تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   بىڭتۇەن

خىزمەتچى ۋاڭ شيۇلى: بۇ ۋاڭخۇڭ ئادەتتىكىچە ئەمەس

بىڭتۇەن گېزىتى خەۋىرى (مۇخبىرلار فەن پېڭ، جاڭ مېڭشۆ خەۋىرى): «دوستلار، بۇ مەن يېڭىلا سېتىۋالغان چىلان، كۆپچىلىكنىڭ داۋاملىق دىققەت قىلىشىنى قارشى ئالىمىز! بۇ چىلانلار چوڭ-كىچىكلىكى، سۈپىتىگە ئاساسەن دەرىجىگە ئايرىلىدۇ، ئېھتىياجى بارلار زاكاز چۈشۈرسە بولىدۇ... » 12-ئاينىڭ 10-كۈنى، 14-شى 244-تۇەن 8-ليەننىڭ خىزمەتچىسى ۋاڭ شيۇلى بىر تەرەپتىن چىلاننى كۆرسەتكەچ، يەنە بىر تەرەپتىن قىسقا سىن كۆرۈنۈشىنى سۈرەتكە ئالدى.

ئۇ مەشغۇلاتقا پىششىق، ئىپادىلەشكە راۋان بولۇپ، يان تېلېفون ئېكرانىدا قىلچە جىددىيلەشمىدى، ئۇنىڭغا ئوخشاش ئادەتتىكى بىر تۇەن-چاڭ خىزمەتچىسىنىڭ مەستانىسىنىڭ 600 مىڭدىن ئاشىدىغانلىقىنى كىممۇ خىيالىغا كەلتۈرسۇن؟

ۋاڭ شيۇلى 2018-يىلى قىسقا سىن بىلەن ئۇچراشقان، دەسلەپتە پەقەت كۆرۈشنى ياخشى كۆرەتتى، كېيىن، بەزىلەرنىڭ قىسقا سىن ئارقىلىق مەھسۇلات ساتقانلىقىنى كۆرۈپ، ئۇ، 244-تۇەننىڭ چىلىنى شۇنداق ياخشى تۇرسا، نېمىشقا توردا سېتىپ سىناپ باقمايمەن دەپ ئويلاپ قالدى. ئارقىدىن، ئۇ چىلانزارلىقتا شاخ پۇتىغان، بىخ ئۈزگەن ئەمگەك مەنزىرىسىنى ۋە چىلاننىڭ ئۆسۈش جەريانىنى سۈرەتكە تارتىپ، قىسقا سىن شەكلىدە توردا تارقاتتى، ۋاقىت ئۇزارغانسېرى، دىققەت قىلىدىغان كىشىلەر بارغانسېرى كۆپەيدى. ھازىر، ئۇنىڭ ئائىلىسى ئىشلەپچىقارغان چىلانلار ئاساسەن توردا سېتىلىۋاتىدۇ، بۇنىڭدىن باشقا، ئۇ يەنە توردا ھەسەل، ئالقات، ياڭاق، كىشمىش قاتارلىق ئالاھىدە مەھسۇلاتلارنى ساتىدۇ.

نۆۋەتتە، ۋاڭ شيۇلىغا ئوخشاش، توردا يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرىنى ساتىدىغان ئىشچى-خىزمەتچىلەر 224-تۇەندە ئاز ئەمەس. 8-ليەننىڭ خىزمەتچىسى چېن فېڭجياۋ 2017-يىلىدىن باشلاپ توردا يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرىنى سېتىشقا باشلىغانىدى، ھازىر تور ئارقىلىق ھەر يىلى 20 توننىدىن ئارتۇق چىلان، تۆت توننا ئەتراپىدا ھەسەل، ئالتە توننا ئەتراپىدا ياڭاق ساتالايدىغان بولدى.

يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، جەنۇبىي شىنجاڭدا چىلانچىلىق كەسپى ئۈزلۈكسىز زورايدى، چىلاننىڭ سېتىلىش مەسىلىسىنى ھەل قىلىش ئۈچۈن، نۇرغۇن ئىشچى-خىزمەتچى توردا بىۋاسىتە كۆرسىتىش، توردا چىلان سېتىشنى باشلىدى. ئىشچى-خىزمەتچى ئاممىنىڭ توردا سېتىش ماھارىتىنى ئىگىلىشىگە ياردەم بېرىش ئۈچۈن، 244-تۇەن ھەر يىلى كۆپ قېتىم ئېلېكتىرونلۇق سودا بويىچە تەربىيەلەش كۇرسى ئېچىپ، «چىقىرىش»، «كىرگۈزۈش» قاتارلىق ئۇسۇللارنى قوللىنىپ، ئىشچى-خىزمەتچى ئاممىنى تەربىيەلىدى. 2019-يىلى، 224-تۇەن ئېلېكتىرونلۇق سودا جەمئىيىتى قۇردى، شۇ يىلى، توردا، تور سىرتىدا 1500 توننىدىن ئارتۇق چىلان سېتىلىپ، يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرىنىڭ سېتىلىش سوممىسى 52 مىليون يۈەندىن ئېشىپ كەتتى. ئېلېكتىرونلۇق سودا كەسپىنىڭ تەرەققىياتىغا يار-يۆلەك بولۇش ئۈچۈن، 224-تۇەن يەنە ئېلېكتىرونلۇق سودىدا يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرىنى سېتىش تېز يوللانما ئەشيا ئوبوروتى تولۇقلىما پۇلى سىياسىتىنى ئوتتۇرىغا قويدى.

ئۈزلۈكسىز زورىيىۋاتقان ئېلېكتىرونلۇق سودا كەسپى 224-تۇەننىڭ ئەشيا ئوبوروتى كەسپىنىڭ تەرەققىياتىغا تۈرتكە بولدى. نۆۋەتتە، 224-تۇەننىڭ تەۋەلىكىدە ئەشيا ئوبوروت شىركىتىدىن ئونى بار بولۇپ، يۈەنتۇڭ تېز يەتكۈزۈش قاتارلىق ئەشيا ئوبوروت شىركەتلىرىنىڭ ئىشىك ئالدىغىچە بېرىپ يۈك توشۇش كەسپى نۇرغۇن ليەندۈيلەرنى قاپلىدى.

مەسئۇل مۇھەررىر : گۈلبوستان غۇلام

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • تاڭ نۇرىدىكى كۈرەش قىلغۇچىلار
  • قەغەز قىيما سەنئىتى مەكتەپلەرگە كىردى ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت ئۇرۇقى قەلبلەرگە تېرىلدى
  • شىنجاڭنىڭ تاغ-دەريالىرى خۇددى سۈرەتتەك| مۇزلار ئېرىپ دەريا يولى ئېچىلدى قايدۇ دەرياسىدىن باھار ھىدى تارقالدى