12-ئاينىڭ 3-كۈنى، لوپ ناھىيەسى يېزا ئىگىلىك پەن-تېخنىكىسى ئۈلگە كۆرسىتىش رايونى لۇسۈن ئۆلگە كۆرسىتىش بازىسىنىڭ پارنىكىدا، ئىشچى-خىزمەتچىلەر لۇسۈن توشۇماقتا. 2015-يىلى، تەكلىماكان قۇملۇقىنىڭ چېتىگە جايلاشقان لوپ ناھىيەسى نامراتلارنى يۆلەش تۈرى مەبلىغىدىن پايدىلىنىپ، لۇسۈن كىرگۈزۈپ سىناق قىلىپ تېرىپ مۇۋەپپەقىيەت قازاندى. ھازىر، لۇسۈن تېرىقچىلىقى بۇ ناھىيەنىڭ ئىككى يېزا-بازىرىدا كېڭەيتىلىپ، تېرىلغان كۆلەم 200 مودىن ئاشتى ھەمدە ئەتراپتىكى ناھىيە، شەھەرلەرنىڭ لۇسۈن ئۆستۈرۈشىگە تەسىر كۆرسىتىپ تۈرتكە بولدى، 100دىن ئارتۇق كەنت ئاھالىسى لۇسۈن ئۆستۈرۈش ئارقىلىق كىرىمىنى مۇقىم ئاشۇردى.
مەمەتئېلى ئەنۋەر فوتوسى