تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   پەن-مائارىپ

شىنجاڭدىكى ئالتە مەكتەپ يېزا-كەنتلەردىكى ئىللىق مەكتەپ تىپىك مىسالى مەكتىپىگە تاللاندى

   شىنجاڭ گېزىتى خەۋىرى (مۇخبىر جاۋ شىيا): يېقىندا، مائارىپ مىنىستىرلىقى تۇنجى تۈركۈمدىكى 100 يېزا ئىللىق مەكتەپ تىپىك مىسالى مەكتىپىنى بېكىتتى، شىنجاڭدىكى ئالتە ئوتتۇرا، باشلانغۇچ مەكتەپ تاللاندى.

   بۇ ئالتە مەكتەپ قورغاس ناھىيەسى لۇساۋگۇ بازارلىق مەركىزىي مەكتەپ، چەرچەن ناھىيەلىك 1-باشلانغۇچ مەكتەپ، قەشقەر كوناشەھەر ناھىيەسى توققۇزاق بازارلىق مەركىزىي باشلانغۇچ مەكتەپ، بىڭتۇەن 7-شى 130-تۇەن گۇڭچىڭچېڭ تولۇق ئوتتۇرا مەكتىپى، 8-شى 143-تۇەن باشلانغۇچ مەكتىپى ۋە 13-شى خۇڭشىڭ 1-مەيدان مەكتىپىدىن ئىبارەت.

   ئىگىلىنىشىچە، يېزا-كەنتلەردىكى ئىللىق مەكتەپ قۇرۇلۇشى خىزمىتى دۆلەتنىڭ مەجبۇرىيەت مائارىپىنى ئىلگىرى سۈرۈشتىكى شەھەر-يېزا بىر گەۋدىلەشكەن تەرەققىيات ۋە ئەلا سۈپەتلىك تەكشى تەرەققىياتىنىڭ بىر تۈرلۈك مۇھىم مەزمۇنى بولۇش سۈپىتى بىلەن، يېزا-كەنت مەكتەپلىرىنىڭ مەكتەپ بىناسى قاتارلىق «قاتتىق مۇھىت» بىلەن مەنىۋى مەدەنىيەت قاتارلىق «يۇمشاق مۇھىت»نى بىرلەشتۈرۈپ، يېزا-كەنت مائارىپىنىڭ سۈپىتىنى ئومۇميۈزلۈك ئۆستۈرۈپ، يېزا بالىلىرىنىڭ ئادىل ھەم سۈپەتلىك مائارىپتىن بەھرىمەن بولۇشىغا كاپالەتلىك قىلىشنى مەقسەت قىلغان.

   ئالىي مائارىپ مىنىستىرلىقى مۇنۇلارنى تەلەپ قىلدى: ئۆلكە دەرىجىلىك مائارىپ مەمۇرىي تارماقلىرى مەجبۇرىيەت مائارىپىدىكى ئاجىز ھالقىلارنى ياخشىلاش ۋە ئىقتىدارىنى ئۆستۈرۈش قاتارلىق خىزمەت تۈرلىرىگە بىرلەشتۈرۈپ، تۈرلۈك قوللاش تەدبىرلىرىنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، تىپىك تەجرىبىلەرنى يەكۈنلەپ ۋە ئومۇملاشتۇرۇپ، يېزا-كەنتلەردىكى ئىللىق مەكتەپ قۇرۇلۇشىنى سىجىل ئىلگىرى سۈرۈپ، يېزا-كەنت مائارىپىنىڭ تۆۋەن قىسمىنى ئۈزلۈكسىز يۇقىرى كۆتۈرۈشى كېرەك، يېزا-كەنتلەردىكى ئىللىق مەكتەپلەرنى تولۇق قاپلاشنى ئىشقا ئاشۇرۇشنى ئىلگىرى سۈرۈش كېرەك.

مەسئۇل مۇھەررىر : ياقۇپجان تۇرسۇن

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • تاڭ نۇرىدىكى كۈرەش قىلغۇچىلار
  • قەغەز قىيما سەنئىتى مەكتەپلەرگە كىردى ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت ئۇرۇقى قەلبلەرگە تېرىلدى
  • شىنجاڭنىڭ تاغ-دەريالىرى خۇددى سۈرەتتەك| مۇزلار ئېرىپ دەريا يولى ئېچىلدى قايدۇ دەرياسىدىن باھار ھىدى تارقالدى