تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   شىنجاڭ

سودا چەمبىرىكىدە «باشقۇرغۇچى» بار بولدى نۆل ئارىلىقتا مۇلازىمەت قىلىندى

قاراماي شەھىرى بەخت مەھەللىسىدە:

سودا چەمبىرىكىدە «باشقۇرغۇچى» بار بولدى    نۆل ئارىلىقتا مۇلازىمەت قىلىندى

شىنجاڭ گېزىتى پۈتۈن تاراتقۇ مۇخبىرى گې يوۋجۈن، ئىختىيارىي مۇخبىرلار ليۇ خۇڭيەن، ۋاڭ يۈشى

12 - ئاينىڭ 10 - كۈنى چۈشتىن كېيىن، قاراماي شەھىرىنىڭ قاراماي رايونى كوئېنلۇن يولى كوچا باشقارمىسى بەخت مەھەللىسى سودا چەمبىرىكىدە رەخت تىجارىتى قىلىدىغان جاڭ خۇڭبىن خېرىدارلارنى قىزغىن كۈتۈۋالماقتا ئىدى.

بۇ يىل «ئۆكتەبىر» بايرىمىدىن بۇرۇن، جاڭ خۇڭبىن بەخت مەھەللىسى سودا چەمبىرىكىدە دۇكان ئاچماقچى بولدى، لېكىن رەسمىيەتنى قانداق بېجىرىش ئۇنىڭ بېشىنى قاتۇردى. مەھەللە سودا چەمبىرىكىنىڭ «باشقۇرغۇچى» خىزمەتچى خادىملىرى بۇنىڭدىن خەۋەر تاپقاندىن كېيىن، دەرھال ئۇنىڭغا ياردەملىشىپ يېڭى دۇكان ئېچىشتا بېجىرىشكە تېگىشلىك تۈرلۈك رەسمىيەتلەرنى رەتلەپ، كېرەكلىك ماتېرىياللارنى ئېنىق ئىش بېجىرىش كۆرسەتمىسى قىلىپ تۈزۈپ بەردى ھەم مەخسۇس ئادەم ئورۇنلاشتۇرۇپ مۇلازىمەت قىلدى، يېتەكچىلىك قىلدى. بەش كۈن بولمايلا، جاڭ خۇڭبىن بارلىق رەسمىيەتلەرنى ئوڭۇشلۇق بېجىرىپ بولدى.

بۇ يىل كىرگەندىن بۇيان، بەخت مەھەللىسى سودا چەمبىرىكىنىڭ سودىگەرلەر كۆپ، تىجارەت دائىرىسى كەڭ، خادىملار كۆپ يۆتكىلىپ تۇرۇشتەك ئالاھىدىلىكىنى كۆزدە تۇتۇپ، مەھەللە پارتىيە ئەزالىرى - ئامما مۇلازىمەت مەركىزىنى سودا چەمبىرىكى ئىچىدىكى ياڭگۇاڭ قۇرۇلۇش ماتېرىياللىرى بازىرىغا كۆچۈرۈپ كىرىپ، سودا چەمبىرىكى «باشقۇرغۇچى»سى تەسىس قىلىپ، ھۆكۈمەت ئىشلىرى مۇلازىمىتى، قانۇن مۇلازىمىتى ۋە ئۇچۇر مۇلازىمىتىنى قانات يايدۇردى.

بەخت مەھەللىسىنىڭ 1 - شۇجىسى، «ئەلرايىنى بىلىش، ئەلگە نەپ يەتكۈزۈش، ئەلنى مايىل قىلىش»خىزمەت ئەترىتىنىڭ ئەترەت باشلىقى دەي دۇڭ تونۇشتۇرۇپ مۇنداق دېدى: تەۋەلىكىمىزدىكى 714 سودىگەر، 8000 غا يېقىن كەسىپكارنىڭ ئەمەلىي ئېھتىياجىغا بىرلەشتۈرۈپ، سودا چەمبىرىكى «باشقۇرغۇچى»سى سودىگەرلەرنىڭ ئېھتىياجىنى يېتەكچى قىلىپ، ھەر ئايدا سودىگەرلەر ۋەكىللىرىنى قەرەلسىز سۆھبەتكە تەشكىللىدى، ھەم توردا سوئال قەغىزى تارقىتىپ تەكشۈرۈش ۋە چوڭ سانلىق مەلۇماتلارنى تەھلىل قىلىشنى قانات يايدۇرۇپ، مۇلازىمەتتە ساقلانغان مەسىلىلەرنى تېپىپ چىقىپ، قاراتمىلىققا ئىگە ياخشىلاش تەدبىرلىرىنى تۈزۈپ، سودىگەرلەرنىڭ قىيىنچىلىقى، ئىلتىماس - تەلىپىنى ھەل قىلىشىغا ياردەم بەردى.

