تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   شىنجاڭ

شىنجاڭنىڭ كېۋەز تېرىقچىلىق پاتېنت تېخنىكىسى «ئافرىقا يېڭىلىق يارىتىش ھەپتىلىكى»دە كەشپىيات ئالتۇن مۇكاپاتىغا ئېرىشتى

كۆپ تۈرلۈك تېخنىكا خەلقئارادىكى ئىلغار سەۋىيەگە يەتتى

شىنجاڭ گېزىتى پۈتۈن تاراتقۇ مۇخبىرى ۋاڭ يۇڭفېينىڭ شىنجاڭ يېزا ئىگىلىك پەنلەر ئاكادېمىيەسىدىن ئىگىلىشىچە، 12 - ئاينىڭ 19 - كۈنى يېپىلغان 5 - نۆۋەتلىك ماراكەش «ئافرىقا يېڭىلىق يارىتىش ھەپتىلىكى» خەلقئارا سالونىدىن خۇش خەۋەر كېلىپ، شىنجاڭ يېزا ئىگىلىك پەنلەر ئاكادېمىيەسى ئىقتىسادىي زىرائەت تەتقىقات ئورنى يوللىغان «بوستانلىقتا پاختىنى يۇقىرى ھوسۇللۇق، يۇقىرى ئۈنۈملۈك ئىشلەپچىقىرىشتىكى ئاچقۇچلۇق تېخنىكىدا يېڭىلىق يارىتىش ۋە ئۇنى قوللىنىش» نەتىجىسى كەشپىيات ئالتۇن مۇكاپاتىغا ئېرىشكەن. بۇ نەتىجە بوستانلىقتا پاختىنى يۇقىرى ھوسۇللۇق، يۇقىرى ئۈنۈملۈك ئىشلەپچىقىرىشنىڭ كۆپ ھالقىسىدىكى ئاچقۇچلۇق تېخنىكا قىيىن مەسىلىلىرىنى بىرقەدەر سىستېمىلىق ھەل قىلغان بولۇپ، كۆپ تۈرلۈك تېخنىكا خەلقئارادىكى ئىلغار سەۋىيەگە يەتكەن.

ماراكەش «ئافرىقا يېڭىلىق يارىتىش ھەپتىلىكى» 2016 - يىلى تەسىس قىلىنغان بولۇپ، كەشپىياتچىلار جەمئىيىتى خەلقئارا بىرلەشمىسى قاتارلىق ئاپپاراتلارنىڭ قوللىشىغا ئېرىشكەن. بۇ قېتىم كەشپىيات ئالتۇن مۇكاپاتىغا ئېرىشكەن نەتىجىلەر شىنجاڭ يېزا ئىگىلىك پەنلەر ئاكادېمىيەسى ئىقتىسادىي زىرائەت تەتقىقات ئورنى كېۋەز يېتىشتۈرۈش گۇرۇپپىسىدىكى تيەن لىۋېن كوللېكتىپىنىڭ نۇرغۇن پاتېنت تېخنىكىسىنى تىرەك قىلغان، شۇنىڭ بىلەن بىللە، جۇڭگو يېزا ئىگىلىك پەنلەر ئاكادېمىيەسى، خۇاجۇڭ يېزا ئىگىلىك داشۆسى قاتارلىق ئورۇنلارنىڭ تېخنىكىلىرىنى قوبۇل قىلغان. بىرىنچى كەشپىياتچى بولۇش سۈپىتى بىلەن، 5 - نۆۋەتلىك ماراكەش «ئافرىقا يېڭىلىق يارىتىش ھەپتىلىكى»دە تيەن لىۋېنغا يەنە «يېڭىلىق يارىتىش ئۇستىسى» دېگەن شەرەپلىك نام بېرىلدى.

