تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   ئۈرۈمچى

قاراڭ، ئۈرۈمچى ناھىيەسىدىكى پارنىك بۆلجۈرگەنلىرى پىشتى

  12-ئاينىڭ 19-كۈنى، ئۈرۈمچى ناھىيەسى شۇيشىگۇ بازىرى دامياۋ كەنتىدىكى «نەنسەن ياڭگۇاڭ بۆلجۈرگەن ئۈزۈش بېغى»دا، تېرىقچىلىق ئاھالىسى جوۋ يەن ئەمدىلا ئۈزگەن بۆلجۈرگەنلەرنى كۆرسەتمەكتە. (مۇخبىر چېن يەن فوتوسى)

  12-ئاينىڭ 19-كۈنى، ئۈرۈمچى ناھىيەسى شۇيشىگۇ بازىرى دامياۋ كەنتىدىكى «نەنسەن ياڭگۇاڭ بۆلجۈرگەن ئۈزۈش بېغى»دا، تېرىقچىلىق ئاھالىسى جوۋ يەن شەھەر ئاھالىلىرى توردا زاكاز قىلغان  بۆلجۈرگەنلەرنى ئۈزمەكتە. (مۇخبىر چېن يەن فوتوسى)

  شىنجاڭ تورى خەۋىرى (مۇخبىر گو جۈنگې): ھازىر، ئۈرۈمچى ناھىيەسىدىكى پارنىكلاردا بۆلجۈرگەنلەر قىزاردى. دائىملاشقان يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش-تىزگىنلەش تەدبىرلىرىنى ياخشى ئىشلەش ئالدىنقى شەرتى ئاستىدا، پارنىكقا كىرىپ بۆلجۈرگەن ئۈزۈش تەدرىجىي قىشلىق ساياھەتچىلىكتىكى يېڭى مودىغا ئايلاندى.

  12-ئاينىڭ 19-كۈنى، شەھەر رايونىدىن 30 نەچچە كىلومېتىر يىراقلىقتىكى ئۈرۈمچى ناھىيەسىنىڭ ھاۋاسى ئىللىق، ساپ ئىدى. مۇخبىر تېمپىراتۇرا ئۆلچەش، دېزىنفىكسىيەلەشتىن كېيىن، شۇيشىگۇ بازىرىنىڭ دامياۋ كەنتىدىكى جوۋ يەننىڭ بۆلجۈرگەن پارنىكىغا كىردى.

  ئىللىق پارنىكتا بىر خىل سۇس مەززىلىك پۇراق دىماققا ئۇرۇلۇپ تۇراتتى، قاتار-قاتار ئوخشاپ كەتكەن قىزىل بۆلجۈرگەنلەر كىشىنى مەپتۇن قىلاتتى، ساياھەتچىلەر كىچىك سۇلياۋ سېۋەتلەرنى ئېلىپ ئېتىز قىرىدا يۈرۈپ، مېۋە ئۈزۈش ئېلىپ كەلگەن خۇشاللىقتىن ھۇزۇرلاندى.

  «يېقىن ئەتراپتىكى قار تېيىلىش مەيدانىدا قار تېيىلىپ بولغاندىن كېيىن، بۇ يەردىن ئۆتۈپ كېتىۋېتىپ نۇرغۇن بۆلجۈرگەن پارنىكىنى كۆرۈپ قالدىم، شۇنىڭ بىلەن بالامنى ئېلىپ كېلىپ بۆلجۈرگەن ئۈزدۈم، بۇ بىر قېتىملىق تېپىلغۇسىز ئەمەلىيەت بولدى» دېدى ساياھەتچى جاڭ خاۋ.

  جوۋ يەن ئېتىز قىرىدا بۆلجۈرگەن ئۈزۈۋاتقان ساياھەتچىلەر بىلەن سالاملاشقاچ، ئۇلارغا ماسكىنى ئۆلچەملىك تاقاشنى ئەسكەرتتى.

  «بۇ يىل 11 پارنىكقا بۆلجۈرگەن تېرىدۇق، ئاي بېشىدا بۆلجۈرگەن پىشقاندىن بۇيان، ساياھەتچىلەر بەس-بەستە بۆلجۈرگەن ئۈزۈشكە كەلدى. بىزمۇ ماسكا، دېزىنفېكسىيە سۇيۇقلۇقى، يۇيۇۋېتىش ھاجەتسىز دېزىنفېكسىيەلەش قول يۇيۇش يىلىمى قاتارلىقلارنى تەييارلاپ ساياھەتچىلەرنىڭ ئىشلىتىشىگە بەردۇق.» جوۋ يەن مۇنداق دېدى: ساياھەتچىلەر كۆپ بولغاندا، بىر كۈنلۈك كىرىمىم 3000~4000 يۈەنگە يېتىدۇ.

  قىش كىرگەندىن بۇيان، دائىملاشقان يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش-تىزگىنلەش تەدبىرلىرىنى ياخشى ئىشلەش بىلەن بىللە، ئۈرۈمچى ناھىيەسىنىڭ قار-مۇز ساياھىتى تەدرىجىي ياخشىلاندى. قار-مۇز ساياھىتىگە كەلگەن ساياھەتچىلەر جوۋ يەنگە ئوخشاش تېخىمۇ كۆپ دېھقانلارنى بېيىش پۇرسىتىگە ئىگە قىلدى.

