تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   شىنجاڭ

خوتەندىن لەنجوۋ، گۇاڭجوۋغا ئۇچىدىغان ئاۋىياتسىيە لىنىيەسى رەسمىي ئېچىلدى

جەنۇب ئاۋىياتسىيەسىنىڭ خوتەن-لەنجوۋ-گۇاڭجوۋ ئاۋىياتسىيە لىنىيەسى رەسمىي ئېچىلدى.

  تىيانشان تورى خەۋىرى (مۇخبىر گو لىڭ، ئىختىيارىي مۇخبىرلار ۋاڭ لىنا، لى يۇڭگاڭ فوتوسى، خەۋىرى): 12-ئاينىڭ 20-كۈنى سائەت 16دىن 30 مىنۇت ئۆتكەندە، 111 كىشى ئولتۇرغان جەنۇب ئاۋىياتسىيەسىنىڭ CZ5284 قېتىملىق نۆۋەتچى ئايروپىلانى خوتەن ئايرودۇرۇمىدىن ئوڭۇشلۇق ئۇچتى، بۇ، جەنۇب ئاۋىياتسىيەسى خوتەن-لەنجوۋ-گۇاڭجوۋ ئاۋىياتسىيە لىنىيەسىنىڭ رەسمىي ئېچىلغانلىقىدىن دېرەك بېرىدۇ، بۇ ئاۋىياتسىيە لىنىيەسى ئېچىلغاندىن كېيىن، يولۇچىلارنىڭ سەپەرگە چىقىش ۋاقتىنى ئۈچ سائەت تېجىيەلەيدىغانلىقى مۆلچەرلەنمەكتە.

  12-ئاينىڭ 20-كۈنى، مۇخبىرنىڭ جەنۇب ئاۋىياتسىيەسى شىنجاڭ شۆبە شىركىتىدىن ئىگىلىشىچە، بۇ قېتىمقى يېڭىدىن ئېچىلغان ئاۋىياتسىيە لىنىيەسىنىڭ نۆۋەتچى ئايروپىلان نومۇرى CZ5284/3 بولۇپ، ھەر كۈنى بىر نۆۋەت قاتنايدىكەن، بوئېن B738 تىپلىق ئايروپىلان ئۇچۇش ۋەزىپىسىنى ئىجرا قىلىدىكەن، بېرىش-كېلىشتە يولۇچىلارنى 320دىن ئارتۇق ئورۇن بىلەن تەمىنلەيدىكەن. CZ5284 قېتىملىق نۆۋەتچى ئايروپىلان سائەت 16دىن 30 مىنۇت ئۆتكەندە خوتەندىن ئۇچۇپ، سائەت 19دىن 45 مىنۇت ئۆتكەندە لەنجوۋغا يېتىپ بارىدىكەن، 50 مىنۇت توختىغاندىن كېيىن سائەت 20 دىن 35 مىنۇت ئۆتكەندە لەنجوۋدىن ئۇچۇپ، سائەت 23تىن 35 مىنۇت ئۆتكەندە گۇاڭجوۋغا يېتىپ بارىدىكەن. CZ5283 قېتىملىق نۆۋەتچى ئايروپىلان سائەت 7دىن 20 مىنۇت ئۆتكەندە گۇاڭجوۋدىن ئۇچۇپ، سائەت 10دىن 40 مىنۇت ئۆتكەندە لەنجوۋغا يېتىپ بارىدىكەن، 60 مىنۇت توختىغاندىن كېيىن سائەت 11دىن 40 مىنۇت ئۆتكەندە لەنجوۋدىن ئۇچۇپ، سائەت 15تىن 10 مىنۇت ئۆتكەندە خوتەنگە يېتىپ بارىدىكەن. دائىم خوتەن، گۇاڭجوۋدىن ئىبارەت ئىككى جايغا كاماندىروپكىغا بارىدىغان لى خۇيجۈن خانىم مۇنداق دېدى: «ئىلگىرى گۇاڭجوۋغا بېرىشتا ئۈرۈمچىدە باشقا ئايروپىلانغا ئالمىشاتتىم، بىۋاسىتە نۆۋەتچى ئايروپىلان قاتنىغاندىن كېيىن، خوتەندىن گۇاڭجوۋغا بېرىش تېخىمۇ قولايلاشتى».

  ئىگىلىنىشىچە، 2018-يىلىدىن 2020-يىلىغىچە، جەنۇب ئاۋىياتسىيەسى خوتەننى باشلىنىش نۇقتىسى قىلىپ، خوتەن-ئۈرۈمچى، خوتەن-ئاقسۇ-ئۈرۈمچى، خوتەن-ئۈرۈمچى-تيەنجىن، خوتەن-ئۈرۈمچى-شىئەن، خوتەن-ئۈرۈمچى-گۇاڭجوۋ، قەشقەر-خوتەن-جېڭجوۋ، خوتەن-كورلا-چېڭدۇ قاتارلىق يەتتە ئاۋىياتسىيە لىنىيەسىنى كەينى-كەينىدىن ئاچقان. ھازىر جەنۇب ئاۋىياتسىيەسىنىڭ ھەر كۈنى خوتەندىن ئۇچۇپ شىنجاڭدىن چىقىدىغان ۋە شىنجاڭ ئىچى نۆۋەتچى ئايروپىلانى 10دىن 11گىچە بولۇپ، شىنجاڭ سىرتىدىكى قاتناش نۇقتىسى ئالتىگە كۆپەيگەن. خوتەندىن يولغا چىقىپ، بىۋاسىتە شىئەن، جېڭجوۋ قاتارلىق شەھەرلەردە ئايروپىلان ئالمىشىپ، چېڭدۇ، تيەنجىن، لەنجوۋ، گۇاڭجوۋ قاتارلىق ئاۋات سودا، ساياھەت شەھەرلىرىگە بارغىلى بولىدىكەن.

مەسئۇل مۇھەررىر : ياقۇپجان تۇرسۇن

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • تاڭ نۇرىدىكى كۈرەش قىلغۇچىلار
  • قەغەز قىيما سەنئىتى مەكتەپلەرگە كىردى ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت ئۇرۇقى قەلبلەرگە تېرىلدى
  • شىنجاڭنىڭ تاغ-دەريالىرى خۇددى سۈرەتتەك| مۇزلار ئېرىپ دەريا يولى ئېچىلدى قايدۇ دەرياسىدىن باھار ھىدى تارقالدى