تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   يېزا - كەنتلەرنى گۈللەندۈرۈش

پەرىدەم مىجىت: ئاددىي تېخنىكتىن كەسىپ ئىشچىسىغا ئايلىنىش

جاڭ لۇ

  12-ئاينىڭ 11-كۈنى، چاپچال شىبە ئاپتونوم ناھىيەسى جاغىستاي بازىرى زاراڭزا كەسىپلەر باغچىسىغا جايلاشقان ياچىنا يېزا ئىگىلىك تەرەققىيات چەكلىك شىركىتىنىڭ ئىشلەپچىقىرىش سېخىدا، پەرىدە مىجىت زاراڭزا مېيىنى ئوراش بىلەن ئالدىراش ئىدى.

  پەرىدە شۇ جايدىكى ئارخىپ تۇرغۇزۇلۇپ كارتا بېجىرىلگەن نامرات ئاھالە ئىدى. شىركەتكە كېلىشتىن ئىلگىرى، ئۇ «تېخنىكىغا نائۇستا» ئىدى. 2017-يىلى، ئۇ كەنتتىكى نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش بويىچە «قىشلىق ھۇجۇم» تەربىيەلەش كۇرسىغا قاتناشتى. كېيىن، كەنت «ئىككى كومىتېت»ىنىڭ تەۋسىيە قىلىشى بىلەن، ياچىنا يېزا ئىگىلىك تەرەققىيات چەكلىك شىركىتىگە كېلىپ، كەسىپ ئىشچىسى بولدى. ئۈچ ئايلىق تەربىيەلىنىش ئارقىلىق، پەرىدە قاچىلاش، ماركا چاپلاش، مەھسۇلات ئوراش قاتارلىق ئاساسىي مەشغۇلاتلارنى ئۆگىنىۋالدى، ئىشىك ئالدىدىلا ئىشقا ئورۇنلىشىش ئۇنىڭ تۇرمۇشىنى بارا-بارا ئەمىن تاپقۇزدى.

  پەرىدە مۇنداق دېدى: تېخنىكا جەھەتتىن تەربىيەلىنىش ھاياتىمنى ئۆزگەرتىپ، مېنى ئىلگىرىكىگە ئوخشىمايدىغان تۇرمۇشقا ئېرىشتۈردى. كەسىپ ئىشچىسى بولغاندىن كېيىن مەندە مۇۋەپپەقىيەت تۇيغۇسى پەيدا بولدى. بۇ يىل 34 ياشقا كىرگەن پەرىدەنىڭ دېيىشىچە، ئىلگىرى ئۇنىڭ ئائىلىسىنىڭ تۇرمۇش شارائىتى ناچار بولۇپ، بىر ئائىلىدىكى بەش جان 30 مو يەرگە تايىنىپ تىرىكچىلىك قىلىدىكەن. ئۇ ۋە ئېرى تېخنىكا بىلمىگەچكە، بىكار چاغلىرىدا پارچە-پۇرات ئىشلارنى قىلغانىكەن.

  ئايالىنىڭ تەربىيەلەنگەندىن كېيىن مۇقىم خىزمەتكە ئېرىشكەنلىكىنى كۆرگەندىن كېيىن، 2018-يىلى قىشتا، ئېرى مەخمۇتجان تەۋەككۈلمۇ كەنتتە ئۆتكۈزۈلگەن «قىشلىق چوڭ تەربىيەلەش»كە تىزىملىتىپ، كەپشەرلەش تېخنىكىسىنى ئۆگەندى. بۈگۈنكى كۈندە، ئۇ كەنتتىكى كەپشەرلەش ماھىرىغا ئايلاندى.

  مەخمۇتجان مۇنداق دېدى: «پارتىيە ۋە ھۆكۈمەتنىڭ ماڭا كەپشەرلەش تېخنىكىسىنى ئۆگىنىش پۇرسىتى بەرگەنلىكىگە رەھمەت، ھازىر بىر ئايلىق مائاشىم 3500 يۈەن ئەتراپىدا بولۇۋاتىدۇ، ئائىلىمىزنىڭ كىرىمى ئىلگىرىكىدىن راستىنلا كۆپەيدى».

  بۈگۈنكى كۈندە، پەرىدە ئەر-ئايالنىڭ ئىشقا ئورۇنلىشىش ماھارىتى بار. 2019-يىلى، پەرىدە ۋە ئېرى ئۆزىنىڭ ھويلىسىغا كالا قوتىنى سالدى. خىزمەتتىن سىرت ئۇلار ھويلا-ئاران باقمىچىلىقى ئارقىلىق كىرىمىنى ئاشۇرۇپ، تۇرمۇشىنى تېخىمۇ ياخشىلىدى.

مەسئۇل مۇھەررىر : قۇربانجان قېيۇم

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • تاڭ نۇرىدىكى كۈرەش قىلغۇچىلار
  • قەغەز قىيما سەنئىتى مەكتەپلەرگە كىردى ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت ئۇرۇقى قەلبلەرگە تېرىلدى
  • شىنجاڭنىڭ تاغ-دەريالىرى خۇددى سۈرەتتەك| مۇزلار ئېرىپ دەريا يولى ئېچىلدى قايدۇ دەرياسىدىن باھار ھىدى تارقالدى