، 57 ئوقۇتقۇچىنى 12 ـ شىغا مائارىپقا ياردەم بېرىشكە تاللاپ، تۇنجى قېتىم چۈفۇ پېداگوگىكا داشۆسىدىن 25 ئاسپىرانتنى پىراكتىكا قىلىپ مائارىپقا ياردەم بېرىشكە ئەۋەتتى. «كىرگۈزۈش، چىقىرىش» ئۇسۇلىنى قوللىنىپ، شەندۇڭ مائارىپىدىكى 43 داڭلىق ئوقۇتقۇچى، داڭلىق مەكتەپ مۇدىرى ۋە كۇڭزى تەلىماتى مەنتىقىچىلىرىنى 12 ـ شىغا ئوقۇتۇش يەتكۈزۈشكە تەكلىپ قىلىپ، مائارىپ، ئوقۇتۇش تەجرىبىلىرىنى ئالماشتۇرۇپ، جۇڭخۇا مۇنەۋۋەر ئەنئەنىۋى مەدەنىيىتىنى تارقىتىپ، شەندۇڭ بىلەن شىنجاڭنىڭ ئالاقىلىشىشى، ئارىلىشىشىنى ئىلگىرى سۈردى. 12 ـ شىدىكى 30 تايانچ ئوقۇتقۇچى ۋە باشقۇرغۇچى خادىمنى شەندۇڭغا تەربىيەلىنىشكە ئەۋەتىپ، ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت، قىزىل مەدەنىيەت ۋە ئوقۇش ـ ئوقۇتۇش نەزەرىيە تەربىيەسىنى سىستېمىلىق قوبۇل قىلىپ، بىڭتۇەن ئوقۇتقۇچىلار قوشۇنىنىڭ ساپاسىنى ئومۇميۈزلۈك ئۆستۈرۈشكە ياردەم بەردى. (خۇ خاڭ)