كونكرېت مەشغۇلات جەريانىدا، سودا چەمبىرىكى «باشقۇرغۇچى»سى مەھەللىگە «ئەلرايىنى بىلىش، ئەلگە نەپ يەتكۈزۈش، ئەلنى مايىل قىلىش»خىزمەت ئەترىتى ئەۋەتكەن ئورۇنلار قاراماي شەھەرلىك ھۆكۈمەت ئىشلىرى مۇلازىمىتى ۋە ئاممىۋى بايلىق سودا مەركىزى، شەھەرلىك باش ئىشچىلار ئۇيۇشمىسى قاتارلىق تۆت ئورۇننىڭ فۇنكسىيە ئەۋزەللىكىگە تايىنىپ، ئېھتىياج قېتىم سانى يۇقىرى بولغان 80 تۈرنىڭ تىزىملىكىنى رەتلەپ چىقىپ، 30دىن ئارتۇق مۇلازىمەت ئىش تۈرىنى ھۆكۈمەت ئىشلىرى زالىدا بېجىرىشتىن سودا چەمبىرىكى «باشقۇرغۇچى»سى بېجىرىشكە ئۇزارتتى، 1242 مۇلازىمەت ئىش تۈرىنى توردا بېجىرىشكە ئۇزارتتى.

«بىز سودا چەمبىرىكى <باشقۇرغۇچى>سى ئارقىلىق مۇلازىمەت تىپىدىكى، ئىقتىدار تىپىدىكى پارتىيە تەشكىلاتى قۇرۇلۇشىنى يېتەكچى قىلىپ، پارتىيە ئەزالىرى - ئامما ئورتاق قۇرۇش مەزمۇنىنى ئۈزلۈكسىز بېيىتىپ، جەمئىيەت ئىدارە قىلىش نەتىجىلىرىدىن سودا چەمبىرىكىدىكى كەسىپكارلارنى مەنپەئەتلەندۈرۈشنى ئۈمىد قىلىمىز» دېدى دەي دۇڭ.

بەخت مەھەللىسى يەنە سودا چەمبىرىكى «باشقۇرغۇچى»سىنى تايانچ قىلىپ، تىجارەت - سودا مۇھىتىنى يەنىمۇ ئەلالاشتۇرۇپ، بازارنى نازارەت قىلىش - باشقۇرۇش ئورنى، بانكا قاتارلىق ئورۇنلار بىلەن بىرلىشىپ، تەۋەلىكىدىكى ئوتتۇرا، كىچىك، ئۇششاق كارخانىلار ھەم يەككە سودا - سانائەتچىلەرنى پۇل مۇئامىلە مۇلازىمىتى بىلەن قوللىدى، تەۋەلىكىدىكى سودىگەرلەر يېقىن ئەتراپتىلا سودا چەمبىرىكى «باشقۇرغۇچى»سىدىن مەسلىھەت سورىيالايدۇ ھەم ئىشنى، ئىشلەپچىقىرىشنى ئەسلىگە كەلتۈرۈش، باجنى كېمەيتىش، ھەقنى تۆۋەنلىتىش ھەم ياردەم ئۆسۈملۈك قەرز پۇل قاتارلىق ئېتىبار بېرىش سىياسەتلىرىدىن بەھرىمەن بولالايدۇ. سودا چەمبىرىكى «باشقۇرغۇچى»سى تەسىس قىلىنغاندىن بۇيان، جەمئىي 370 سودىگەرنىڭ 3 مىليون 55 مىڭ 200 يۈەن ئۆي ئىجارىسىنى كېمەيتتى، كەچۈرۈم قىلدى، 94 كىچىك، ئۇششاق كارخانا ۋە سودىگەرنىڭ 7 مىليون 520 مىڭ يۈەن ياردەم ئۆسۈملۈك قەرز پۇل بېجىرىشىگە ياردەم بەردى.

