12-ئاينىڭ 20-كۈنى، قار تېيىلىش ھەۋەسكارلىرى ئۈرۈمچى ۋېيستې قار تېيىلىش مەيدانىدا قار تېيىلماقتا. ھەپتە ئاخىرىدا، شەھەر ئاھالىلىرى بەس-بەستە سىرتلارغا چىقىپ، قار-مۇز تەنھەرىكىتىگە قاتنىشىپ، قار-مۇز ئېلىپ كەلگەن خۇشاللىقتىن قانغۇچە ھۇزۇرلاندى. (شىنجاڭ گېزىتى پۈتۈن تاراتقۇ مۇخبىرى سەي زېڭلې فوتوسى)
12-ئاينىڭ 19-كۈنى، كۇچا شەھىرى بېھىشباغ يېزىسى ئورمانچىلىق مەيدانى كەنتىدىكى بەيياڭلىزەن قار تېيىلىش مەيدانىدىكى قار ئۈستى تۈرلىرى نۇرغۇن ساياھەتچىنى جەلپ قىلدى. (نىياز راخمان فوتوسى)
12-ئاينىڭ 19-كۈنى، ساياھەتچىلەر ئۈرۈمچى ناھىيەسى شۈيشىگۇ بازىرى مياۋئېرگۇ مەنزىرە رايونىدا مەرۋايىتتەك پارقىراپ تۇرغان لۇڭۋاڭ شارقىراتمىسىنى تاماشا قىلماقتا. (جاڭ گۇاڭپىڭ فوتوسى)