جۇڭگو يېزا ئىگىلىك پەنلەر ئاكادېمىيەسى كېۋەز تەتقىقات ئورنىنىڭ دۆلەت كېۋەز يېتىشتۈرۈش باش مۇتەخەسسىسى ماۋ شۇچۇننىڭ تونۇشتۇرۇشىچە، «بوستانلىقتا پاختىنى يۇقىرى ھوسۇللۇق، يۇقىرى ئۈنۈملۈك ئىشلەپچىقىرىشتىكى ئاچقۇچلۇق تېخنىكىدا يېڭىلىق يارىتىش ۋە ئۇنى قوللىنىش» نەتىجىسى كېۋەز ئۇرۇقىنى كۆپەيتىش، تېرىش، سۇ، ئوغۇتنى پىلانلىق ئىشلىتىش، يىغىۋېلىش قاتارلىق ساھەلەرنىڭ ھەممىسىدە بۆسۈش ھاسىل قىلغان بولۇپ، بۇنىڭ ئىچىدە تۈجۈپىلەپ تېرىش، مايسىنى ساقلاش تېخنىكىسىدا بۆسۈش ھاسىل قىلىش ئەڭ قىممەتكە ئىگە ئىكەن. يېرىلىپ كەتكەن ئۇرۇقنى ئۈنۈملۈك تازىلاپ چىقىرىۋەتكىلى بولمىغاچقا، دۆلەت ئىچى، سىرتىدا ئومۇميۈزلۈك بەلگىلەنگەن لاياقەتلىك كېۋەز ئۇرۇقىنىڭ بىخلىنىش نىسبىتىنىڭ تۆۋەن چەك قىممىتى ئاران %80 ئىكەن. بۇ دۇنياۋى قىيىن مەسىلىگە قارىتا، تيەن لىۋېن كوللېكتىپى يېرىلىپ كەتكەن ئۇرۇقنى يۇقىرى ئۈنۈمدە چىقىرىۋېتىش ماشىنا - ئۈسكۈنىسىنى كەشىپ قىلدى، يەنە سورتلۇق ئۇرۇق يېتىشتۈرۈش رايونىنى ئەلالاشتۇرۇش ۋە پىششىقلاپ ئىشلەش ھۈنەر - سەنئەت تەرتىپىدە يېڭىلىق يارىتىش تېخنىكىسىغا ماسلاشتۇرۇپ، ئۇرۇقنىڭ بىخلىنىش نىسبىتىنى %88.0تىن %96.0 كىچە بولغان ئارىلىقتا مۇقىملاشتۇردى. بۇ تېخنىكىلار دۆلەت ئىچى، سىرتىدا تۈجۈپىلەپ تېرىش تېخنىكىسىنىڭ كۆپىنچە ماشىنىسازلىق لايىھەسى بىلەن چەكلىنىپ قېلىپ، يۇقىرى سۈپەتلىك ئۇرۇق ئىشلەپچىقىرىش ۋە دېھقانچىلىق تېخنىكىسىنى يۈرۈشلەشتۈرۈشكە سەل قاراش ۋەزىيىتىنى بۇزۇپ تاشلاپ، بىخلىنىش نىسبىتىنى ئۆستۈرۈپلا قالماي، يەنە كېۋەزلىكتە مايسا ساقلاش نىسبىتىنى %85.1تىن %92.2كىچە يەتكۈزۈشكە ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىپ، ئەتراپتىكى سېلىشتۇرما كېۋەزلىكتە مايسا ساقلاش نىسبىتىگە سېلىشتۇرغاندا ئوتتۇرىچە 10.5 پىرسەنت پوئېنت ئاشۇردى. «بۇ <بىر تۆشۈككە بىر تال ئۇرۇق سېلىش> تەك كېۋەزنى تۈجۈپىلەپ تېرىش تېخنىكىسىنىڭ شىنجاڭدا كەڭ كۆلەمدە ئومۇملاشتۇرۇلۇشىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، ئىلگىرىكى <بىر تۆشۈككە كۆپ ئۇرۇق سېلىش> تەك تېرىش ئۇسۇلىغا سېلىشتۇرغاندا، ماددىي كۈچ ۋە ئادەم كۈچى تەننەرخىنى ئۈنۈملۈك تۆۋەنلەتتى.» دېدى شىنجاڭ يېزا ئىگىلىك داشۆسىنىڭ دوكتور يېتەكچىسى شۈ ۋېنشيۇ.

بۇ يىل 7 - ئايدا، بۇ كوللېكتىپنىڭ پاتېنت نەتىجىسى «شىنجاڭ پاختىسىنى كەسىپلەشتۈرۈشتىكى يېنىك، ئاددىي، يۇقىرى ئۈنۈملۈك ئاچقۇچلۇق تېخنىكىدا يېڭىلىق يارىتىش ۋە ئۇنى قوللىنىش» ئاپتونوم رايونلۇق تېخنىكا كەشپىيات مۇكاپاتىنىڭ 1 - دەرىجىلىك مۇكاپاتىغا ئېرىشتى. ھازىرغىچە، بۇ كوللېكتىپ 13 تۈرلۈك پاتېنتقا ئېرىشتى، ئىككى تۈرلۈك پاتېنت دۆلەت بىلىم مۈلۈك ھوقۇقى ئىدارىسى تەرىپىدىن «جۇڭگو پاتېنت مۇنەۋۋەر مۇكاپاتى» بولۇپ باھالاندى.

جۇڭگو ئىنژېنېرلىق ئاكادېمىيەسىنىڭ ئاكادېمىكى يۈ شۇشۈن مۇنداق قارىدى: بىر تالدىن ئۇرۇق سېلىنىپ تۈجۈپىلەپ تېرىلغان كېۋەزلىكتە مايسىنى ساقلاپ قېلىشنىڭ يۈرۈشلۈك ئۇسۇلىدىن باشقا، بۇ كوللېكتىپنىڭ پاتېنتى بولغان 300 ئۇرچۇقلۇق ئىنچىكە تالالىق پاختا يىپ ئېگىرىشتە خام ئەشيا قىلىنىدىغان ئورگانىك ئۇزۇن تالالىق پاختا ئىشلەپچىقىرىش ئۇسۇلىمۇ بۆسۈش خاراكتېرلىك ئەھمىيەتكە ئىگە بولۇپ، شىنجاڭدا ئىشلەپچىقىرىلغان خام ئەشيادىنمۇ ئىنچىكە تالالىق 300 ئۇرچۇقلۇق پاختا يىپ ئېگىرگىلى بولىدىغان بولۇپ، ئىلگىرىكى ئىنچىكە تالالىق 300 ئۇرچۇقتىن يۇقىرى پاختا يىپ ئېگىرىشتە پۈتۈنلەي ئىمپورت قىلىنغان ئۇزۇن تالالىق پاختا ئىشلىتىدىغان، يۇقىرى دەرىجىلىك توقۇلما بۇيۇملارنى ئېچىشتا دائىم «گالنى بوغۇدىغان» مەسىلىلەرنى ھەل قىلدى.

مەسئۇل مۇھەررىر : قۇربانجان قېيۇم

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • تاڭ نۇرىدىكى كۈرەش قىلغۇچىلار
  • قەغەز قىيما سەنئىتى مەكتەپلەرگە كىردى ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت ئۇرۇقى قەلبلەرگە تېرىلدى
  • شىنجاڭنىڭ تاغ-دەريالىرى خۇددى سۈرەتتەك| مۇزلار ئېرىپ دەريا يولى ئېچىلدى قايدۇ دەرياسىدىن باھار ھىدى تارقالدى