  «قار تېيىلىش مەيدانىغا يېقىن بولۇشتەك جۇغراپىيەلىك ئورۇن ئەۋزەللىكىگە تايىنىپ، كەنت ئەسلىھەلىك يېزا ئىگىلىكىنى زور كۈچ بىلەن راۋاجلاندۇردى، بۆلجۈرگەن پارنىكىدىنلا 50ى بار بولۇپ، تېرىقچىلىق تۈرى ئوندىن ئاشتى. ساياھەتچىلەر قىشتا مېۋە ئۈزۈش خۇشاللىقىنى ھېس قىلىش بىلەن بىللە، كەنت ئاھالىلىرىنىڭ كىرىمىنى ئاشۇرۇشقا ئۈنۈملۈك تۈرتكە بولدى» دېدى دامياۋ كەنتى كەنت ئاھالە كومىتېتىنىڭ مۇدىرى ياڭ جۈنيى.

  دامياۋ كەنتىگە ئانچە يىراق بولمىغان دۇڭۋەن كەنتىدىكى نەچچە ئون پارنىكتا بازارغا سېلىنغان بۆلجۈرگەنلەر ساياھەتچىلەرنىڭ قارشى ئېلىشىغا ئېرىشتى.

  كەنت ئاھالىسى جاڭ شىيىڭ ئائىلىسىنىڭ بۆلجۈرگەن پارنىكىدا بۆلجۈرگەن ئۈزۈۋاتقان ساياھەتچىلەردىن باشقا، يەنە ھەمكارلىق ئۈستىدە سۆھبەتلىشىۋاتقان نۇرغۇن كارخانا مەسئۇللىرىمۇ بار ئىدى.

  «خېرىدارلارنىڭ توپلىشىپ قېلىشىدىن ساقلىنىش ئۈچۈن، ھازىر ئاساسلىقى ئالدىن كېلىشىپ كەلگەن كونا خېرىدارلارنى كۈتۈۋاتىمىز. بۇ ئايدا تۆت، بەش كارخانا بىز بىلەن ھەمكارلىشىپ، ھەرقايسى چوڭ سودا سارىيى ۋە تاللا بازارلىرى، ئاھالىلەر ئولتۇراق رايونى قاتارلىق جايلاردا ئوراپ سېتىشنى پىلانلىدى» دېدى جاڭ شىيىڭ بىر تەرەپتىن ئالدىراش ئىشلىگەچ، يەنە بىر تەرەپتىن كۈلۈپ تۇرۇپ.

  كۆپ يىل بۆلجۈرگەن ئۆستۈرگەن جاڭ شىيىڭ مۇنداق دېدى: بۆلجۈرگەننىڭ سورتى، تەمى ياخشى بولغاچقا، ھەر يىلى تېرىغان بۆلجۈرگەنلەرنى سېتىشتىن غەم قىلمايدىغان بولدۇق، نۇرغۇن كونا خېرىدارلار ئالدىن تېلېفون بېرىدۇ. «بۇ مەزگىلدە، نەنسەنگە چىقىپ ئوينايدىغان ساياھەتچىلەر كۆپ، ھەپتە ئاخىرىدا بىر كۈندە نەچچە مىڭ يۈەن كىرىم قىلغىلى بولىدۇ» دېدى جاڭ شىيىڭ.

  قار تېيىلىش، دېھقانلار ئارامگاھىغا بېرىش، شيەنلەي بازىرىنى ئايلىنىش، ساياھەت پۇقراۋى قونالغۇسىدا قونۇش، قايتىشتا بۆلجۈرگەن ئۈزۈش ئۈرۈمچى ناھىيەسىنى ھازىر شەھەر ئاھالىلىرىنىڭ قىشلىق ساياھەتكە چىقىشىدىكى ئالدىن تاللىشىغا ئايلاندۇردى.

  «ھەممە يەردە ساياھەت قىلغىلى، ئوينىغىلى بولىدىكەن، ئۆيدىكىلەرنىڭ ھەممىسى ھەپتە ئاخىرىدىكى دەم ئېلىش قىسقا كېلىپ قالدى دېيىشتى» دېدى شەھەر ئاھالىسى ۋۇ خەيچۈەن.

  «ئانار بۇلۇت» تىن تەرجىمە قىلىندى

مەسئۇل مۇھەررىر : گۈلبوستان غۇلام

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • تاڭ نۇرىدىكى كۈرەش قىلغۇچىلار
  • قەغەز قىيما سەنئىتى مەكتەپلەرگە كىردى ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت ئۇرۇقى قەلبلەرگە تېرىلدى
  • شىنجاڭنىڭ تاغ-دەريالىرى خۇددى سۈرەتتەك| مۇزلار ئېرىپ دەريا يولى ئېچىلدى قايدۇ دەرياسىدىن باھار ھىدى تارقالدى