بۇ يىل سودا چەمبىرىكى «باشقۇرغۇچى»سى يەنە قانۇندىن مەسلىھەت بېرىش مۇلازىمەت كۆزنىكى تەسىس قىلىپ، سودىگەرلەر ۋە ئاھالىلەرنى قانۇندىن مەسلىھەت بېرىش مۇلازىمىتى بىلەن تەمىنلىدى، سودىگەرلەرگە باجنى كېمەيتىش، ھەقنى تۆۋەنلىتىش قاتارلىق ئالاقىدار ئېتىبار بېرىش سىياسەتلىرىنى تەشۋىق قىلدى. ھازىرغىچە، سودا چەمبىرىكى «باشقۇرغۇچى»سى سودىگەرلەر ئۈچۈن توختام ماجىراسى، ئەمگەكچى ئىشلىتىش زىددىيىتى، مال - مۈلۈككە ۋارىسلىق قىلىش، ئائىلە مەسىلىسىدىن مەسلىھەت بېرىش قاتارلىق جەھەتلەردىكى جەمئىي 50 قېتىمدىن ئارتۇق مەسىلىنى ھەل قىلىپ بېرىپ، ئاممىنىڭ ناھايىتى ياخشى باھاسىغا ئېرىشتى.

«قىيىنچىلىق بولسا سودا چەمبىرىكى <باشقۇرغۇچى>»سىنى ئىزدەيمىز.» بەخت مەھەللىسىدىكى سودىگەر ما جيەنگونىڭ ھاياجانلانغان ھالدا ئېيتىشىچە، ئالدىنقى بىر مەزگىلدە ئۇ سودا چەمبىرىكى «باشقۇرغۇچى»سىنىڭ قانۇندىن مەسلىھەت بېرىش مۇلازىمىتى ئارقىلىق، ئۇزاقتىن بۇيان ئۇنى قىيناۋاتقان بىر ئىقتىساد ماجىراسىنى ھەل قىپتۇ. شۇنىڭدىن كېيىن، سودا چەمبىرىكى «باشقۇرغۇچى»سى تىلغا ئېلىنسىلا، ئۇ باش مالتىقىنى چىقىرىدىغان بوپتۇ.

سودا چەمبىرىكى «باشقۇرغۇچى» سىنىڭ ئالدىغا بېرىپ مۇلازىمەت قىلىشى ئاساسىدا، بەخت مەھەللىسى يەنە مەھەللە «بەختلىك ئائىلە» ۋىيشىن كىچىك پىروگراممىسىنى ئېچىپ، سودا چەمبىرىكى «باشقۇرغۇچى»سىنىڭ مۇلازىمىتىنى ئەمەلىي گەۋدە مۇلازىمىتىدىن ئەقىل - پاراسەت مۇلازىمىتىگە ئۇزارتتى. كىچىك پىروگراممىغا سودا چەمبىرىكىدىكى كەسىپكارلارنىڭ تۇرمۇش مۇلازىمىتى، سودا چەمبىرىكى بىلەن ئاھالىلەر چەمبىرىكى ئۆزئارا ھەمتۈرتكە بولۇش، سودا چەمبىرىكىنىڭ تەمىنلەش - ئېھتىياج ئۇچۇرى قاتارلىق مەزمۇنلار توپلانغان بولۇپ، «سانلىق مەلۇماتنى كۆپرەك يوللاپ، ئاممىنى ئاز قاترىتىش» ئىشقا ئاشۇرۇلۇپ، پارتىيە تەشكىلاتى بىلەن سودىگەرلەر ئوتتۇرىسىدا «قەلبنى تۇتاشتۇرىدىغان كۆۋرۈك» سېلىندى.

مەسئۇل مۇھەررىر : قۇربانجان قېيۇم

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • تاڭ نۇرىدىكى كۈرەش قىلغۇچىلار
  • قەغەز قىيما سەنئىتى مەكتەپلەرگە كىردى ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت ئۇرۇقى قەلبلەرگە تېرىلدى
  • شىنجاڭنىڭ تاغ-دەريالىرى خۇددى سۈرەتتەك| مۇزلار ئېرىپ دەريا يولى ئېچىلدى قايدۇ دەرياسىدىن باھار ھىدى تارقالدى